ئاندىرويىدقا ئەپ ئېچىشتىن ئاساس

سانلىق مەلۇمات ئورگىنى QuestMobile نىڭ ئالدىنقى يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ئاندىرويىد سېستىمىسىنىڭ جۇڭگودىكى بازار ئۈلىشى %80 كە يېقىنلىشىپ iOS دىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.
微信, 抖音, QQ, 网易云, 今日头条, Baray, Nur, Subat ….
قاتارلىقلارغا ئوخشاش كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئەپ ئېچىش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىمىز.
ئاندىرويىد ئەپ ئېچىش ئۈچۈن قانداق تەييارلىقلار كېتىدۇ؟
1. ئاندىرويىد ئەپ ئېچىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سىزدە Java تىلى ياكى Kotlin تىلى ئاساسى بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئەگەر #PHP , javascript , C دىگەندەك تىللارنىڭ خالىغان بىرىنى ياخشى بىلسىڭىز Java تىلىنى تېزلا ئىگەللەپ كىتەلەيسىز.
بىز سۆزلەۋاتقان ئاندىرويىد توغرىسىدىكى مەزمۇنلار ئاساسەن Java تىلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلىنىدۇ.
2. ئاندىرويىد ئەپ ئېچىش قورالى Android Studio نى قاچىلايمىز.
3. تۈگىدى.
شۇنداق مۇشۇنچىلىك ئاددى، يېڭى ئۈگىنىش باسقۇچىدا سىز ھازىرلايدىغان تەلەپلەر كۆپ ئەمەس. پىروگرامما تىلىنى ياخشى بىلسىڭىزلا گوگۇل ئورگان تەرەپتىن تەمىنلىگەن ئەپ ئېچىش قورالىنى ئىشلىتىپلا ئاددى بولغان تۇنجى ئاندىرويىد ئەپنى ئاچالايسىز.
ئىلگىرى ئاندىرويىد ئەپ ئېچىش مۇھىتى ھازىرلاش جەريانى چۇۋالچاق ۋە مۇرەككەپ، خاتالىق يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرى بولغاچقا نۇرغۇنلىغان يېڭى ئۈگەنگىچىلەر بېشىدىلا ۋاز كېچىدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرەتتى.
Android Studio نىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىش ئارقىلىق بارا-بارا مۇقىملىشىشغا ئەگىشىپ بۇ خىل ھادىسىلەر ئازىيىشقا باشلىدى.
1. ئالدىن بىلەن تۆۋەندىكى ئادرىسقا كىرىمىز.
https://developer.android.google.cn/studio
2.ئاندىن رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويىچە Android Studio نى چۈشۈرىمىز.
Win10 شارائىتى مىسال قىلىنىدۇ
3. بولاقنى يېشىپ رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويىچە ئېچىپ مەشغۇلات قىلىمىز.
ئاندىرويىد SDK سىنى قاچىلايدىغان ئورۇننى بېكېتىپ Next نى باسىمىز.
ئېچىلغان كۆزنەكتىن يېڭى تۈر قۇرىمىز.
رەسىمدىكىدەك تەڭشەپ Finish نى باسىمىز.
تەپسىلى قاچىلاش ئۇسۇلى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئادرىستىن پايدىلىنىلسا بولىدۇ.
http://www.zyiz.net/tech/detail-140936.html

يۇقارقى جەرياندا بەلكىم Gradle نورمال تەڭشەلمەيدىغان، خاتالىق كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللار چىقىشى مۇمكىن. كۆپىنچىسى تور ئۇلىنىشى سەۋەبىدىن بولىدۇ. شۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا خاتالىق ئەسكەرتىشىگە ئاساسەن ئىزدەش ماتورلىرىدىن مۇناسىۋەتلىك ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ. بۇ توغرىدا يازمىدا تەپسىلى توختالمايمىز.
كېيىنكى قىسمى سىنلىق دەرس
شىرخان سالونىدىن ئېلىندى!