كومپيوتېر

Disk Genius نى ئىشلىتىپ قاتتىق دېسكىنى ئۈزۈل كېسىل تازىلاش

بەزىدە كونا كومپيوتېرىڭىزدا نۆۋەتتىكى تېمپىراتۇرىغا ماس كەلمەيدىغان ئۇچۇرلار بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى سىزنى بىئارام قىلغان بولۇشى مۇمكىن. نىمكەش سېتىۋالغان كومپيوتېردا ياكى باشقىلارغا بىر مەزگىل ئارىيەت بەرگەن كومپيوتېردا سىز خالىمىغان ئىزلارنىڭ قېپقالغان بولۇش مۇمكىنچىلىكى سىزنى راھەتسىز قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بەزىدە ئويلاپ قالىمىز: كومپيوتېر قاتتىق دېسكىسىدىن بۇرۇن ئۆچۈرۈپ تاشلىغان، ھەتتا فورماتلاپ، قايتا رايونغا ئايرىغاندىن كېيىن يەنە بۇرۇنقى ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن، ئۇنداقتا، شۇ كونا ئىزلارنى قانداق ئامال ئىشلىتىشتىن قەتئىينەزەر ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ تازىلىۋەتكىلى بولماسمۇ؟ يازغىلى بولغان ئىكەن، ئۆچۈرگىلى ئەلۋەتتە بولۇشى كېرەك. ئەمىسە بۇ تېما مۇشۇ ھەقتە بولسۇن!

تەييارلىق: قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىش يۇمشاق دېتالى- Disk Genius

ئىگە تەرەپ چۈشۈرۈش ئادرېسى: www.diskgenius.cn

بۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ، قاتتىق دېسكىدىكى نۆۋەتتە ساقلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا، بۇرۇن ساقلىنىپ قالغان ئىزلارنى پاكىز ئۆچۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

كومپيوتېرغا Disk Genius يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. ياكى بولمىسا، بۇ دېتال ئوپتىك دېسكا ۋە بارماقدېسكىدىن قوزغىلىدىغان WinPE لاردا بىللە تەمىنلىنىدۇ. كومپيوتېرنى WinPE ئارقىلىق قوزغىتىپ بىۋاسىتە ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى:

1. DiskGenus نى قوزغاتساق، قاتتىق دېسكىنى تەكشۈرۈپ، رايون جەدۋىلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 

Disk Genius نى ئىشلىتىپ قاتتىق دېسكىنى ئۈزۈل كېسىل تازىلاش-1

2. بىز D رايوننى تازىلىماقچى دەپ پەرەز قىلايلى، D رايوننى تاللىغاندىن كېيىن، 【工具】تىزىملېكىنى ئېچىپ، 【清除分区空闲空间】 بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز.

Disk Genius نى ئىشلىتىپ قاتتىق دېسكىنى ئۈزۈل كېسىل تازىلاش-2

بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى چىقىپ، D رايوننىڭ نامى، سىغىمى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇلارنىڭ مەنىسى: «بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتسىڭىز، مەزكۇر رايوندىكى بىكار بوشلۇقنى (نۆۋەتتىكى قۇرۇق بوشلۇق) ئۈزۈل- كېسىل تازىلايدۇ، ئۆچۈرگەندىن كېيىن، قۇرۇق بوشلۇقتا بۇرۇن ساقلانغان بارلىق سانلىق مەلۇماتلار يوقايدۇ ۋە ھەر قانداق ھۆججەت ئەسلىگە كەلتۈرۈش قورالى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ» دېگەندىن ئىبارەت.

Disk Genius نى ئىشلىتىپ قاتتىق دېسكىنى ئۈزۈل كېسىل تازىلاش-3

【清除】 كونۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرساق، D دېسكىدا ساقلانغان ھۆججەتلەرگە تەسىر يەتكۈزمەستىن، بۇرۇندىن قېپقالغان ئىزلارنى پاك پاكىز ئۆچۈرىدۇ. بۇ جەريانغا ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. بۇ ئۇسۇلنىڭ تازىلاش ئۈنۈمى قاتتىق دېسكىنى تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلاش بىلەن ئوخشاش.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

1. ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى باشلانغاندىن كېيىن مەجبۇرىي ئاياغلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

2. تازىلاش جەريانىدا قاتتىق دېسكا پۈتۈن سۈرئەتتە جىددىي ئوقۇش- يېزىش مەشغۇلاتى قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ جەرياندا كومپيوتېرنى يۆتكەشكە قەتئىي بولمايدۇ، باشقا مەشغۇلات قىلماي ساقلاپ تۇرۇڭ.

3. بۇ مەشغۇلاتنىڭ قاتتىق دېسكىنىڭ ئۆمرىگە نىسبەتەن بەلگىلىك زىيىنى بار.

 

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى