سوئال-جاۋاب

بىزنىڭ مۇئەللىم: كومپيوتېردا بىر نەرسىنى مەڭگۈلۈك ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىغۇدەك ھالدا ئۆچۈرۈپ تازىلىغىلى بولمايدۇ، بۇ مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ، ئەجەبا راستىنلا بىر نېمىنى ھەر قانداق ۋاسىتە قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ ئۆچۈرگىلى بولمامدۇ؟

1. سوئال: بىزنىڭ مۇئەللىم: «كومپيوتېردا بىر نەرسىنى مەڭگۈلۈك ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىغۇدەك ھالدا ئۆچۈرۈپ تازىلىغىلى بولمايدۇ، بۇ مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ، ئەجەبا راستىنلا بىر نېمىنى ھەر قانداق ۋاسىتە قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ ئۆچۈرگىلى بولمامدۇ؟ كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ ئۆچۈرگىلى بولمامدۇ؟-1

جاۋاب: بۇنداق قاراش خاتا. ئاددىي چۈشەنسەك، سانلىق مەلۇماتلار رايون جەدۋىلى (分区表) ۋە ھۆججەت تەقسىملەش جەدۋىلى (FAT32، NTFS دېگەنلەر شۇ) تەرىپىدىن قاتتىق دېسكا تەخسىسىدىكى ماگىنىت يولى ۋە سېكتورلارغا تەقسىملىنىپ ساقلىنىدۇ. مەلۇم سېكتوردىكى ماگىنىت مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولسا، يەنى، كونا ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئىزىغا يېڭى ئۇچۇرلار يېزىلىپ كەتسە ئەسلىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. لېكىن،  قاتتىق دېسكا ھۆججەتنى ساقلىغاندا «تاسادىپىي قىستۇرۇلۇش» شەكلىدە ساقلايدىغان بولغاچقا، يېڭىدىن يېزىلىدىغان ئۇچۇرنىڭ دەلمۇ دەل بۇرۇن ئۆچۈرۈلگەن ئۇچۇرنىڭ ئىزىغا يېزىلىشىنى بىز بېكېتىپ بېرەلمەيمىز. شۇڭلاشقا، نورمال ئەھۋالدا ھەر قانداق سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بار. پەقەت قاتتىق دېسكىنى تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلاش، تەلتۆكۈس تازىلاش (清零) ياكى قاتتىق دېسكىنى نورمال ھۆججەتلەر بىلەن پۈتۈنلەي قاپلاپ توشقۇزۇۋېتىپ ئاندىن ئۆچۈرۈۋېتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى كۆپ قېتىم (ئۈچ قېتىمدىن يۇقىرى)  قىلغاندا بۇرۇنقى ئىزلارنى ھەر قانداق تېخنىكا ئىشلىتىشتىن قەتئىينەزەر ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھەقتە بىلوگدا تېما بار، كۆرۈپ بېقىڭ. (بۇ يەرنى بېسىڭ)

 

 

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

1. سوئال: بىزنىڭ مۇئەللىم: «كومپيوتېردا بىر نەرسىنى مەڭگۈلۈك ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىغۇدەك ھالدا ئۆچۈرۈپ تازىلىغىلى بولمايدۇ، بۇ مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ، ئەجەبا راستىنلا بىر نېمىنى ھەر قانداق ۋاسىتە قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ ئۆچۈرگىلى بولمامدۇ؟ كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ ئۆچۈرگىلى بولمامدۇ؟-2

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى