تەرمىلەر

بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

2019-يلى 9-ئايدا بىلوگگېر Andrew Levitt ئەپەندى Reddit مۇنبىرىدە ئۆزىنىڭ ئىككى دوستى بىلەن بىر ھەپتىلىك تاشيول ساياھىتىنى تاماملىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۆتكەن 5 يىلدىكى macOS مەشخۇلات سىستېمىسىنىڭ ھەر قايسى نەشىرىدىكى سۈكۈتتىكى تەگلىك رەسىملىرىنى نەق مەيدان ئوخشىتىپ تارتقانلىقىنى ئىيتقان.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ گۇرۇپپا ئامىرىكىنىڭ سانتا كاتالىنا ئ‍ارىلىغا بېرىپ macOS Catalina سىستېمىسىنىڭ تەگلىك رەسىمىنى ئوخشىتىپ تارتقان، ۋە جەرياننى تولۇق سىنغا ئالغان. Levitt ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ قانداقتۇر بىر ئوت شەخىس بولۇپ كىتىش ئەمەس بەلكى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قىززىقىشى ئىكەنلىكىنى ئىيتقان. Levitt نىڭ ئالما مەشخۇلات سىستېمىسى تەگلىكلىرىگە نىسبەتەن كۈچلۈك ئىشتىياقى بار ئىدى.

تاغنىڭ كەينىدە تاغ بار

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئادەتتە ئالمىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا سۈكۈتتىكى تەگلىك رەسىم تاللىشى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ. macOS نىڭ نەشىر ئىسىملىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىمۇ تەگلىك رەسىملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئالدىنقى نەچچە يىلدا، macOS ئىزچىل مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئىسمىنى macOS سېستېمىسى قوشۇمچە نامى قىلىپ قىلىپ كەلدى. مەسىلەن 10.6 نەشىرى Snow Leopard (يىلپىز)، 10.7 نەشىرى Lion (شىر) قاتارلىقلار. بۇ ھايۋانلار ئىنتايىن يېقىن ئارلىقتىن تارتىلغان. 10.9 نەشىرىگە Sea Lion (دېڭىز شىرى) دەپ نام قويۇلماقچى بولۇپ كېيىن كالىفورنىيە شىتادىكى مەنزىرە نامىنى ئىشلىتىش قارار قىلىنغان.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

2013-يىلى macOS 10.9 دىن باشلىنىپ ئالما مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلاردىن ۋاز كېچىپ، كەلگۈسى 10 يىلدىكى macOS سېستېما قوشۇمچە نامىغا كالىفورنىيە شىتادىكى داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى ئىسىملىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سۈكۈتتىكى تەگلىك رەسىملىرىمۇ مەنزىرە رەسىملىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ دەل Levitt قاتارلىق ھەۋەسكارلارغا «ئوخشىتىپ تارتىش» پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

توغرا كېلىپ قالغىنى، Levitt دەل كالىفورنىيە شىتاتى سان خوسې شەھىرىدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئالمىنىڭ باش شىتابىغا ئىنتايىن يىقىن ئىدى. ئالما سۈكۈتتىكى تەگلىك قىلىپ بىكىتكەن مەنزېرە رەسىملىرىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى مەنزىرە ئورنىمۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە يېقىن ئىدى. لىنيەنى بېكىتىۋالغاندىن كېيىن بىر قېتىملىق سەپەر بىلەن نەچچە نەشىردىكى macOS نىڭ سۈكۈتتىكى تەگلىك رەسىملىرىنىڭ ئەمەلىي مەنزىرە ئورنىغا يىتىپ بېرىپ ئوخشىتىپ تارتىشنى تاماملىغىلى بولاتتى.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئوخشىتىپ تارتىش خىزمىتى بىر ئادەم بىلەن تاماملىنىشى تەس بولۇپ، Levitt ئۆزىنىڭ ئىكىك يېقىن دوستى Jacob Phillips ۋە Taylor Gray نى ياردەمگە چاقىرىپ، ئۈچەيلەن بىر ھەپتىدە ئۆتكەن 5 يىلقى بارلىق macOS نەشىرلىرىدىكى سۈكۈتتىكى تەگلىك رەسىملىرىنى ئوخشىتىپ تارتىشنى تاماملىغان.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

قارىماققا بۇ ئاددىي ئىشتەك كۆرۈنىدۇ، گەرچە Levitt تەگلىك سۈرەتلىرى تارتىلغان جايىنى بىلىدىغان بولسىمۇ، سۈرەتكە تارتىشقا بولىدىغان كونكىرت ئورۇن ۋە بۇلۇڭلارنى ئۆزى تېپىشقا توغرا كىلەتتى. سۈرەت تارتىشنىڭ ئۆزى قىيىن ئەمەس، بەلكى ئورۇن ۋە ۋاقىت تاللاش قىيىن ئىدى.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بىر قېتىم ئۇلار macOS Mojave نىڭ قۇملۇق تەگلىك سۈرىتىنى تارتىش ئۈچۈن پىيادە ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپمۇ macOS تەگلىكىگە ئوخشايدىغان ئوپمۇ-ئوخشايدىغان قۇملۇق تاغ ئارقا كۆرۈنىشى تاپالمىدى. ئاخىرىدا ئۇلار قوياش پاتاي دەپ قالغاندا ئاندىن بۇ مەنزىرىنى بايقاپ نىشان سۈرەتكە ئوخشاش ئۈنۈمدە تارتالىغان.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئەلۋەتتە ھەر قېتىملىق ئوخشىتىپ تارتىش ئەسلىدىكى تەگلىك سۈرەتكە ئوپمۇ-ئوخشاش بولمىغان. مەسىلەن macOS El Capitan ۋە High Sierras نىڭ تەگلىك سۈرىتىنى تارتقاندا، Levitt نىڭ سۈرەتكە تارتقان ۋاقتى 7-ئايدا بولۇپ، بۇ چاغدا ئاق قارغا چۆمۈلگەن تاغ چوققىلىرى يوق ئىدى. ئەتراپىدىكى ئورمانلىق ئوت-چۆپلەرمۇ يېشىل ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئالما ئەتىرىتى بۇ مەنزىرىلەرنى قىش پەسلىدە سۈرەتكە تارتقان ئىدى.

ئاسمانغا چىقىش كېرەكمۇ دېڭىزغا چۈشۈش كېرەكمۇ؟

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

2019-يىلى macOS Catalina ئېلان قىلىنغاندا Levitt ئالمىنىڭ تەشۋىق فىلىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئالما ئەتىرىتىنىڭ سانتا كاتالىنا ئ‍ارىلىدىن مەنزىرە ئالغانلىقىنى پەرەز قىلغان. بۇ مەنزىرە سۈرەتنى تارتىش ئاسان ئەمەس ئىدى. يۇقىرى بوشلۇقتىن پەسكە قارىغان [تەڭرى كۆرۈش بۇلۇڭى] ئۇسلۇبىدىكى سۈرەتنى پەقەت بوشلۇقتىن تارتقىلى بولاتتى. 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بۇلار يەنە Google Earth ئارقىلىق Catalina ئارىلىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆزىتىپ كونكىرت ئورۇننى بىكىتتى.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئاخىرىدا، Levitt ۋە ئۇنىڭ ئىككى دوستى ئاۋۋال كىمە ئارقىلىق ئارالغا چىقىپ 24 مىلدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ ئارالنىڭ ئەڭ غەربىي قىسمىغا يىتىپ بېرىپ، تىزگېنەكلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن بۇ مەنزىرىنى تارتىشنى تاماملىغان. 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئارال ھاۋا بوشلۇقىدىكى كۈچلۈك شامال ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ خىزمىتىگە خىلى كاشىلا بولغان. ئاخرىىدا ئۇلار مۇۋاپپىق ئىگىزلىك ۋە بۇلۇڭنى تىپىپ چىققان.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئۇلارنىڭ Catalina تەگلىك سۈرىتىنى ئوخشىتىپ تارتىشى ئالما ئەتىرىتىنىڭ تارتقىنىغا ئىنتايىن يېقىنلاشقان.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بىر نەچچە قېتىملىق بوشلۇقتىن تارتىش سېنىقىنى باشتىن كەچۈرگەن Levitt ئەتىرىتى Big Sur نىڭ سۈكۈتتىكى تەگلىك رەسىمىگە قاراپ يەنە بىر قېتىم تەرگە چۆمدى. بۇ جايدا ئۇچقۇچىسىز ئۇچقۇلارنىڭ ئۇچىشى چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ قېتىم تىك ئۇچارغا تايانماقتىن باشقا تاللاش يوق ئىدى.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

«تەلەيمۇ كىشىنىڭ قەلبىدىن كىلىدۇ». بۇ قېتىم ئۇلار ئالاقىلەشكەن تىك ئۇچار ئۇچقۇچىسى دەل ئىلگىرى ئالما ئەتىرىتىنى ئىلىپ مەنزىرە تارتىشقا چىققان ئۇچقۇچى ئىدى.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بۇ Levitt ئەتىرىتىنىڭ ئورۇن، ۋاقىت ۋە مۇۋاپپىق بۇلۇڭ ئىزدەش ۋاقتىنى تىجەپ بەردى. ئاخرىدا ئۇلارنىڭ تارتقان Big Sur سۈرىتىمۇ ئالما ئورگان تەرەپ تارتقان Big Sur تەگلىك رەسىمىدىن قىلىشمىغۇدەك چىقتى.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 Levitt ئەتىرىتى ئۆزىنىڭ «ئوخشىتىپ تارتىش» خىزمىتى جەريانىدا بىر تەگلىك سۈرەت تارتىشنىڭ چېنلىقى ۋە قېيىنلىق دەرىجىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئىدى.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئەلۋەتتە بەزى تەگلىك سۈرەتلەر ئەمەلىي ئورۇندىن تارتىلغان كېيىن مۇۋاپپىق ئىش قوشۇلۇپ بەزى [ئارتۇقچە نۇقتىلار] چىقىرۋىتىلەتتى. چۈنكى تەگلىك رەسىم ئۈستەل يۈزى سىن بەلگىلىرى، خەت قاتارلىق ئىلمىنىتلارغا كۆتۈل بۆلمىسە بولمايدۇ. شۇڭا ئەمەلىي تارتىلغان سۈرەتكە ئاز تولا ئىش قوشۇشمۇ زۆرۈردۇر.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Comبۇ رەسىم بەلكىم ھەممىمىزگە تونۇش، Windows XP نىڭ كىلاسسىك كۆك ئاسمان يېشىل يايلاق تەگلىك سۈرىتى.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بۇ رەسىمدە قويۇق ئىش قوشۇلغان پۇرىقى بولسىمۇ، لېكىن فوتوگېراف Charles O’Rear ئەپەندى 1996-يىلى كالىفورنىيە سونوما ناھىيىسىدە تارتقان.  كېيىن بۇ سۈرەتكە مىكروسوفىتنىڭ كۆزى چۈشۈپ 100 مىڭ دوللاردىن يۇقىرى باھا بىلەن نەشىر ھوقۇقىنى سېتىۋالغان.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئەمدى يەنە Windows 10 نىڭ دەرىزە ۋە نۇر تەگلىك سۈرىتىگە قارىساق، بۇ ھەرگىزمۇ دېتالدا ياسالغان بولماستىن بەلكى ئەمەلىي تارتىلغان. 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

مىكروسوفىت ئەتىرىتى ئەينەك تاختىدىن نۇر ئۆتكۈزۈپ، لازىر نۇر، تۇمان ماشىنىسى، نۇر سۈزگۈچ، چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ قاتارلىقلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ تەگلىك سۈرەتنى تارتىپ چىققان.

تەگلىك سۈرەت تارتىشقا نىسبەتەن بۇلار ھەقىيقەتەن ئەستايىدىل ئىدى. بەلكىم كىلاسسىك ئەسەرلەر مۇشۇنداق بارلىققا كېلىدىغاندۇ…

LearnFans بىلوگىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى