ئاجايىباتلار

سىز كۆرۈپ باقمىغان ماشىنا لايىھە قول سىزمىلىرى

ھەرقايسى ۋاقىتتا دۇنيادا مېخانىكا ھەۋەسكارلىرى ۋە لايىھەلىگۈچىلەر كەم بولغان ئەمەس، بۇلارنىڭ ئىچىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە گېرمانىيەنىڭ مېخانىكا ئىنژېنېرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيىدۇ، ئۇلار لايىھەلىگەن بەزى مېخانىكا ۋە لايىھە قول سىزمىلىرىنى سىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان.

برونە موتوسىكلېت

1940-يىلى 12-ئايدا بىرەيلەن تاپشۇرغان« بىرونە موتسېكلىت » لايىھەسى، موتسېكلىتقا ھەركەتلىنىدىغان ياي شەكىللىك بىرونە قاپقاق ئورنىتىلغان.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

يۆتكىلىشچان برونە ئىستىھكام

ئىستىھكام پوتەي ئۇقۇمىنى تانكىغا كۆچۈرۈپ، ھەرىكەتچان بىرونە ئىستىھكام لايىھەلىگەن، تانكىنىڭ بىرونەسى 600 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا بولۇپ، چوڭ كالىبىرلىق زەمبىرەك، كىچىك كالىبىرلىق زەمبىرەك، تۈز ئاتار پىلىموت ۋە زېنىت پىلىموت سەپلەنگەن.

سىز كۆرۈپ باقمىغان ماشىنا لايىھە قول سىزمىلىرى

ئادەم كۈچى تراكتورى

ترانسپورت، يەر ھەيدەش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە ئادەم كۈچى تراكتورى. لايىھەلىگۈچىنىڭ قارىشىچە، كۆپ دەرىجىلىك زەنجىرلىك ھەرىكەت ئۇزىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ ھەرىكەت ئۇزىتىش نىسبىتىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن، ئادەتتىكى ۋېلىسىپىتتىن بەش ھەسسە چوڭ بولغان ئىتتىرىش كۈچى بار بولۇپ، يەر ئاغدۇرۇشقا بولىدىكەن.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

قۇش كيىم

قۇشلار كىيىمى، 1955-يىلى ئۇچار ئادەم لىئو ۋالىنتىن كيىمگە بىر جۈپ قانات قوشۇش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ پەرۋاز قىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان. ئەپسۇسلىنارلىقى، 1956-يىلى ۋالونتىن ئايروپىلاندىن سەكرەپ ئۇچۇشنى سىناق قىلىۋاتقاندا بەختكە قارشى ئۆلۈپ كەتكەن.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئۆردەك تاپان تاپانچا

ئۆردەك تاپان تاپانچىسى 19-ئەسىردە كېمە باشلىقى ئىشلىتىدىغان قورال بولۇپ، ئۇنىڭ تۆت ئىستوۋۇلى بار، ئۆردەكنىڭ پۇتىغا ئوخشايدۇ، بىر ۋاقىتتا تۆت دۈشمەنىگە ھۇجۇم قىلالايدۇ. لېكىن ھەقىقىي جەڭدە، ئالدى تەرەپتىكى نىشانىغا ھۇجۇم قىلالمايدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ يۈرەلەيدىغان تانكا برونېۋىك يۈرۈش قۇرۇلمىسى

بۇ 1944-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى،تاپشۇرۇلغان سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ ماڭالايدىغان تانكا برونىۋېك ماشىنا يۈرۈش قۇرۇلمىسى لايىھېسى. بۇنى لايىھەلىگۈچى ھەربىي سەپكە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى مېخانىك رېمونتچى ئىدى، ھەربىي سەپكە قاتناشقاندىن كېيىن تانكا قىسمىدا قورال رېمونت قىلىش ئورنىدا تېخنىك بولغان، كېيىن يەنە بىر ئاتلىق ئەسكەرلەر تۈەنىدە ئاپتوموبىل رېمونتچىسى بولغان. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇ پاتقاق يوللارنى كۆپ كۆرگەچكە، سىپىرال خادىنى چاق ۋە زەنجىر تاپاننىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ تانكىنى ئالدىغا ماڭغۇزۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ لايىھە ناھايىتى زور ئىلگىرىلىمە خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، كۆپ يىللاردىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاپتوموبىللار راستتىنلا سوۋېت ئىتتىپاقىدا پەيدا بولدى، ئۇ بولسىمۇ SHN-1 تىپلىق پۈتۈن يەر شەكلى ئاپتوموبىلى.

جەڭ ماشىنىسى « كارال »

« كارال » نىڭ ئومۇمىي ئىگىزلىكى تەخمىنەن ئۈچ مېتىر، بىر ئادەم پاتىدۇ، ئۇ ھەم شوپۇر، ھەم زەمبىرەكچى، يۈرۈش قىسمى ئالتە دانە پۇرژىنىلىق پۇت بولۇپ، زەمبىرەك مۇنارىنىڭ ئاستى قىسمىدىكى موتور تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ مېڭىش شەكلى سەكرەش بولۇپ، ماتورنىڭ قىسىش پۇرژىنىسى ئارقىلىق پۇتنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قىسقىرىپ، قويۇپ بېرىدۇ، ھەر قېتىم سەكرىگەندە 5-20 مېتىر ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

« كارال» نىڭ ئۇرۇش قىلىش بۆلۈمى دىيامېتىرى 1.25 مېتىر كېلىدىغان شار شەكىللىك بولۇپ، لايىھەلىگۈچىنىڭ ئويى بويىچە، ئۇرۇش بۆلۈمى قېتىشما بىرونېۋىك پولات تاختىدىن ياسالغان، ئايلىنالايدۇ، قورالغا مۇقىم ئورنىتىلغان PPsh 41 ئاپتومات سەپلەنگەن. تانكىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، « كارال»غا يەنە تانكىغا قارشى مىلتىق ئورنىتىشنى ئويلاشقان، ساپيورلار ئىشلىتىدىغان ئوت پۈركۈش قورالىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە بار.

ئەگمەچ مىلتىق

Krummlauff پېرىسكوپ مىلتىقىنىڭ لايىھە ئەگمىسى 90 گىرادۇسقا يېتىدۇ، شەھەر كوچا ئۇرۇشىدا ناھايىتى ئەۋزەللىككە ئىگە. ئەسكەرلەر بىر بۇلۇڭغا مۆكۈۋېلىپ، ئەينەك ئارقىلىق كەينىدىكى ئۇرۇش ئەھۋالىنى كۆرەلەيدۇ، بۇنى تالانتلىق لايىھە دېمەي بولمايدۇ. لېكىن ئوقنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشتەك بۇ قىيىن مەسىلىنى تاشقى پىلانت ئادىمى ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىشىگە موھتاج.

 بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئادەم رادار

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىتالىيەدە رادار تېخى پەيدا بولمىغان بولۇپ، ھاۋا مۇداپىئەسى پەقەت كىشىلەرنىڭ كۆزى بىلەن كۆزىتىشى ۋە قۇلىقى بىلەن ئايروپىلان ماتورىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىشىغا تايانغان. لېكىن، ئىنسانلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا، بەزىلەر بۇ نەرسىنى كەشىپ قىلغان.

 

قوش زەمبىرەك مۇنار تانكا

بۇ بىر خىل قوش زەمبىرەك مۇنار تانكا لايىھەسى بولۇپ، ئارقا زەمبىرەك مۇنارىنى سېكۈنتىغا ئىككى مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن كۆتۈرۈپ چۈشۈرگىلى بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى ئىگىزلىكى 10 مېتىرغا يېتىدۇ، كۆتۈرۈش ـ چۈشۈرۈش ئېنېرگىيەسى سۇيۇقلۇق بېسىملىق تاياقچىدىن كېلىدۇ، ئوق يەتكۈزۈش قۇرۇلمىسى، خادىملارنىڭ كىرىپ ـ چىقىش يولىنىڭ ھەممىسى ئورگان ھاۋا خالتىسى شەكلىدىكى يۇمشاق تۇرۇبىغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

تۆمۈر مۇھاپىزەت قالقىنى

قارىماققا بەك كېلەڭسىز ، بىراق ئۇ راست مال، ئوقنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالايدۇ، خەتەرگە يولۇققاندا پەقەت كۆزنى قوغدايدىغان تۆمۈر قاپقاقنى قويۇپ، يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۋالسا بولىدۇ، تۆمۈر پالۋاننىڭ ئىلھامى مۇشۇنىڭدىن كەلگەن بولىشى مۇمكىن.

 بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

رېئاكتىپ تانكا

ئۇ قاتتىق يېقىلغۇلۇق راكېتا موتورىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ، چاق بىلەن ماڭىدۇ، قىش پەسلىدە سىيرىلما چانىغا ئالمىشىدۇ، ئىككى ئادەم پاتىدۇ، شوپۇر ۋە زەمبىرەكچى بولۇپ، پاكار بىرونېۋىك بۆلمىسىدە دۈم ياتىدۇ. قورال سىستېمىسى ئالتە دانە RS-82 راكېتا بومبا بولۇپ، ئوڭ-سول ئىككى قويۇپ بېرىش جازىسىغا بۆلۈنىدۇ، ئىككى قويۇپ بېرىش جازىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر دانە ShKAS ئاۋىئاتسىيە پىلىموتى بار.

يۇمىلاق جەڭ كېمىسى

19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، رۇسىيەلىك گېنېرال پوپوف بىر دادىل تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويغان، جەڭ كېمىسىنى يۇمىلاق شەكىلدە ياساپ چىقىپ، ئەڭ تېيىز، ئەڭ كىچىك چۆكۈش شارائىتى ئاستىدا ئەڭ چوڭ تونناژغا ئېرىشىش، شۇنىڭ بىلەن چوڭ تىپتىكى جەڭ كېمىلىرى بىلەن ئوخشاش كۆلەمدىكى زەمبىرەكلەرنى ئېلىپ يۈرۈش.

 بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

دەلىللەش ئارقىلىق، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى تېخنىكا كومىتېتى بۇ لايىھەنى يولغا قويۇشقا بولىدۇ دەپ قاراپ، گۇرۇپپا قۇرۇپ لايىھەلەش ئېلىپ بارغان.

شار بومبا

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيە ھاۋا شارى بىلەن 9300 بومبىنى ئېلىپ ئامېرىكا بىلەن كانادانى پارتلاتماقچى بولغان.

  بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

نەتىجىدە، 357 سى نىشانغا تەگكەن، يەنە ئىككىسى ياپونىيىگە قايتىپ كېلىپ ئۆز ئادەملىرىنى پارتلاتقان.

ئۇچار ئاۋىئاماتكا

1933-يىلى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ« ئاكرون» ۋە « مېكېن» ناملىق ئىككى دىرىژابىلى ئاتموسفېرا تۇربۇلېنتىغا ئۇچراپ چۈشۈپ كەتتى. « ئاكرون» ناملىق دىرژابىلنىڭ نامىنى 1931-يىلى زۇڭتۇڭ خوۋىرنىڭ رەپىقىسى قويغان. ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە، ئۇ 74 قېتىم ئۇچقان، بوشلۇقتىكى جۇغلانما ۋاقتى 1700 سائەت بولغان.

دىنامىكىلىق قاناتلىق كۈرەشچى ئايروپىلان

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيەلىكلەر ئايروپىلان قانىتىغا تىك كۆتۈرۈلۈپ تىك قونىدىغان كۈرەشچى ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىپ ياسىماقچى بولغان. بۇ خىل ئۇچقۇنىڭ قۇيرۇق قىسمى تىك بولۇپ، گەۋدىسىنىڭ ئۈستىدە بىر ئايلانما ھالقىسىمان جىسىم بار، ھالقىسىمان جىسىمغا بولسا ئۈچ دانە نېپىز قانات ئورنىتىلغان، قاناتنىڭ ئۇچىغا بولسا بەلگىلىك بۇلۇڭلۇق رېئاكتىپ موتور ئورنىتىلغان.

 بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

موتور ئىشلەشكە باشلىغاندا، ئۇ تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئوخشاش تىك ئۇچالايدۇ. تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئوخشىمايدىغىنى، بۇ خىل ئۇچقۇ يۇقىرى سۈرئەتتە تۈز ئۇچالايدۇ. لېكىن، گېرمانىيەلىكلەر ناھايىتى تېزلا بۇ پىلاننىڭ قىلچە پايدىسى يوقلۇقىنى بايقىدى، چۈنكى پىرقىرىغۇچ بىلەن موتورنى باغلاش ناھايىتى تەس ئىدى.

موتسىكلىت زەمبىرەك

بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا فىرانسىيەلىكلەر ۋيېتنامدا ئىشلەتكەن زەمبىرەك. موتسىكلىت ۋە زەمبىرەكتىن پايدىلىنىپ بۇ خىل بىرىكمىنى ياساپ چىقىشتىكى سەۋەب، ئەينى چاغدا فىرانسىيەدە مەبلەغ كەمچىل بولغاچقا، تېخىمۇ ئىلغار قوراللار بىلەن تەمىنلىيەلمەيتتى، شۇڭا « ئۆز جايىدىن ماتېرىيال ئېلىش» قا توغرا كېلەتتى.

 بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بۇ خىل ماشىنا پاراشۇتچى ئەسكەرلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ. لېكىن، شۇنى كېسىپ ئېيتالايمىزكى، بۇ خىل ئاپتوموبىلنىڭ قوغدىنىش ئىقتىدارى ناھايىتى ناچار، زەمبىرەكنى قايتا قۇراشتۇرۇشمۇ بىر مەسىلە، شۇڭا ئۇرۇشتا ئوينايدىغان رولىمۇ ناھايىتى چەكلىك.

ئۇزلۇق سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى