تەبىئەت

نېمە ئۈچۈن ئاۋسترالىيە تېزەكچى قوڭغۇزنى ئىمپورت قىلىدۇ؟

1967-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئاۋسترالىيە مەملىكىتىمىزدىن بىر تۈركۈم تېزەكچى قوڭغۇزلارنى ئىمپورت قىلىپ، چارۋىچىلىق فېرمىلىرىدا تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن كالا تېزىكىنى يوقىتىشقا ئىشلىتىپ كەلمەكتە.

لېكىن تېزەكچى قوڭغۇزنى ئىمپورت قىلىشنىڭ سەۋەبى ئۇ يەردە تېزەكچى قوڭغۇز بولمىغىنى ئۈچۈن ئەمەس. بۇنىڭ ئەمەلىي سەۋەبى بولسا ئاۋسترالىيەدىكى يەرلىك تېزەكچى قوڭغۇزلار تاماق تاللىغاچقا، پەقەت ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدۇ.

نېمە ئۈچۈن ئاۋسترالىيە دۆلىتىمىزدىن تېزەكچى قوڭغۇزنى ئىمپورت قىلىدۇ؟

ئاۋسترالىيەدە 475 خىل تېزەكچى قوڭغۇز بار بولۇپ، يەرلىك تېزەكچى قوڭغۇزلار كېنگۇرۇ، كاۋلانىڭ چوڭ تەرىتىنى ياخشى كۆرىدۇ. 18-ئەسىردە ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى سېرىق كالا بىلەن سۈت كالىسىنى ئاۋسترالىيىگە ئېلىپ بارغان، لېكىن ئىمپورت قىلىنغان قېرى كالىنىڭ چوڭ تەرىتىدىكى سۇ تەركىبى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن يەرلىك تېزەكچى قوڭغۇز ئۇلارنىڭ چوڭ تەرىتىنى ياقتۇرمايدىكەن. خالتىلىق ھايۋانلارنىڭ قۇرغاق چوڭ تەرىتىگە سېلىشتۇرغاندا، نەم كەلگەن چوڭ تەرەت بىر قەدەر يېپىشقاق بولۇپ، تازىلاش ناھايىتى قىيىن. سۇ تەركىبى كۆپ بولغان تىزەك پومزىكىنى دومىلاتسا تېخىمۇ ئېغىر، تېخىمۇ جاپالىق بولىدۇ.

قارشى ئېلىنمايدىغان كالا تېزىكى چارۋىچىلىق فېرمىسىدا بارغانسېرى كۆپەيگەن بولۇپ، كالا تېزىكىگە ئولاشقان چىۋىنلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن، كوچا بويىدىكى قەھۋەخانىلار سىرتتىكى ئۈستەل ـ ئورۇندۇقلارنى يىغىشقا مەجبۇر بولغان، كۆپچىلىك ئىشىك ـ دېرىزىلەر ھىم ئېتىلگەن ئۆيدە تۇرۇپ چىۋىندىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاۋسترالىيە ھەممە يەردىن ياردەم ئىزدىگەن، ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقا، فىرانسىيە، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردىن 43 خىل تېزەكچى قوڭغۇزنى ئىمپورت قىلغان.

شىمالدىن كەلگەن تېزەكچى قوڭغۇز كىچىكىدىن تارتىپلا كالىنىڭ چوڭ تەرىتىنىڭ تەمىگە كۆنگەن بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا ئاۋسترالىيە قېرى كالىسىدىن قالغان چوڭ ئاۋارىچىلىقنى ھەل قىلغان.

نېمە ئۈچۈن ئاۋسترالىيە دۆلىتىمىزدىن تېزەكچى قوڭغۇزنى ئىمپورت قىلىدۇ؟

تېزەكچى قوڭغۇزنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى

دۇنيادا جەنۇب ۋە شىمالدىكى تېزەكچى قوڭغۇزنى قوشقاندا جەمئىي 7000 خىل تېزەكچى قوڭغۇز بار بولۇپ، ئانتاركتىكادىن باشقا قۇرۇقلۇقنىڭ ھەممىسىدە ئۇلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. غايەت زور جەمەتتە جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقى بولغاندىن سىرت، خىزمەت ئۇسۇلىدىمۇ پەرق بولىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ھۇرۇنلارمۇ، ئىشچانلارمۇ بولىدۇ.

تېزەكچى قوڭغۇزنىڭ چوڭ تەرەتنى تازىلايدىغان ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار. بىرىنچى خىلى، ھۇرۇنلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇلى، ئۇ بولسىمۇ بىۋاسىتە ھالدا باشقا ھايۋانلارنىڭ چوڭ تەرىتىگە تۇخۇملايدۇ، لېچىنكا تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن، چوڭ تەرەت لىچىنكىنىڭ ئاشلىقى بولىدۇ، ھۇرۇن تېزەكچى قوڭغۇز چوڭ تەرەتنى بالا قوڭغۇزنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قويىدۇ.

ئىككىنچى خىلى، كۆپ ساندىكى تېزەكچى قوڭغۇزلار قوللىنىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ئۇ چوڭ تەرەتنىڭ ئاستىغا ئورەك كولاپ، چوڭ تەرەتىنى كىچىك-كىچىك پارچىلاپ، بىر-بىرلەپ ئورەككە تىقىپ، ئۆزى ۋە بالىسىنىڭ ئاشلىقى ئورنىدا ساقلاپ قويىدۇ.

تېزەكچى قوڭغۇزنىڭ چوڭ تەرەتنى تازىلاشتىكى ئۈچىنچى خىل ئۇسۇلى تېزەك پومزىكىنى دومىلىتىش. ئۇ چوڭ تەرىتىنى تېزەك پومزىكى قىلىپ، بىخەتەر جايغا دومىلىتىپ، ئورەك كولاپ كۆمۈپ قويىدۇ. ئەگەر بىر چىشى قوڭغۇز تېزەك پومزىكىنى دومىلىتىۋاتقان ئەركەك تېزەكچى قوڭغۇزغا كۆزى چۈشۈپ قالسا، ئۇ تېزەك پومزىكىگە سەكرەپ چىقىۋالىدۇ. بىخەتەر جاينى تاپقاندىن كېيىن، ئەركەك-چىشى ئىككى قوڭغۇز بىرلىكتە ئورەك كولاپ، تېزەك پومزىكىنى كۆمۈپ، ئۇنى كەلگۈسىدىكى بالىسىنىڭ ئوزۇقى قىلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن ئاۋسترالىيە دۆلىتىمىزدىن تېزەكچى قوڭغۇزنى ئىمپورت قىلىدۇ؟

تېزەكچى قوڭغۇزمۇ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئاساسەن يېمەكلىك تاللايدۇ، گۆشخور ھايۋانلارنىڭ چوڭ تەرىتى جەلپ قىلىدىغان تېزەكچى قوڭغۇزنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ئوتخور ۋە ئوزۇق تاللىمايدىغان ھايۋانلارنىڭ جەلپ قىلىشچانلىقى تۆۋەن بولىدۇ. بىراق، ئوزۇقلۇق قىممەت تېزەكچى قوڭغۇزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر تەرىپى بولۇپ، يەنە بىر تەرىپى تەم، ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ چوڭ تەرىتىنىڭ تەمى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ قارشى ئېلىنىش دەرىجىسىدىمۇ روشەن پەرق بولىدۇ. مەسىلەن، ئوزۇق تاللىمايدىغان ھايۋانلار ئىچىدە قوڭۇر ئېيىقنىڭ چوڭ تەرىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ياۋا توڭگۇزنىڭ چوڭ تەرىتى جەلپ قىلغان تېزەكچى قوڭغۇزنىڭ سانىنى بىر قاتلىغان.

بارلىق ھايۋانلار ئىچىدە تېزەكچى قوڭغۇزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى گۆشخور سۈلەيسۈن، قۇلاق ئۇچىدا قارا ئانتېنىسى بار مۈشۈكنىڭ تەرىتى. ئىككىنچىسى بولسا قوينىڭ چوڭ تەرىتى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئوزۇق تاللىمايدىغان ياۋا توڭگۇز ۋە ئىنەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ چوڭ تەرىتى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تېزەكچى قوڭغۇزنىڭ ئەڭ ياقتۇرمايدىغىنى ئوتخور ھايۋانلار ئىچىدىكى ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغىنىڭ چوڭ تەرىتى.

نېمە ئۈچۈن ئاۋسترالىيە دۆلىتىمىزدىن تېزەكچى قوڭغۇزنى ئىمپورت قىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاۋسترالىيە دۆلىتىمىزدىن تېزەكچى قوڭغۇزنى ئىمپورت قىلىدۇ؟

ئەڭ ئاخىرقى بىر مەسىلە: نېمە ئۈچۈن تېزەكچى قوڭغۇزنى تەتقىق قىلىش كېرەك؟ بۇ مەسىلىگە ئاۋسترالىيە چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ غوجايىنى مۇۋاپىق جاۋاب بېرەلەيدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىپ باقساق ئەگەر تېزەكچى قوڭغۇز بولمىسا، دۇنيا قانچىلىك سېسىق پۇراققا توشۇپ كېتەر؟

نېمە ئۈچۈن ئاۋسترالىيە دۆلىتىمىزدىن تېزەكچى قوڭغۇزنى ئىمپورت قىلىدۇ؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى