سوئال-جاۋاب

مېخانىكىلىق قاتتىق دېسكا (机械硬盘) ۋە ئۆزەكلىك قاتتىق دېسكا (固态硬盘 ياكى SSD) نىڭ قانداق پەرقى بار؟

جاۋاب: مېخانىكىلىق قاتتىق دېسكا ماگنىتلىق ساقلىغۇچقا تەۋە بولۇپ، ماگنىتلىق مېتال پىلاستىنكا، ئېلېكتىر ماتور (ماگىنىتلىق تەخسىنى ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ)، ماگنىتلىق باش، لوگىكىلىق كونتروللاش توك يولى قاتارلىق بۆلەكلەردىن تۈزۈلىدۇ. ياساش ھۈنەر- سەنئىتى ۋە تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەن،  كۆپ قېتىم تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئىشلىتىلىش ئۆمرى تەخمىنەن 40 مىڭ سائەت (10-12 يىل ئەتراپىدا). ئوقۇش- يېزىش تېزلىكى ماگىنتلىق تەخسىنىڭ ئايلىنىش تېزلېكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. سىغىمى چوڭ، تەننەرخى ئەرزان.

مېخانىكىلىق قاتتىق دېسكا (机械硬盘) ۋە ئۆزەكلىك قاتتىق دېسكا (固态硬盘 ياكى SSD) نىڭ قانداق پەرقى بار؟-1

 

ئۆزەكلىك قاتتىق دېسكا بولسا NAND ساقلىغۇچ ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە كونترول ئۆزىكى، لوگىكىلىق كونتروللاش توك يولى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن. DRAM چاقماق ساقلىغۇچ (Flash) ئۆزىكىنى ئاساسلىق ساقلاش ۋاستىسى قىلىدۇ. ئالاھىدىلىكى ئوقۇش يېزىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، ئىشلىتىلىش ئۆمرى تەخمىنەن 20 مىڭ سائەت ئەتراپىدا. ياساش ھۈنەر- سەنئىتى مۇرەككەپ بولۇپ، نۆۋەتتە NAND چاقماق ساقلىغۇچ  ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە كارخانىلار ساناقلىقلا. شۇنىڭغا ماس ھالدا باھاسى نىسبەتەن قىممەت. TB سىغىمدىكى ئۆزەكلىك قاتتىق دېسكىنىڭ باھاسى تۆۋەن دەرىجىلىك بىر خاتىرە كومپيوتېرنىڭ باھاسىغا تەڭلىشىپ قالىدۇ. لېكىن، تېخنىكىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە خۇسۇسىي كومپيوتېر بازىرىدىكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىشى چوقۇم.

مېخانىكىلىق قاتتىق دېسكا (机械硬盘) ۋە ئۆزەكلىك قاتتىق دېسكا (固态硬盘 ياكى SSD) نىڭ قانداق پەرقى بار؟-2

 

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى