كومپيوتېر

قاتتىق دېسكىنى رايونلارغا بۆلۈش ۋە رايون جەدۋىلى ھەققىدە

قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىش ئەمەلىيەتتە بىر كىتابنى بىر نەچچە بابقا بۆلۈپ مۇدەرىجە تۇرغۇزۇپ قويغانغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئىش. رايونغا بۆلۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان يۇمشاق دېتاللار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، Disk Genius ، Partition Manager، PartitionMagic قاتارلىقلار بار. بۈگۈن بىز DG نى مىسال قىلىپ، قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىش ئۈستىدە توختىلايلى.

رايون جەدۋىلىدە Windows سىستېمىسى ئۈچۈن MBR ۋە GUID يېتەكلەش تىپى قوللىنىلىدۇ، ئادەتتە MBR شەكلىدىكى رايون جەدۋىلى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. ماركىلىق كومپيوتېر ياكى قول كومپيوتېرلىرىدىكى ئەسلى نەشىر سىستېما قاچىلانغان قاتتىق دېسكا رايون جەدۋىلىنىڭ يېتەكلەش تىپى GUID شەكلىدە چىقىدۇ، بۇنىڭ C رايونىغا Ghost سىستېمىلارنى قاچىلاپ قويسىڭىز قوزغىلالمايدۇ. رايونغا بۆلۈشتىن ئاۋۋال GUID نى MBR يېتەكلەش شەكلىگە ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك.

ئىللىق ئەسكەرتىش: قاتتىق دېسكىنى رايونغا بۆلۈش ئۆزى ئاددىي بولغان بىلەن بىر قەدەر يۇقىرى قاتلاملىق مەشغۇلات، شۇڭا تولۇق چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ ئاندىن قول سېلىڭ.

 

ئەمىسە تېمىنى چەمبىرەككە يوللىۋېتىپ، دەرسكە دىققەت قىلايلى:

تەييارلىق: WinPE قوزغىتىش دېسكىسى (بارماقدېسكا ياكى ئوپتىك دېسكا) نى كومپيوتېرغا ئۇلايمىز.

مەشغۇلات باسقۇچى:

1. كومپيوتېرنىڭ توك مەنبەسىنى ئېچىپ، F12 كونۇپكىسىنى (بەزى كومپيوتېرلاردا F8 نى) بېسىپ تۇرساق، قوزغاتقۇچ دېسكىنى تاللاش تىزىملىكى چىقىدۇ (قول كومپيوتېرىدا ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، ئوڭۇشلۇق بولمىسا بەيدۇغا كومپيوتېرىڭىزنىڭ ماركا- تىپىنى يېزىپ ئىزدەپ بېقىڭ).

 

قاتتىق دېسكىنى رايونلارغا بۆلۈش ۋە رايون جەدۋىلى ھەققىدە-1

تىزىملىكتىن USB نى (ئوپتىك دېسكىدىن قوزغاتماقچى بولساق CD/DVD نى) تاللاپ جەزملەشتۈرسەك، WinPE نىڭ قوزغىلىش تىزىملىكى چىقىدۇ. بۇنىڭدىن WinPE نى تاللاپ قوزغىتىمىز.

قاتتىق دېسكىنى رايونلارغا بۆلۈش ۋە رايون جەدۋىلى ھەققىدە-2

2. WinPE قوزغىلىپ بولغاندىن كېيىن، DiskGenius نى ئىجرا قىلىمىز (باشقا رايونغا بۆلۈش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى Disk Genius بىلەن ئاساسەن ئوخشاش).

قاتتىق دېسكىنى رايونلارغا بۆلۈش ۋە رايون جەدۋىلى ھەققىدە-3

قاتتىق دېسكىنى بايقىغاندىن كېيىن ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بۇيەردە قاتتىق دېسكىنىڭ نومۇرىغا دىققەت قىلىڭ، بارماقدېسكا ياكى باشقا قاتتىق دېسكا يانداش ئۇلانغان بولسا خاتا تاللاپ قويسىڭىز سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز. ئادەتتە ئاساسىي قاتتىق دېسكىنى نۆلىنچى قاتتىق دېسكا دەپ تونۇيدۇ. 

قاتتىق دېسكىنى رايونلارغا بۆلۈش ۋە رايون جەدۋىلى ھەققىدە-4

3. قورال ئىستونىدىن 快速分区 نى باسساق، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك رامكا چىقىدۇ، بۇ يەردىن ئەڭ ئوڭاي ۋە تېز ئۇسۇلدا قاتتىق دېسكىنى رايونغا بۆلگىلى بولىدۇ. 

 

قاتتىق دېسكىنى رايونلارغا بۆلۈش ۋە رايون جەدۋىلى ھەققىدە-5

رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، رايون جەدۋىلى تىپى 分区表类型 نى MBR قىلىپ بەلگىلەپ، ئايرىماقچى بولغان رايون سانىنى تاللاپ، ھەر قايسى رايونغا بۆلۈپ بېرىدىغان سىغىمنى كىرگۈزىمىز. رايون جەدۋىلى تىپى ئەسلى نەشىر سىستېما قاچىلانغان ماركىلىق كومپيوتېر ۋە قول كومپيوتېرلىرىدا GUID بولۇپ، ئەسلىدىكى سىستېمىدىن ۋاز كېچىپ Ghost سىستېما قاچىلىماقچى بولساق، مۇشۇ تەڭشەكنى MBR تىپىغا ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.

 

بۇ يەرگە كەلگەندە مەشغۇلاتنى توختىتىپ، ئازراق پاراڭغا قۇلاق سالايلى (بۇ ئىمتىھانغا چىقىدىغان يېرى):

 

قاتتىق دېسكىنى رايونلارغا بۆلۈش ۋە رايون جەدۋىلى ھەققىدە-6

MBR شەكلىدە رايونغا ئايرىغاندا، بىر ئاساسىي ئاكتىپ رايون (系统区,激活区,主分区) ۋە بىر كېڭەيتىلگەن رايون (扩展区) بولىدۇ، كېڭەيتىلگەن رايون ئىچىدە يەنە بىرقانچە لوگىكىلىق رايون (逻辑分区) بولىدۇ. تېخىمۇ ئاممىباب قىلىپ دېسەك، ئادەتتە C رايون ئاساسىي رايون، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق رايونلار كېڭەيتىلگەن رايوننىڭ ئىچىدىكى لوگىكىلىق رايونلاردىن ئىبارەت.

 قاتتىق دېسكىنى رايونلارغا بۆلۈش ۋە رايون جەدۋىلى ھەققىدە-7

قاتتىق دېسكىنىڭ ماگنىتلىق تەخسىسىنىڭ ئايلىنىش تېزلىكى مۇقىم بولغاندا، ئەڭ سىرتقى ماگىنىت يولىنىڭ ئوقۇش- يېزىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولىدۇ (چەمبەر مەركىزىدىن يىراقلىغانسېرى مەركەزنى ئايلىنىش ئۈچۈن كۆپرەك مۇساپىنى بېسىش كېرەك)، سىستېما ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەقىللىق ئالىملار رايونغا بۆلگەندە دەل ئاشۇ تېزلىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەڭ سىرتقى ماگىنىت يولى بۆلېكىنى C رايونغا بۆلۈپ بەرگەن. مانا بۇ C رايوننىڭ ئوقۇش- يېزىش تېزلېكىنىڭ باشقا رايوننىڭكىدىن تېزراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى.

4. MBR ۋە رايون سىغىمىنى تەڭشەپ بولۇپ جەزملەشتۈرسەك، بىر ئازدىن كېيىن رايون جەدۋىلى قۇرۇش تاماملىنىدۇ (ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلدى).

 

قاتتىق دېسكىنى رايونلارغا بۆلۈش ۋە رايون جەدۋىلى ھەققىدە-8

 

C رايون ئاساسىي پائالىيەت رايونى بولغاچقا، ئۇنىڭ سىغىمىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىش كېرەك. كىچىك بولۇپ قالسا قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللار كۆپرەك بولغانداسىستېما رايونىنىڭ سىغىمى يېتىشمەي، سىستېما راۋان خىزمەت قىلالمايدۇ. زىيادە چوڭ قىلىۋەتسەك، بوشلۇق ئىسراپ بولۇپلا قالماي، سىستېمىنىڭ سۈرئىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ (ئامبار چوڭ، لازىملىق نەرسىنى ئىزدەپ تېپىشقا ۋاقىت كېتىدۇ دە). ئادەتتە قاتتىق دېسكىڭىزنىڭ سىغىمىغا قاراپ، 50-100 گېگابايت ئارىلىقىدا ئايرىسىڭىز بولىدۇ.

 

رايون جەدۋىلى — 分区表 — PartitionTable

ئاساسىي رايون — 主分区 —

ئاكتىپ رايون  激活区 — MarkActive

يېتەكلەش رايونى — 引导区 — MBR

 

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى