ئىبرەتلىك ھېكايە
بىر سودىگەر بار ئىدى، كارۋىنى بىلەن يىراق ئەللەر ئارىسىدا كېزىپ يۈرەتتى، كارۋاننىڭ ئالدىدىكى تۆگىسى قېرىپ قالغان بولغاچقا، ئورنىغا تۆگە سېتۋېلىش ئۈچۈن بازارغا كەلدى…
تۆگىلەر ئارىسىدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرغان ياش ئاق تۆگىگە كۆزى چۈشۈپ، مال ئىگىسى بىلەن باھاسىنى كېلىشمەكچى بولدى، شۇ قەدەر ئېسىل سودا ئەخلاقى بار ئىدى كىشلەردە. تۆگە ئىگىسى ئېيتتى :
ــ ئاغىنە، بۇ تۆگىدە ئېۋەن يوق، تالاي قۇملۇقلارنى كەزگەنمەن، ئەمما ئانىسىنىڭ سۇدا يېتىۋالىدىغان ئەيىپى بار ئىدى، شۇنى ئېيتمىسام بىئارام بولىمەن.
سودىگەر ئېيتتى :
ــ ئەيىپ ئانىسىدا بولسا، ھېچقىسى يوق، بولدى، ئالدىم، كېلىشتۇق.
نىھايەت، سودا پۈتتى. سودىگەر بۇ تۆگىگە ھېرىس بولدى. چۈنكى قۇملۇقلارنى كېزىپ ماڭغاندا ھەيۋەت بىلەن باشقا تۆگىلەرنى باشلاپ ماڭاتتى. ئەڭ ئېسىل جابدۇقلار بىلەن زىننەتلىگەن ئىدى.
بىر قېتىملىق سەپەردە دەريادىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. كارۋاندىكى تۆگىلەرگە ئىنتايىن قىممەت باھالىق جاۋاھىراتلار ئارتىلغان ئىدى، سودىگەر ھېلقى ئاق تۆگىسىگە مىنىپ پەخىرلىنىپ كېتىپ باراتتى. دەريانىڭ ئوتتۇرىسغا كەلگەندە ئاق تۆگە سۇدا يېتىۋېلىپ ماڭغىلى ئۇنىمىدى. كەينىدىكى بارلىق تۆگىلەرمۇ كارۋان بېشى ئاق تۆگىگە ئەگىشىپ قاتارلىشىپ ياتتى. بارلىق مال -مۈلۈكلەر سۇغا چۆكۈپ كەتتى. سودىگەر بولسا سۇدا لەيلەپ قالغان ياغاچقا ئېسېلىپ جېنى ئامان قالدى. بۇ قېتىمقى سەپەردە نۇرغۇن مۈلكىدىن ئايرىلغان ئىدى.
سودىگەر ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولدى. سودىگەرنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، بىر پاھىشە ئايالنىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىسەن ، دەپ خاپا قىلىۋاتاتتى. بۇ قېتىمقى تۆگە ۋەقەسى قاتتىق تەسىر قىلغان سودىگەر ئوغلىغا شۇنداق دېدى :
ــ ئەر كىشىنىڭ ئەۋلادى ئالدىدىكى تۇنجى مەسئۇلىيىتى ئېسىل نەسەبلىك، تەربىيەلىك ئايالغا ئۆيلىنىشتۇر.