سوئال-جاۋاب

Windows سىستېمىسىنى يانفوندا ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟

سوئال:Windows سىستېمىسىنى يانفوندا ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟-1

جاۋاب: سوئال سورىغۇچىنىڭ يېڭى ئۆگەنگۈچى ئىكەنلىكىنى بايقاش قىيىن ئەمەس.  Windows مەشغۇلات سسىتېمىسى يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان سىستېما. يانفوننىڭ كۆچمەARM  رامكىسىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچىدا (CPU) ئىجرا بولالمايدۇ. شۇڭلاشقا يانفوندا ۋىندوۋس سۇپىسىدىكى سىستېما ۋە پروگراممىلارنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلىش مۇمكىن ئەمەس. نۆۋەتتە بۇلۇت كومپيوتېرى دەپ ئاتىلىدىغان تېخنىكا ئارقىلىق، يانفوندا مەۋھۇم ھالەتتە كومپيوتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىجرا قىلغىلى بولسىمۇ، ئۇ يىراقتىن ھەقىقىي كومپيوتېرغا ئۇلاپ تەقلىدىي مەشغۇلات قىلغانغا باراۋەر. ھەم بۇ كېيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە يانفونىمىزدىلا بۇلۇت كومپيوتېرىغا ئۇلىنىپ، يىراق مۇساپىدىن كومپيوتېرنى كونتروللاپ، ۋىندوۋس سۇپىسىدىكى ئىقتىدارلارنى تەقلىدىي ئىشلىتىش بىر يۈزلىنىش بولۇپ قېلىشى چوقۇم.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى