سوئال: قول كومپيوتېرىمدا خەت كىرگۈزگەندە بەزى ھەرپلەرنى باسسام رەقەم چىقىدىغان بولۇۋالدى، كونۇپكا تاختىسى بۇزۇلغانمىدۇ ياكى نېمە ئىشتۇ بىلەلمەي قالدىم، مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت.
جاۋاب: كۆپىنچە قول كومپيوتېرىنىڭ كونۇپكا تاختىسىدا ئايرىم رەقەم كونۇپكا رايونى بولمىغانلىقتىن (ئۈستەل كومپيوتېرىنىڭكىدەك دېمەكچى)، سان- سىفىر بىلەن تولىراق ھەپىلىشىدىغانلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ھەرپ كونۇپكا رايونىنىڭ بىر قىسىمىغا سان كونۇپكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ خىلدىكى كونۇپكا تاختىلىرىدا مەخسۇس مۇشۇ ئىقتىدارنى ئېتىپ ئاچىدىغان بىر كونۇپكا بار. سىز كونۇپكا تاختىسىنىڭ ئۈستى قىسىمىدىكى ئىقتىدار كونۇپكا رايونىغا (F12 نىڭ ئەتراپىغا) تەپسىلىي قارىسىڭىز، Numlock ياكى Num دەپ خەت يېزىلغان بىر كونۇپكا بار (بەزى كومپيوتېرلاردا بەلكىم ئاستىدىكى Ctrl نىڭ يېنىدا بولۇشى مۇمكىن). مۇشۇ كونۇپكىنى بىر بېسىۋەتسىڭىز ئوڭشىلىدۇ. ئەگەر Numlock ياكى Num دېگەن خەت قىزىل رەڭدە يېزىلغان بولسا، Fn كونۇپكىسى بىلەن بىرىكتۈرۈپ بېسىڭ.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى