تەبىئەت

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

سىرتتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېگېموت ھازىر كولومبىيەدە ئاپەتكە ئايلاندى. بۇ چوڭ سەرگەردانلارنىڭ كولومبىيەدىكى سانى يۈزدىن ئاشقان بولۇپ، ھەممىسى بىرلا جايدا. ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە 2040-يىلىغا بارغاندا بۇ سەرگەردانلارنىڭ سانى مىڭدىن ئاشىدىكەن.

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

بۇ بېگېموتنىڭ كېلىش تارىخى ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدۇ. كولومبىيە يەر شارى بويىچە ئەڭ ئىلغار ئەتكەسچىلىك تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇپ، بۇ بېگېموتنى دەسلەپتە زەھەر ئەتكەسچىلىرى ئەرمەك ھايۋان سۈپىتىدە ئەتكەس قىلىپ ئەكىرگەن. ئامېرىكا دۆلەت جۇغراپىيەسى بۇ بىر توپ كولومبىيە بېگېموتلىرىنى «ئاق يۈزلۈك بېگېموت» دەپ ئاتىغان.

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

كېيىن زەھەر ئەتكەسچىسى تۇتۇلۇپ، بېگېموت ئۆز ئورنىدا قويۇپ بېرىلگەن. دەسلەپتە بۇ بېگېموتلار ئاران تۆتلا بولۇپ، كىشىلەر ئۇلارنى ئۆزى پەيدا بولۇپ، ئۆزى يوقىلىدۇ دەپ قارىغان، نەتىجىدە كېيىن زورىيىپ بىر ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىگە ئايلانغان. بېگېموت تۇخۇمىنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، ھازىر كولومبىيە تەرەپ ئۇلارنى تۇغماس قىلىش قىيىن بولۇشتەك مەسىلىگە دۇچ كەلگەن، شۇڭا بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بېگېموتلار كولومبىيە مېدېللىن (Medellín)دىكى ئاھالىلىرىنى ئارامىدا قويمىغان. بەزىدە يەنە بېگېموتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىق خەۋەرلىرى تارقالغان.

بۇلتۇر 5-ئايدا مېدېللىندىكى بىر ئەر يېرىم كېچىدە ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا بېگېموت بايقاپ قېلىپ، كەنت ئېغىزىغىچە ئۇنى قوغلاپ بارىدۇ. قۇتقۇزۇشقا كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى بۇ ئەرنىڭ ساغرىسىنىڭ يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ، دوختۇرخانا ئۇنى ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئېغىر زەخىم دەپ باھالايدۇ.

2009-يىلى ئۈچ تۇياق بېگېموت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كالىلىرىغا كەينى-كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ، يەنە تېخى ئادەمنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قالىدۇ.

ئاخىرىدا كولومبىيە تەرەپ ھەربىي ساقچىلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى يوقىتىشقا ئاتلىنىدۇ. ئىككى يىل ئىز قوغلىغاندىن كېيىن، تولۇق قوراللانغان ئون نەچچە كىشىلىك بۇ جەڭگىۋار گۇرۇپپا ئاخىر بۇ قاراقچىلار گۇرۇھىنىڭ كاتتىۋېشىنى قولغا چۈشۈرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كاتتىۋاش كاتتىۋاش بولۇپلا قالماي يەنە شايكىدىكى باشقا ئىككى بېگېموتنىڭ دادىسى ئىكەن.

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

ھايۋانات باغچىسى كۆلچىكىدىكى بېگېموتنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بېگېموت مۇلايىم. «خىپ-خوپ» (hiphop) دېگەن سۆز بېگېموتنىڭ ئىنگلىزچە نامى Hippoدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرىدە بېگېموت ۋە ئۇنىڭ بالوندەك چوڭ ساغرىسى راھەتلىكنىڭ سىمۋولىدۇر. لېكىن ئەمەلىيەتتە بېگېموتنىڭ مىجەزى بەك يامان. «دۆلەت جۇغراپىيەسى»دە، بېگېموتنىڭ ئەسلى يۇرتى ئافرىقا، ئۇلار ھەر يىلى 500 ئادەم چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ، بۇ شىر يىلپىزدىنمۇ كۆپ، دېيىلگەن.

بېگېموت ئادەمنى كۆزگە ئىلمايلا قالماستىن، يايلاقتىكى بارلىق جانلىقلارنىمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ. بېگېموتنىڭ زېمىن ئېڭى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، بېگېموتنىڭ زېمىنىغا قالايمىقان كىرىپ قالغانلار بېگېموتنىڭ نەزىرىدە كۆز ئالدىدىلا جورىسىنى تارتىۋالغانغا ئوخشاش. پەقەت بېگېموتنىڭ زېمىنىغا بۆسۈپ كىرسىلا، شىر بولامدۇ، تىمساھ بولامدۇ ھەممىسىنى چىشلەۋېرىدۇ. سىرتلان كەركىداننىڭ مەقىتىگە چېقىلىشقا پېتىنالايدۇ، لېكىن بېگېموتقا چېقىلالمايدۇ.

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا چەت ئەل تاراتقۇلىرى دەريادىن ئۆتۈپ كەركىداننى يېقىتقان خەۋەرنى ئېلان قىلغان. بىر كەركىدان ئۇسسىغانلىقتىن بېگېموتنىڭ زېمىنىغا كىرىپ سۇ ئىزدىگەن، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغمىغاچقا، ئىككى بېگېموت كەركىداننى سۇغا سۆرەپ ئەكىرىپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان.

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

بېگېموت كولۇمبىيەلىكلەرگىلا ئەمەس، يەنە كولۇمبىيە روھىغىمۇ زىيان يەتكۈزگەن. سىرتتىن كەلگەن تۈرلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىر ئادەتتە خەلقنى پاراكەندە قىلىش ۋە يەرلىك سەرخىللار بىلەن ئۇرۇشۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، يەنە شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. مەسىلەن، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان دارې چارپاقا باشلىق تاشپاقىسى بىلەن ماگدالېنا دەرياسى تاشپاقىسى ئاساسەن كولومبىيەنىڭ بەزى جايلىرىدىلا پەيدا بولغان، ئەمما ھازىر بېگېموتنىڭ ئوت-چۆپلەرنى قالايمىقان يېيىش ۋە لاي-لاتقىلارنى قالايمىقان قىلىش سەۋەبىدىن بۇ بىر نەچچە خىل تاشپاقىنىڭ ھەممىسى يوقىلىپ كەتكەن.

بۇلتۇر بەزى تەتقىقات ئەترەتلىرى «ئاق يۈزلۈك بېگېموت» تۇرۇشلۇق جايدىكى سۇ مەنبەسىنىڭ ئوزۇقلۇق سەۋىيەسى ۋە كۆك باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. گەرچە ئېشىش ھەجىمى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ پەقەت 100دەك بېگېموتنىڭ نادىر ئەسىرى ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ بەدىنىدە يەنە قانداق ئالاھىدە بىر كېسەللىك باكتىرىيەسى بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان كولومبىيە تەرەپتىكى مۇھىت ئاسراش خادىملىرى ناھايىتى بىئارام بولغان.

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

سىرتتىن كەلگەن تۈرلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى كۆپ ھاللاردا ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر قەدەر تىپىك مىسال شۇكى، نەچچە يىل ئىلگىرى چوڭ راك لىچىنكىسى ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىپ، شۇ جايدىكى يەرلىك راكلارنىڭ ماكانىنى ئىگىلەپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن جايلارنىڭ ئەۋرەز يولىنى توسۇۋالغان.

جۇڭگو مۇھىت گېزىتىنىڭ 2019-يىلىدىكى بىر پارچە خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: سىرتتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن تۈرلەرنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ۋە مۇھىتىغا كەلتۈرگەن زىيىنى ھەر يىلى 120 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان تەخمىنەن 20 مىليارد يۈەن، ۋاسىتىلىك ئىقتىسادىي زىيان 100 مىليارد يۈەن.

شۇڭا بېگېموتنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بەرگەندە ھېچكىم كەلگۈسىدە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىغا ھۆددە قىلالمايدۇ.

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

ئەمسە ھازىر قانداق قىلىش كېرەك؟

ھۇرۇنلۇق ئىنسانلاردىكى ئورتاقلىق، مەسىلىنى ھەل قىلىش مەڭگۈ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىنى بىر تەرەپ قىلغانغا يەتمەيدۇ. شۇڭا كولومبىيە تەرەپ بىرىنچى ئىنكاسىنى بېگېموتقا قايتۇرغان. بىراق بۇ لايىھە ئىجرا قىلىش جەريانىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.

ئالدىدا تىلغا ئېلىنغاندەك 2009-يىلى ھەربىي-ساقچىلار بۇيرۇق بويىچە بىر بېگېموتنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. بۇ كولومبىيە تەرەپنىڭ بېگېموتقا جەڭ ئېلان قىلغان تۇنجى پاي ئوقى، كەينىدە يەنە بىر يۈرۈش مۇكەممەل يوقىتىش پىلانى بار. لېكىن بۇ ۋەقە كولومبىيە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان. ھەتتا ئامېرىكىلىق مۇھىت ئاسراش ئەربابلىرى چېگرا ھالقىپ قانۇن ئىجرا قىلىپ، كولومبىيە دائىرىلىرىگە ئېتىلىپ بېرىپ، يەرلىك كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ، دەرھال ئۆلتۈرۈشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.ئالاھىدە ئەھۋالدا تاقەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان كولومبىيە دائىرىلىرى گەرچە ئەڭ ئاخىرىدا نەسلىنى قۇرۇتۇش پىلانىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە يەنىلا نەس باسقاندەك ھېس قىلغان.

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەمەلىيەتتە كولومبىيەدىكى يەرلىك كىشىلەردىن نۇرغۇنلىرى يەنىلا بېگېموت قالدۇرۇشنى قوللىغان. بېگېموتنىڭ مېدېللىندا قىلغان-ئەتكەنلىرى ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇستىلىق قىلىمەن دەپ چاندۇرۇپ قويۇشى يەرلىك ئاھالىلەرگە پايدا يەتكۈزگەن.

تاراتقۇلار شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلغاندا، بىر كەنت ئاھالىسى كەنتنىڭ ئەتراپىدا بېگېموت پەيدا بولغاندىن كېيىن، قانۇنسىز پارتلىتىش ۋە توك سوقتۇرۇپ بېلىق ئوۋلىغۇچىلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. نېمىلا دېگەن پارتلاتقۇچنى بېگېموتنىڭ يېنىغا تاشلىسا، بېگېموت ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ماكانىغا تاجاۋۇز قىلغۇچىنى ئۆزەمنىڭ ئانىسى دەپ قارىمايدۇ-دە. شۇڭا پارتلىتىپ بېلىق تۇتقۇچىلار يولۇقىدىغان خەتەر بىۋاسىتە ئېشىپ كەتكەن.

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

بېگېموت سېمىز ھەم غەلىتە بولسىمۇ، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سىز پەقەت مەلۇم جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتەلىسىڭىزلا، ئۇ چوقۇم سىزگە سادىق بىر توپ مەستانىلەرنى جەلپ قىلىپ بېرىدۇ.

ھازىر كولومبىيەدىكى بۇ ئاق يۈزلۈك بېگېموتنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەت دائىرىسى ئەينى يىلى زەھەر ئەتكەسچىلىرى ئەتكەسچىلىك قىلىپ باققان شەخسىي ھايۋانات باغچىسى ئەتراپىدا ئىكەن. شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى بۇنى بايقىغاندىن كېيىن دەرھال تۈرلۈك بېگېموت تېمىسىدىكى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىنى قۇرغان. ھازىر بۇ رايونغا ھەر يىلى 50 مىڭ ساياھەتچى بېگېموتنى دەپ كېلىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن بېگېموت بۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولۇپ، كولومبىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان.

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

ئۇنداقتا، مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى قانداق قىلىش كېرەك؟

كولومبىيە دائىرىلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش ئەربابلىرى بىرلىكتە چاتاق چىقارغۇچىنى ئاختا قىلىشنى قارار قىلغان. بىر ئىككى يىل ئىلگىرى كولومبىيە بۇ بىر توپ سەرگەردان بېگېموتنى تۇغماس قىلىشقا كىرىشىپ كەتكەن. لېكىن بۇ يول ئۇلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئاسان ئەمەس. بۇ جەھەتتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبى ئەمەلىيەتتە بېگېموتنىڭ ئۆزىدە.

ئالىملار بېگېموتنىڭ ئاچقۇچلۇق قىسىملىرىنى ناھايىتى تۈزۈت قىلغان ئاساستا مەردانە سۈپەتلەپ، «بوشلۇقتىكى ھەرىكەتچان تۇخۇم» دەپ ئاتىغان. بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بېگېموت تۇخۇمىنى ئۆزلۈكىدىن تېنىگە يىغىۋالىدىكەن ھەمدە تېنىدە چوڭ دائىرىدە يۆتكىيەلەيدىكەن.

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

ۋيېنا مال دوختۇرلۇق ئۇنىۋېرسىتېتسى ياۋا ئېكولوگىيە تەتقىقات مەركىزىدىكى كىرىس ۋالزېر ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى «مال دوختۇرلۇق تۇغۇت ئىلمى» ناملىق كىتابتا بېگېموتنى تۇغماس قىلىش ئوپېراتسىيەسى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ ئاساسەن ئورۇنلاش مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپە ئىكەن.

كىرىس ۋالزېر ماقالىسىدە بېگېموت تۇخۇمىنى ھەرىكەتچانلىقى يۇقىرى تۇخۇم دەپ تەسۋىرلىگەن. ئۇ بېگېموتنىڭ تۇخۇمىنى تېنىگە يىغىۋېلىپلا قالماستىن، بەلكى تېنىدە مەخسۇس بىر تۇخۇم يوشۇرۇنغان نەيچىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان. بېگېموت تۇخۇمى مۇشۇ نەيچىنى بويلاپ ئەڭ چوڭقۇر بولغاندا يېرىم مېتىرغىچە كۆمۈلەلەيدىكەن، كونكرېت ئورنى بېگېموتنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ بەلگىلىنىدىكەن.

بۇ بېگېموتنى تۇغماس قىلىش ئوپىراتسىيەسىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىگە قارىغاندا قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن، ئوڭۇشلۇق بولۇش-بولماسلىقى تەلەيگە باغلىق بولۇپ قالغان.

بېگېموتنىڭ بۇ ئاجايىپ ماھارىتى جەڭ مەيدانىدا تاۋلىنىپ چىققان. ئۇلار كۈيلەش مەزگىلىدە ئۆزئارا ئۇرۇشقاندا ئامال قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ تۇخۇمىنى چىشلەشكە ئۇرۇنىدىكەن.

بېگېموتلار جاھاننى بېشىغا كەيدى

ئەركەك بېگېموتقا سېلىشتۇرغاندا، چىشى بېگېموتنى تۇغماس قىلىش تېخىمۇ ئىلمىي ھېكمەت ھېسابلىنىدۇ.

ئالىملار چىشى بېگېموتنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ كونكرېت ئورنى ۋە رول ئويناش ئۇسۇلىنى تېخى ئېنىقلىيالمىغان. ھازىر كولومبىيەنىڭ بېگېموتنى تۇغماس قىلىش پىلانى پەقەت ئەركەك بېگېموتقىلا قارىتىلغان بولۇپ، ئەركەك بېگېموتنى تۇغماس قىلىش چىقىمى 50 مىڭ دوللار ئەتراپىدا كېلىدىكەن. كولومبىيە مۇھىت مۇتەخەسسىسى داۋىد لوپېزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھەر يىلى بىر بېگېموتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاختا قىلالايدىكەن. ئەمما ئالىملار شۇ جايدىكى بېگېموتنىڭ سانىنىڭ يىلىغا %10 كۆپىيىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

ئىش بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، كولومبىيە ھۆكۈمىتى بېگېموتنى يوقىتىۋېتىش تۈرىنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزدى. بەزى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە، ئىچكى قىسىمدا يەنە ھەر خىل تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت.

ئەگەر ئاق يۈزلۈك بېگېموتلار غەرەز ئۇقىدىغان بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇخۇمىنى تاپشۇرالىسا، تەبىئىيلا بىر مەيدان داۋالغۇشتىن ساقلىنىپ، ئېنىقسىز كەلگۈسىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. بىراق تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا بۇ يەنىلا ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلە.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى