ئالەم

WiFi مۇھىممۇ ياكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان مۇھىممۇ؟

گالىلېينىڭ يېڭى دۇنيا دەرۋازىسىنى قانداق ئاچقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە، ئۇنداقتا گالىلېي تېلېسكوپنى ئاسمانغا قارىتىپ تۇرغان ھەمدە يۇپىتېرنىڭ ھەمراھلىرىغا ئىگە بولغان ئاشۇ دەقىقىلەر بۇنىڭغا پاكىت بولالايدۇ. بۇ پەيت ئىنسانلارنىڭ كائىناتقا بولغان تەپەككۇرىنىڭ مۇقىم ھالىتىنى بىۋاسىتە بۇزۇپ تاشلىغان ھەمدە ئىنسانلارنىڭ كۆزىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.

WiFi مۇھىممۇ ياكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان مۇھىممۇ؟

ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش ئاسترونومىيەنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئاساسلىق پىرىنسىپى ئاسمان جىسىملىرى چىقارغان ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنى قوبۇل قىلىش. بۇ ئەھۋاللارنى گالىلېى دەۋرىدە ئىپتىدائىي ھالدا كۆزىتىپ قول بىلەن سىزىپ خاتىرىلەشكە تايانغان، ھازىرقى زاماندا بولسا سۈرەتكە تارتىشقا تايانغان. ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىشنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، يورۇقلۇقتىن بۇلغىنىش ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر بولغان جايلاردا، ئاسترونوملار ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنالمايدۇ.

WiFi مۇھىممۇ ياكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان مۇھىممۇ؟

بىراق كەلگۈسىدە نۇردىن بۇلغىنىش ۋە ھاۋا بۇلغىنىش بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئاسترونوملار بىۋاسىتە كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇچۇرغا ئېرىشىشكە ئامالسىز قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى پۈتكۈل يەر شارىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا زور مىقداردا سۈنئىي ھەمراھلار پەيدا بولۇپ، بۇلار ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنى توسۇۋالىدۇ، بۇ ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىشكە نىسبەتەن بىر مەيدان ھالاكەت ئاپىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟

يۇلتۇزلار زەنجىرى پىلانى

ئېلون ماسك دائىم نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تېسلا ئاپتوموبىلى ۋە قارچىغا راكېتاسىدا ئەنئەنىۋى يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىل كەسپى يوق، شۇنداقلا ئالەم قاتنىشى تېخنىكا كەسپىگە غايەت زور زەربە ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرى ئىچىدە مۇنداق بىر تۈر بار، يەنى «يۇلتۇزلار زەنجىرى پىلانى» (Starlink)، بۇ ئېلون ماسك ئالەم بوشلۇقى مۇلازىمەت شىركىتى SpaceX پىلانى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقارغان بىر تۈرلۈك يەر شارىغا يېقىن ئوربىتىدىكى سۈنئىي ھەمراھ توپى بولۇپ، ئاساسلىق مەقسىتى پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك ئالاقە تورىنى ئۇلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. بىز يۈزەكى قىلىپ پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىغان WiFi دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.

WiFi مۇھىممۇ ياكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان مۇھىممۇ؟

سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانىدا، SpaceX ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا 12 مىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 550 كىلومېتىرلىق ئوربىتىغا تەخمىنەن 1600 سۈنئىي ھەمراھ، 1150 كىلومېتىرلىق ئوربىتىغا 2800 سۈنئىي ھەمراھ، ئەڭ ئاخىرىدا 340 كىلومېتىرلىق ئوربىتىغا تەخمىنەن 7500 سۈنئىي ھەمراھ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئومۇمىي خىراجەت تەخمىنەن 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتىراپىدا بولىدۇ.

WiFi مۇھىممۇ ياكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان مۇھىممۇ؟

يۇلتۇز زەنجىرى پىلانى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن بولغان مەسىلە.

بۇ پىلان ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ئىزچىل تالاش-تارتىش بولغان. ئالدى بىلەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىرىنچى مەسىلە بولسا يۇلتۇز زەنجىرى پىلانى بىلەن 5G تورىنىڭ توقۇنۇشى. يۇلتۇز زەنجىرى پىلانى پۈتۈن يەر شارىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئالاقە تورىغا ئۇلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە تور سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا يەنىلا بىر مەسىلە مەۋجۈت بولۇپ، تور سۈرئىتى ئاساسىي جەھەتتىن 5G تورىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس.

WiFi مۇھىممۇ ياكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان مۇھىممۇ؟

ئىككىنچىدىن، خەۋپ-خەتەردىن ئەندىشە قىلىش كېرەك. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئالەم بوشلۇقىدا ئون مىڭدىن ئارتۇق سۈنئىي ھەمراھ بار بولۇپ، ئالەم بوشلۇقىدا ئەخلەتلەر يېتەرلىك دەرىجىدە كۆپ، بىر قىسىم نورمال خىزمەت قىلالمايدىغان سۈنئىي ھەمراھلار ھەتتا بىۋاسىتە ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ سانىلا ئون مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئەسلىدىلا قىستىلىشىپ كەتكەن بوشلۇق ئوربىتىسىنى توسۇۋېلىپ، سوقۇلۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىۋېتىشى مۇمكىن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەر شارىغا يېقىن ئوربىتىدىكى باشقا سۈنئىي ھەمراھلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدۇ، SpaceX ھەر بىر سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئۇچۇرىنى تەپسىلىي ئېلان قىلمىغاچقا، يەر شارىغا يېقىن ئوربىتىدىكى سۈنئىي ھەمراھ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان سوقۇلۇشنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدۇ ھەم ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ، ئەگەر سوقۇلسا سۈنئىي ھەمراھ بىراقلا ھالاك بولۇشى مۇمكىن.

WiFi مۇھىممۇ ياكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان مۇھىممۇ؟

ئاسترونوملار ئەڭ ئاخىرقى شۇنداقلا ئەڭ ئېغىر مەسىلىنى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: يۇلتۇزلار زەنجىرى پىلانى ئېغىر بولغان نۇردىن بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىشلەرنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا بىۋاسىتە سەۋەبچى بولىشى مۇمكىن.

شۇنى بىلىش كېرەككى، پۈتكۈل ئاسمان رايونىدىكى كۆرۈنمە نۇر دولقۇن بۆلىكىدىكى ئاسمان جىسىملىرىدىمۇ يۇلتۇزلار زەنجىرىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سانى كۆپ بولمايدۇ، بۇ ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىشكە بىۋاسىتە كاشىلا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، يۇلتۇزلار زەنجىرى پىلانىدىكى سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى بار، بۇ ئاسترونوملارنىڭ قايسى يۇلتۇزلار زەنجىرى سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ دەل ئۇلار كۆزەتمەكچى بولغان ئورۇندا پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىدىن، شۇنداقلا بۇ يۇلتۇزلار زەنجىرى سۈنئىي ھەمراھلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

WiFi مۇھىممۇ ياكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان مۇھىممۇ؟

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار SpaceX ۋە ماسكقا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى. SpaceX بىلەن ماسك ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھنىڭ قايتا يورۇتۇش نىسبىتىنى ئازايتىشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش ئېھتىياجى ئۈچۈن تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەمەلىي مەشغۇلات ئۇنداق كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. ئادەتتىكى ئاسترونومىيە ھەۋەسكارلىرى ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش ئېلىپ بارغاندا، نۇرغۇنلىغان يۇلتۇزلار زەنجىرى سۈنئىي ھەمراھلىرىدا كۆرۈلگەن سۈرەتلەرنى تارتقان. ئاسترونوملارنى دېمەيلا قويايلى، ئادەتتىكى ئاسترونومىيە ھەۋەسكارلىرى كۆزىتىش ئېلىپ بارغاندا سۈنئىي ھەمراھنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچراپ، ئىشلىگەن نۇرغۇن خىزمەتلىرىنىڭ بىكارغا كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى كۆزەتكەندە، رەسەتخانىلار يۇلتۇزلار زەنجىرى سۈنئىي ھەمراھىنىڭ كۆزىتىشكە كاشىلا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

WiFi مۇھىممۇ ياكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان مۇھىممۇ؟

قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزدىن باشقا ئاقار يۇلتۇز يامغۇرىنى كۆزەتكەندە، شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ، يۇلتۇزلار زەنجىرى پىلانىدىكى سۈنئىي ھەمراھلار كۆزىتىشكە ئېغىر دەرىجىدە كاشىلا قىلىدۇ.

WiFi مۇھىممۇ ياكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان مۇھىممۇ؟

ئاتالمىش «نۇر قايتۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش»مۇ بىر قۇرۇق چەك بولۇپ، پەقەت بىر دانە سۈنئىي ھەمراھ قەۋىتى بار، لېكىن كېمىيىش دائىرىسى يەنىلا ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىشكە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش تەلىپىگە ھەرگىز يەتكىلى بولمايدۇ.

WiFi مۇھىممۇ ياكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان مۇھىممۇ؟

مۇنداقچە ئېيتقاندا، كەلگۈسىدە يۇلتۇزلار زەنجىرى پىلانىدىكى سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يۇلتۇزلۇق ئاسماندىكى سۈنئىي ھەمراھلار قانچە كۆپ بولسا، سۈنئىي ھەمراھلار پەيدا قىلغان نۇردىن بۇلغىنىش شۇنچە ئېغىر بولىدۇ، يەر شارىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر نەچچە يۈز مىليون يۈەن ھەتتا نەچچە مىليارد يۈەن سەرپ قىلىپ ياساتقان تېلېسكوپلار رولىنى يوقىتىدۇ.

WiFi مۇھىممۇ ياكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان مۇھىممۇ؟

ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىشنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بولمىسا، ئاسترونوملار ئىشەنچلىك ئاسترونومىيە نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ، شۇنىڭلىق بىلەن بۇ ھەقتىكى نەزىيىۋى بىلىملەر بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا «wifi كېرەكمۇ ياكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان كېرەكمۇ؟» دېگەن سوئال شەكىللىنىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى