كومپيوتېر

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟

1957-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنسانىيەت تارىخدىكى تۇنجى سۈنئىي ھەمراھ «سىپۇتنىك 1-نومۇر»نى قويۇپ بەردى.

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-1

سىپۇتنىك 1-نومۇر(Спутник-1)

بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ كۆككە كۆتۈرۈلىشى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈردى، ھەتتا ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىدى. ئۇلار بۇنى پەيدىنپەي كەسكىنلىشىۋاتقان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا، ئۆزىنى پۈتۈنلەي سوۋېتنىڭ ئارقىدا قالغانلىق دەپ ئويلىدى.

بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1958-يىلى 2-ئايدا سىرلىق تەتقىقات بۆلۈمىدىن بىرنى قۇردى — APRA ئالىي تەتقىقات پىلان ئىدارىسى (Advanced Research Projects Agency).

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-2

بۇ بۆلۈمنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى بولسا، يوشۇرۇن ھەربىي قىممەتكە ئىگە، خەۋپ-خەتىرى زور، سېلىنمىسى زور بولغان «قارا پەن-تېخنىكا»نى قانداق قىلىپ ھەربىي ساھەدە قوللىنىشنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.

ARPANETنىڭ بارلىققا كېلىشى

60-يىللىرىغا بارغاندا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى، ئامېرىكا-سوۋېت ئىككى تەرەپ كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ يادرو قورال ئامبىرىنى كېڭەيتىشكە باشلىدى.

ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يادرو زەربىسى ئاستىدا بەلگىلىك ياشاش ۋە قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى بىر خىل تارقاق قوماندانلىق سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇ سان-ساناقسىز تۈگۈنلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرقانچە تۈگۈن ۋەيران بولغاندىن كېيىن، باشقا تۈگۈنلەر يەنىلا ئۆزئارا خەۋەرلىشەلەيدۇ. 

بۇ ۋەزىپىنى ئەڭ بۇرۇن ARPA ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكا ئىشخانىسى (IPTO, Informatiion Processinng Techniquees Office)نىڭ تۇنجى باشقۇرغۇچىسى، جوزېف لىكلىدىر (Joseph C.R.Lickliderr) ئىدى. 

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-3

جوزېف لىكلىدىر

1960- يىلى، لىكلىدىر ئۆزىنىڭ ئىلمىي ماقالىسى «ئادەم ۋە كومپيوتېر»دا، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرى كومپيوتېر بىلەن چوڭقۇر بىرىكىپ، «ئادەم بىلەن كومپيوتېرنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت رادىكال تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ %70 كومپيوتېر ئىلمىي تەتقىقاتىغا ARPA ياردەم بەرگەن. 

1964- يىلى، لىكلىدىر ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا ARPAدىن ئايرىلدى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىۋان سۇزېلاند (Ivan Sutherlannd) چىقتى. ئىككى يىلدىن كېيىن، NASA (ئامېرىكا ئالەم ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى) دىن كەلگەن روبېرت تايلور IPTO نىڭ ئۈچىنچى مەسئۇلى بولۇپ قالدى. 

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-4

روبېرت تايلور بولسا پۈتكۈل تۈرنىڭ ھەقىقىي تەشەببۇسچىسى

روبېرت تايلور IPTO ئىچىدىكى بىر كىچىك تىپتىكى خەۋەرلىشىش تورى (ئۈچ تېلېماشىنكا ۋە ئۈچ كومپيوتېردىن تەركىب تاپقان)نى تەپسىلىي كۆزەتكەندىن كېيىن، ماسلاشمايدىغان كومپيوتېر ئالاقىسىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق دەپ قاراپ، بىر ماسلىشىدىغان كېلىشىم تۈزۈپ، بارلىق تېرمىناللارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىشقا يول قويۇش كېرەك دەپ قارىغان. 

ئەينى ۋاقىتتا ARPAنىڭ مەسئۇلى چارلېز خېرتسفىلد (Charles Herzfeld) روبېرت تايلورنىڭ پىلانىنى ئىنتايىن قوللىغان. روبېرت تايلور پىلاننى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ھەممە يەردىن پەن-تېخنىكا سەرخىللىرىنى يىغىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى ئالاقە تورى تۈرىگە قوشقان. 

ئۇ ئىزدەپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن قالتىس كىشىلەر ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتى (MIT) لىنكولىن تەجرىبىخانىسىدىكى كومپيوتېر تالانت ئىگىسى لارى روبېرتىس (Larry Roberts، تولۇق ئىسمى Lawrence G. Roberts) ، «تەقسىملەنمە ئالاقە نەزەرىيەسى»(分布式通信理论) نى ئوتتۇرىغا قويغان لاندېر شىركىتىنىڭ ئالىمى پاۋۇل باران (P.Baran) ، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوس ئانژېلېس شۆبە مەكتىپى (UCLA)نىڭ گۇرۇپپىلاپ ئالماشتۇرۇش نەزەرىيەسى مۇتەخەسسىسى لېئونارد كىلىنروك (L.Kleinrockk) قاتارلىقلار. 

لارى روبېرتىس يېڭى خەۋەرلىشىش تورى تۈرىنىڭ تۈر دىرېكتورى ۋە باش لايىھىلىگۈچىسى بولۇپ تەيىنلەندى. 

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-5

لارى روبېرتىس

1966-يىلى يېڭى تىپتىكى ئالاقە تورى تۈرى ئىچكى قىسىمدا تۇرغۇزۇلۇپ، ARPAغا «ARPANET (ئارپا تورى) » دەپ نام بېرىلدى. 

1967-يىلى 4-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ مىچىگان ئىشتاتىدىكى ئاننابۇرگدا ئېچىلغان ARPA IPTO PI يىغىنىدا، لارى روبېرتىس ARPANET لايىھەسى توغرىسىدىكى مۇھاكىمىنى تەشكىللىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي لارى روبېرتىس ARPANET لايىھەسى توغرىسىدىكى تۇنجى ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدى: « Multiple Computer Networks and Intercompputer Communicaation (كۆپ كومپيوتېر تورى بىلەن كومپيوتېر ئارىسىدىكى ئالاقە) » . 

1968-يىلى يازدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى «ARPANET» تۈرىگە خېرىدار چاقىرىشنى رەسمىي باشلىدى. 1969-يىلى 1-ئايدا، ماسساچۇسېتس شتاتىتىنىڭ كامبرىج شەھىرىدىن كەلگەن BBBN شىركىتى  (Bolt Beranek and Newman Inc. )  بۇ قىممىتى 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق توختامغا ئېرىشتى. 

تۈرنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا لارى روبېرتىس ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدا تۆت تۈگۈنلۈك تور قۇرۇشنى پىلانلىدى. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس-ئانژېلېس شۆبە مەكتىپى، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سانتا باربارا شۆبە مەكتىپى ۋە يۇتا ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۆت چوڭ تىپتىكى كومپيوتېرى. 

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-6

تۆت تۈگۈننىڭ ئورنى

تۆت تۈگۈن ئارىسىدا گۇرۇپپىلاپ ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسى (分组交换技术) قوللىنىلىپ، مەخسۇس IMP ئۈسكۈنىسى ۋە ئالاقە لىنىيەسى (AT& T شىركىتى تەمىنلىگەن، سۈرئىتى 50kbps) ئارقىلىق ئۇلىنىدۇ. 

IMP، تولۇق ئىسمى Interface Message Processorr (ئۇلاق ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش ماشىنىسى). ئۇنىڭ ئاساسىي قاتتىق دېتالى ئەمەلىيەتتە 12K ساقلىغۇچ سەپلەنگەن Honey welll DDDP -516 كىچىك تىپتىكى كومپيوتېر. 

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-7

ئۈسكۈنىنىڭ ئىچكى قىسمى IMP 

IMPنىڭ رولى ئۇلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش. ئۇ بولغاچقىلا، چوڭ تىپتىكى ئاساسىي كومپيوتېر «ئۆزى» تورغا ئۇلاشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، كومپيوتېر سىستېمىسى ماس كەلمەسلىك مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلغان. كېيىن كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا IMPنى روتېرنىڭ دەسلەپكى شەكلى دەپ قارىغان. 

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-8

IMP

 IMP 1969-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى BBN شىركىتىدىن كەلگەن تۇنجى IMP كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس ئانژېلېس شۆبە مەكتىپىگە يۆتكەپ كېلىنگەن.  لېئونارد كىېنروكپروفېسسور 40 تىن ئارتۇق ئېنژىنېر ۋە ئاسپىرانتلارنى باشلاپ قۇراشتۇرۇپ تەڭشىگەن.

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-9

 لېئونارد كىېنروك

10-ئاينىڭ بېشىدا، ئىككىنچى IMP سىتانفورت ئۇنۋېرسىتىتى تەتقىقات يۇرتىغا يۆتكەپ كېلىنگەن.

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-10

10-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە،  لېئونارد كىېنروك پىروفېسسور ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى، UCLA ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى چارلىز كىلاين (Charley Kline)نى IMP تېرمىنالىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، SRI تېرمىنال مەشغۇلاتچىسى بىلەن ئۇدۇللاشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئەينى چاغدا چارلېز كلاين بېشىغا مىكروفونلۇق تىڭشىغۇچ تاقاپ، ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئارقىلىق قارشى تەرەپ بىلەن خالىغان ۋاقىتتا ئالاقىلىشىشقا قولايلىق ياراتقان. 

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-11

چارلېز كلاين 

چارلېز كلايننىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، پىروفېسسور ئۇنىڭغا ئالدى بىلەن «LOGIN» دېگەن بەش ھەرىپنى يوللاپ، گۇرۇپپىلاپ ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى جەزملەشتۈرۈشنى ئېيتقان. ئىشتىن بۇرۇن كېلىشىۋالغىنى بويىچە، ئۇ پەقەت «LOG» ھەرىپىنى كىرگۈزۈپ يوللىسىلا، سىتانفورت تەرەپتىكى ماشىنا ئاپتوماتىك ھالدا «IN»نى ھاسىل قىلىپ، ئۇ «LOGIN» نى بىرىكتۈرۈپ تىزىملىتىدۇ. 

سائەت 22 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇ ھاياجىنىنى باسالماي، كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىرىنچى «L» ھەرىپىنى كىرگۈزدى، ئاندىن مىكروفوندا گەپ قىلىپ: «سىز«L» نى تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ؟ » دېدى. 

ـــ شۇنداق، مەن «L» نى تاپشۇرۇۋالدىم. تىڭشىغۇچتىن قارشى تەرەپنىڭ جاۋابى ئاڭلاندى. 

ـــ سىز «O» نى تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ؟ 

ـــ شۇنداق، مەن «O» نى تاپشۇرۇۋالدىم، يەنە بىرنى يوللاپ بېرىڭ.

ئەمما، چارلېز كلاين ئۈچىنچى ھەرىپ «G» نى كىرگۈزگەندە، IMP نىڭ پرىبورى يوللاش سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى. دۇنيادىكى تۇنجى ئالاقە تورىنىڭ ئالاقىلىشىش تەجرىبىسى ئاران ئىككى ھەرپ «LO»نى يەتكۈزۈشكە بەرداشلىق بەردى! 

بۇ مۇھىم پەيتنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، چارلېز كلاين تەپسىلىي جەريانىنى ئۆزىنىڭ «IMPLOG» (خىزمەت خاتىرىسى) گە خاتىرىلەپ، ئىسمىنىڭ قىسقارتىلمىسى (CSK)نى يازىدۇ. 

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-12

خىزمەت خاتىرىسى

نەچچە سائەتتىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار سىستېمىنى رېمونت قىلدى، چارلىز كلاين «LOGIN» نى يوللاپلا قالماي، يەنە باشقا ماتېرىيال ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى يەتكۈزدى. 

ئۇزاق ئۆتمەي، 1969-يىلى 11-ئايدا، 3-IMP كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سانتا باربارا شۆبە مەكتىپىگە يېتىپ كەلگەن. 12- ئايدا، ئەڭ ئاخىرقى IMP تۆتىنچى تۈگۈن يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇراشتۇرۇلدى. 

شۇنىڭ بىلەن ARPANET رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى «تور دەۋرى» گە قەدەم قويدى. 

TCP/IP نىڭ باش كۆتۈرۈشى 

1968-يىلى ARPANET تۈرى ئەمدىلا باشلانغان چاغدا، لارى روبېرتىس مەخسۇس بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئاساسىي ئاپپارات بىلەن ئاساسىي ئاپپارات ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە يۇمشاق دېتالىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ گۇرۇپپا بىر قىسىم ئاسپىرانتلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، NWG دەپ ناملانغان (Network Working Group).

1970- يىلى NWG ئەڭ دەسلەپكى ARPANET ئالاقە كېلىشىمىنى تاماملاپ، تور كونترول كېلىشىمى (NCP) دەپ ئاتالدى. 

1970-يىلىدىن باشلاپ، ARPANETغا قوشۇلغان تۈگۈن سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. 1972-يىلىغا كەلگەندە تۈگۈن سانى 40كە يەتتى. E-mail، FTP ۋە Telnet بولسا ARPANETدىكى ئەڭ ئاساسلىق قوللىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ تورخەت، %75 ئېقىم مىقدارىنى ئىگىلىگەن. 

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-13

1972-يىلىدىكى ARPANET 

تور تۈگۈنىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى NCP كېلىشىمىگە ناھايىتى زور بېسىم ئېلىپ كەلدى. بۇ خىل كېلىشىمدە تۈگۈن نوقتا ۋە ئابونىتلارنىڭ سانى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ. 

1972-يىلى، BBN شىركىتىدىن كەلگەن روبېرت كايىن  ARPAغا قېتىلدى. شۇ يىلى روبېرت كايىن خەلقئارا كومپيوتېر خەۋەرلىشىش يىغىنى (ICCC) دا ARPANET تورىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۆرسەتكەن. بۇ ARPANETنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا كۆرسىتىلىشى. 

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-14

روبېرت كايىن

1973- يىلى NCP كېلىشىمى مەسىلىسىگە قارىتا روبېرت كايىن «ئېچىۋېتىلگەن تور قۇرۇلمىسى» ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ يىلى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ۋىنتون سېرف ARPAغا قوشۇلىدۇ، ھەمدە NWG ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان INWG خىزمەت گۇرۇپپىسىغا رەھبەرلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. 

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-15

ۋىنتون سېرف 

ناھايىتى تېزلا روبېرت كائىن بىلەن ۋىنتون سېرف بىرلىكتە يېڭى يەتكۈزۈش كونترول كېلىشىمىTCP نى (Transmisssion Control Protocol) ئوتتۇرىغا قويدى. 

دەسلەپكى مەزگىلدىكى TCP كېلىشىمى مۇكەممەل ئەمەس، ئۇچۇر بوغچىسى يۈتكەن ئەھۋال ئاستىدا ئۈنۈملۈك تۈزىتىشى كەمچىل بولغان. 

1977-يىلى، DARPA (ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى ئالىي تەتقىقات پىلان مەھكىمىسى، يەنى APRA نامىنى ئۆزگەرتتى)  BBN شىركىتى، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن توختام ئىمزالاپ، ئوخشاش بولمىغان قاتتىق دېتال سۇپىسىدا TCP كېلىشىمىنىڭ دەلىللەنگەن نۇسخىسى: TCP v1 ۋە TCP v2 نى ئاچتى. 

1978- يىلى ۋىنتون سېرف، روبېرت كايىن، داننىي كون ۋە جون پۇستېل TCPنىڭ ئىقتىدارىنى ئىككى كېلىشىمگە ئايرىغان بولۇپ، ئۇلار توردا يەتكۈزۈشتىكى نۇقسانلارنى يوللاشنى كونترول قىلىش كېلىشىمى TCP، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان تورلارغا قارىتا ئالاقە تورى كېلىشىمى IP نى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. 

شۇنىڭ بىلەن TCP v3 ۋە IP v3 بارلىققا كەلدى. كېيىن مۇقىم نۇسخىسى TCP/IP v4 شەكىللەندى. 

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-16

TCP/IP، ھازىرقى زامان تورىنىڭ ئاساسى 

بۇ مەزگىلدە، ARPANET يەنىلا ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە. 

1973-يىلى، ARPANET سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىسى ئارقىلىق ھاۋاي، ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە نورۋېگىيە خان جەمەتى رادار ئاپپاراتى بىلەن تورلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقئارا ئالاقە تورىغا ئايلانغان. 

1975-يىلى، ARPANET رەسمىي ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى خەۋەرلىشىش باشقارمىسى (DCA) تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغان. DCAدا پەقەت ھەربىي خادىملار، ARPANETنىڭ ياردەم بەرگۈچىلىرى، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىكى خادىملارلا ARPANETنى ئىشلىتەلەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن، ئەينى ۋاقىتتا بۇ بەلگىلىمىگە پەرۋا قىلىدىغان ئادەم يوق ئىدى. 

1976- يىلى، ARPANETنىڭ تۈگۈن سانى 60 نەچچگە تەرەققىي قىلىپ، 100دىن ئارتۇق ئاساسىي ئاپپاراتنى تۇتاشتۇرۇپ، پۈتكۈل ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ھالقىپ ئۆتتى. 

نۇرغۇن تەشكىلىي ئاپپاراتلار كومپيوتېر تورىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، بەس-بەستە تەتقىقاتنى قانات يايدۇردى. پۈتۈن دۇنيادا زور مىقداردا يېڭى تور بارلىققا كەلدى، مەسىلەن، كومپيوتېر ئىلمىي تەتقىقات تورى CSNET، كانادا تورى CDnet، ۋاقىت تورى BITNET قاتارلىقلار. 

70-يىللارنىڭ ئاخىرىدا مىكرو كومپيوتېرنىڭ دۇنياغا كېلىشى تورنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تېزلەتتى. 

1980-يىلى ئەتراپىدا، DARPA قانداق قىلىپ ئوخشاش بولمىغان تورنى ئۇلاشنى تەتقىق قىلىشقا باشلاپ، TInterneti Project (ئۆزئارا تورغا ئۇلاش تېخنىكىسى) تۈرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تۈرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى قىسقارتىلىپ Internet، يەنى ئىنتېرنېت دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-17

1983-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ARPANET تور يادرولۇق كېلىشىمىنى NCPدىن TCP/IP كېلىشىمىگە رەسمىي ئالماشتۇردى. 

شۇ يىلى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى ARPANETنى ھەربىي ۋە خەلق ئىشلىتىدىغان ئىككى قىسىمغا ئايرىغان. ھەربىي قىسمى MILNET دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كېيىن 1982-يىلى قۇرۇلغان دۆلەت مۇداپىئە سانلىق مەلۇمات تورى (DDN)غا قوشۇۋېتىلگەن. پۇقرالار ئىشلىتىدىغان قىسمى داۋاملىق ARPANET دەپ ئاتىلىدۇ. 

1985- يىلى TCP/IP مەشغۇلات سىستېمىسى  UNIXنىڭ تەركىبى قىسمىغا ئايلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن، بارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەدرىجىي ھالدا TCP/IPنى قوللايدىغان بولدى. بۇ كېلىشىم ئاساسىي ئېقىم بولۇپ قالدى. 

NSFnetنىڭ ARPANETنىڭ ئورنىنى ئېلىشى

1984- يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم ـ پەن فوندى جەمئىيىتى (NSF) دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيوتېر تەتقىقات مەركەزلىرى ئارىسىدا NSFnetنى قۇردى. 

دەسلەپتە، NSF ئارپا نېتنى NSFnetنىڭ ئالاقە غول لىنىيەسى قىلماقچى بولغان، لېكىن ARPANETنىڭ ھەربىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنغاچقا، بۇ تەدبىر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان. 

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى مەبلەغ چىقىرىشنى قارار قىلىپ، TCP/IP كېلىشىمىنى ئاساس قىلىپ، پۈتۈنلەي ئۆزىگە تەۋە بولغان كەڭ دائىرىلىك تور بەرپا قىلىدۇ. 

NSFnetنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ، ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى ناھايىتى تېزلا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. NSFnet نىڭ سۈرئىتىمۇ ناھايىتى تېز بولۇپ، ARPANET تورىدىن 25 ھەسسە تېز. 

NSFnet بارا-بارا ARPANET نىڭ ئورنىنى ئېلىپ، Internetنىڭ غول تورىغا ئايلانغان. 

80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، NSFnetغا ئۇلانغان كومپيوتېرلارنىڭ سانى ARPANET ئابۇنىچىلىرىنىڭ سانىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. 1990-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، ARPANET رەسمىي« چېقىۋېتىلدى» . 

1990-يىلى 9-ئايدا Merit، IBM بىلەن MCI شىركىتى بىرلىكتە پايدا ئالمايدىغان بىر تەشكىلات ـــ ئىلغار تور ئىلمى شىركىتى ANSنى (Advanced Network& Science Inc)نى قۇرۇپ چىقتى. ANS نىڭ مەقسىتى پۈتۈن ئامېرىكا دائىرىسىدا T3 دەرىجىلىك غول تور قۇرۇپ، 45Mbps سۈرئەت بىلەن سانلىق مەلۇمات يوللاش. 1991-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، NSFnetنىڭ بارلىق غول تورى ANS تەمىنلىگەن T3 دەرىجىلىك غول تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. 

1991-يىلى NSFنىڭ ئەمەلدارى NSFnet تورىدىكى سودا پائالىيەتلىرىگە يول قويۇشنى قارار قىلغان بولۇپ، تور ئۇلىنىش سانى كۆرسەتكۈچ دەرىجىسىدە ئېشىشقا باشلىغان. 

1991- يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدىكى يادرو تەتقىقات مەركىزى (CERN)دا خىزمەت قىلىدىغان ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى تىم بېرناس لى World Wide Webنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى بۈگۈنكى كۈندە بىزگە ئىنتايىن تونۇش بولغان www دۇنيا ئۇچۇر تورى. 

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-18

دۇنيا ئۇچۇر تورى ئاتىسى، تىم بېرناس لى

ئۇ يەنە HTTP (ئادەتتىن تاشقىرى تېكىست يوللاش كېلىشىمى) ۋە HTML (ئادەتتىن تاشقىرى تېكىست بەلگە تىلى)نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۇنجى تور كۆرگۈچنى لايىھەلەپ، دۇنيادىكى تۇنجى web تور بېكىتىنى قۇرغان. 

1992-يىلى بىر قانچە ئىنتېرنېت تەشكىلاتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىنتېرنېت جەمئىيىتى ISOC قۇرۇلغان. بۇ چاغدا ئىنتېرنېتتا بىر مىليوندىن ئارتۇق باش ئاپپارات بار بولۇپ، ئۈزلۈكسىز كۆرسەتكۈچ دەرىجىسىدە شىددەت بىلەن ئاشقان. 

Internet، ھەقىقىي يەر شارى ئىنتېرنېت تورىغا ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كىرىشكە باشلىدى. 

بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا ئالاقە تورى ئابۇنىچىلىرى سانى 4 مىليارد 540 مىليونغا يېتىپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى 59% تىن ئاشتى. ئۇنى بىر مەيدان تېخنىكا ئىنقىلابى دېگەندىن كۆرە، ئۇ بىر مەيدان ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا تېخىمۇ ئوخشايدۇ. ئۇ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. 

ئاخىرىدا، ئەسەردىكى بۇ ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ ئىسمىنى ئەستە تۇتايلى. دەل شۇلار، تارىخنى ئۆزگەرتتى! 

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-19

ئۇزلۇق سالونىدىن ئېلىندى

ئالاقە تورى زادى قانداق بارىلىققا كەلگەن؟-1

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى