سوئال-جاۋاب

ۋىرۇس بولۇپ كومپيوتېر تونۇمىغان بارماق دېسكىنى قانداق ئوڭشايمىز؟

ۋىرۇس بولۇپ كومپيوتېر تونۇمىغان بارماقدېسكىنى قانداق ئوڭشايمىز؟-1

جاۋاب: يېڭى ئىشلەتكۈچىلەرنى ئەڭ قىينايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بارماقدېسكىنى كومپيوتېر نورمال تونۇمىسا بىرىنچى قىلىدىغان ئىشىمىز- مەسىلە بارماقدېسكىدىمۇ ياكى كومپيوتېردىمۇ دېگەننى ئېنىقلايمىز. چۈنكى بارماقدېسكىنى كومپيوتېر نورمال تونۇيالماسلىقىنىڭ سەۋەبى كۆپ. ئېنىقلاش ئۇسۇلى- بارماقدېسكىنى باشقا كومپيوتېرغا ياكى باشقا بارماقدېسكىنى مۇشۇ كومپيوتېرغا چېتىپ بېقىڭ. مەسىلە كومپيوتېردا بولسا كومپيوتېردىكى مەسىلىنى ھەل قىلىمىز. بارماقدېسكىدا بولۇپ چىقسا كومپيوتېر تونۇمىغان بارماقدېسكىنى ئەلۋەتتە كومپيوتېرغا چېتىپ ئوڭشىغىلى بولمايدۇ. كومپيوتېردا بارماقدېسكىنى ئوڭشاش دېگەنلىك چوقۇم بارماقدېسكىنى نورمال تونۇغاندىن كېيىن قىلغىلى بولىدىغان مەشغۇلات.

ئىزاھات: بارماقدېسكىدا يۈز بېرىدىغان كۆپ مەسىلىلەر ئاساسەن ساقلاش ئۆزىكىنىڭ سۈپەت مەسىلىسىدىن كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭلاشقا بارماقدېسكا سېتىۋالغاندا داڭلىق ماركىلىق، سۈپەت كاپالىتى بار بولغانلىرىنى سېتىۋېلىڭ، نەچچە ئون يۈەننىڭ كۆزىگە قارىماڭ.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى