يېقىندا تەھرىرلىگەن ھۆججەتنى قايتا ئاچسام مۇشۇنداق ئۇچۇر چىقىۋېلىپ ئېچىلمىدى، قانداق قىلىمەن؟
جاۋاب: ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، سىز ئەسلى ھۆججەتنى بارماقدېسكىدا ساقلاپسىز (G دېسكىنى بارماقدېسكا بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدىم)، ياكى بولمىسا، ئەسلى ھۆججەتنى ساقلىغان دېسكا ياكى مۇندەرىجىنى ئۆزگەرتىپسىز. WPS قوزغالغاندىن كېيىن يېقىندا ئىشلەتكەن ھۆججەتلەرنىڭ نامى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، بۇ پەقەت ھۆججەتنىڭ ئىسمى ۋە ساقلانغان ئورنى ساقلىنىپ قالىدىغان «قىسقا يول» (快捷方式) دىن ئىبارەت، ھۆججەتنىڭ ئۆزى ئەمەس. ھۆججەت ئەسلى مەنبەسىدىن يۆتكىۋېتىلسە، ئىسمى ئۆزگەرتىلسە، ياكى ھۆججەت يولىدا ئۆزگىرىش بولسا (ھۆججەت ساقلانغان ئادرېستا ئۆزگىرىش بولسا) قىسقا يول رولىنى يوقىتىدۇ- دە، ھۆججىتىڭىز ئېچىلمايدۇ. بۇنى ئوڭشاشنىڭ بىردىنبىر ئامالى ھۆججەت ساقلانغان ئەسلى دېسكا (ئەسلى ھۆججەت ساقلانغان ئادرېس) ۋە مۇندەرىجىگە كىرىپ ھۆججەتنى تېپىپ ئاچسىڭىز بولىدۇ.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى