كومپيوتېر

كومپيوتېرنىڭ ئېكران يورۇماسلىق سەۋەبلىرى ۋە ئوڭشاش ئۇسۇلى

كومپيوتېرنىڭ ئېكران يورۇماسلىق سەۋەبلىرى ۋە ئوڭشاش ئۇسۇلى-1

كومپيوتېرنى توك مەنبەسىگە ئۇلاپ قوزغاتقاندىن كېيىن، ئېكران يورۇماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ، ئومۇملاشتۇرغاندا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

بىرىنچى، سىم يوللىرىدىكى مەسىلە.

ئىككىنچى، ئېكراندىكى مەسىلە.

ئۈچىنچى، باش ئاپپاراتتىكى مەسىلە.

سىم يوللىرىدىكى مەسىلىنى بايقاش ۋە دىئاگنوز قويۇپ ئوڭشاش ئىنتايىن ئاددىي.  توك سىمى ۋە ئۇچۇر سىمىنى تەكشۈرىمىز، ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقىمىز.

ئېكراندىكى ۋە باش ئاپپاراتتىكى مەسىلىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى- ئېكراننى باشقا كومپيوتېرغا چېتىپ كۆرۈپ بېقىپ، مەسىلىنىڭ ئېكراندا ياكى باش ئاپپاراتتا ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالىمىز ۋە بىر- بىرلەپ تەھلىل قىلىمىز.

مەسىلىنى بايقىغاندىن كېيىن، سىرتقى ئامىللاردىن ئىچكى ئامىللارغا، فىزىكىلىق ئامىللاردىن يۇمشاق دېتال مەسىلىلىرىگە قاراپ تەرتىپ بويىچە ئانالىز قىلىمىز. يەنى، ئالدى بىلەن «سىملىرى تېگىشمەي قالغان ئەھۋال بارمۇ- يوق، توك بېسىمى تۇراقسىزمۇ ئەمەسمۇ»، ئاندىن كېيىن «مەسىلە ئېكراندىمۇ ياكى باش ئاپپاراتتىمۇ»… دېگەندەك.

تۆۋەندە، ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەرنى بىر بىرلەپ يېشەيلى:

1. مەسىلە: ئېكراننىڭ توك مەنبە چىرىغى يورۇمىدى، ھېچقانداق ئىنكاس يوق.

ئانالىز: توك سىمى ياخشى تېگىشمىگەن ياكى ئېكراننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى  بېسىم ئۆزگەرتكۈچى دېتاللاردا  مەسىلە كۆرۈلگەن.

تەكشۈرۈش ۋە ئوڭشاش ئۇسۇلى: ئېكران توكقا ئۇلانغان ئەھۋالدا ئېكراننىڭ توك مەنبە چىرىغى يورۇمىغان بولسا، توك سىمىنى قايتا چېتىپ باقىمىز ياكى ئالماشتۇرۇپ كۆرىمىز. مەسىلە يەنىلا ئوخشاش بولسا، ئېكراننىڭ ئىچىنى ئاچماي ئوڭشىغىلى بولمايدۇ، كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

كومپيوتېرنىڭ ئېكران يورۇماسلىق سەۋەبلىرى ۋە ئوڭشاش ئۇسۇلى-2

2. مەسىلە: ئېكرانغا توك ئۆتتى، لېكىن سىگنال يوق (باش ئاپپارات يەنى 主机 قېپى ئىچىدىكى CPU شامالدۇرغۇچى نورمال ئايلىنىۋاتقان ۋە كۆرسەتمە چىراغلىرى نورمال يورۇغان بولسا).

ئانالىز: بۇ باش ئاپپاراتنىڭ نورمال خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، پەقەت ئېكرانغا ئۇچۇر كەلمىگەنلېكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇچۇر سىمى ياكى كۆرسىتىش كارتىسى (显卡) دا مەسىلە كۆرۈلگەن.

تەكشۈرۈش ۋە ئوڭشاش ئۇسۇلى: ئېكران ئۇچۇر سىمىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرىمىز، يەنىلا ئوخشاش بولسا، كۆرسىتىش كارتىسىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرىمىز. كۆرسىتىش كارتىسىنى ئالماشتۇرۇشقا ئائىلە ۋە ئىشخانىدا شارائىت بولمايدۇ، شۇڭا ئەپچىلرەك ئۇسۇل- ئېكراننى باشقا كومپيوتېرغا چېتىپ كۆرۈپ باقساق بولىدۇ. ئەگەر باشقا كومپيوتېردا ئېكران نورمال يورۇسا، مەسىلە چوقۇم كۆرسىتىش كارتىسىدا بولغان بولىدۇ.

كومپيوتېرنىڭ ئېكران يورۇماسلىق سەۋەبلىرى ۋە ئوڭشاش ئۇسۇلى-3

3. مەسىلە: ئېكرانغا توك ئۆتتى، لېكىن سىگنال يوق (CPUشامالدۇرغۇچى ئايلانمىغان، كۆرسەتمە چىراغلىرى يورۇمىغان بولسا).

 

ئانالىز: باش ئاپپارات (主机) نورمال قوزغىلالمىغان. باش ئاپپاراتنىڭ توك سىمىدا مەسىلە يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، توك مەنبەسى (电源)، ئاساسىي تاختا (主板)، ئىچكى ساقلىغۇچ (内存) ۋە CPU قاتارلىق تۆت زاپچاستىن گۇمانلىنىشقا بولىدۇ.

تەكشۈرۈش ۋە ئوڭشاش ئۇسۇلى: تۆۋەندىكى ئىككى باسقۇچ بويىچە تەكشۈرىمىز:

بىرىنچى، باش ئاپپارات (主机) نىڭ ئىچى زىيادە چاڭ- توزان بولۇپ كېتىش سەۋەبلىك ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ تۇتىشىش ئېغىزى مەينەت بولۇپ كەتكەنمۇ يوق، تەكشۈرىمىز. ئىچكى ساقلىغۇچنى چىقىرىپ، پۈۋلەپ تازىلايمىز، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئاساسىي تاختىغا تۇتىشىش توك يولىدىكى مېتال ياپراقچە بار قىسىمىنى قېرىنداش قەلەمنىڭ ئۆچۈرگۈچىدە ئېھتىيات بىلەن سۈرتۈپ، يېپىشىپ قالغان مىكرو ئۆتكۈزگۈچ توزانلارنى ۋە داغلارنى پاكىز چىقىرىۋېتىمىز (قەغەز ياكى لۆڭگە بىلەن سۈرتمەڭ). يەنە بىر كىچىك ئېھتىماللىق- سىتاتىك ئېلېكتىر ھادىسىسى، يەنى تىنچ زەرەتنىڭ يىغىلىپ قېلىشى. كومپيوتېرنىڭ ساندۇقى مېتالدىن ياسالغان بولغاچقا، نورمال ئەھۋالدا ئاساسىي تاختا (主板) دىكى نازۇك زاپچاسلارغا تىنچ زەرەت توپلىشىپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بەرمەيدۇ، چۈنكى مېتال قاپ زەرەت قويۇپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. ناۋادا تۈرلۈك ئامىللار تۈپەيلىدىن، ئاز ئۇچرايدىغان بۇ ھادىسە يۈزبەرسە، باش ئاپپارات (主机) غا ئۇلانغان بارلىق سىملارنى چىقىرىۋېتىپ تۇرۇپ، ئاساسىي تاختىنى قولىمىزدا يەڭگىل سىلاپ قويساقلا بولىدۇ، ئادەم بەدىنى ئۆتكۈزگۈچ بولغاچقا، ئېلېكتىر سىتاتىكنى تارقىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

كومپيوتېرنىڭ ئېكران يورۇماسلىق سەۋەبلىرى ۋە ئوڭشاش ئۇسۇلى-4

ئىككىنچى، يەنىلا ئوڭشالمىسا، بۇ تۆت زاپچاسنى تەرتىپ بويىچە چىقىرىپ ئالماشتۇرۇپ كۆرۈپ باقىمىز. ئادەتتە، ئاسانراق ئۇسۇل- ئالدى بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچ (内存) نى ئالماشتۇرۇپ كۆرىمىز. ئەگەر ئىككى دانە ئىچكى ساقلىغۇچ ئورنىتىلغان بولسا، تەرتىپ بويىچە بىر قېتىمدا بىرسىنىلا سېلىپ، باشقا- باشقا ئوقۇرغا ئالماشتۇرۇپ كۆرىمىز. ئىككىلا ئىچكى ساقلىغۇچ بىرلا ۋاقىتتا كۆيۈپ كېتىدىغان ئەھۋال ئادەتتە كۆپ ئۇچرىمايدۇ. CPU بولسا ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بولغان زاپچاس، كۆيۈپ كېتىشى ئادەتتە ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. مەسىلە ئىچكى ساقلىغۇچتا ئەمەسلىكى ئېنىق بولسا، كۆپىنچە توك مەنبە (电源) دىن، قىسمەن ئەھۋالدا ئاساسىي تاختا (主板) دىن چىقىدۇ. بۇنى كەسپىي ئۈسكۈنە بولمىغان شارائىتتا پەقەت بىر- بىرلەپ ئالماشتۇرۇپ بېقىش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. كاشىلىنىڭ ئورنى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، كاشىلا چىققان زاپچاسنى ئالماشتۇرىمىز ياكى رېمونت قىلدۇرىمىز.

 

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى