ساغلاملىق

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟

پۇتتىكى ئوخشاش بولمىغان 15 خىل ئالامەت ئوخشاش بولمىغان كېسەللىكتىن دېرەك بېرىدۇ، ھەرگىز سەل قارىماڭ!

1. پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش
پۇتنىڭ تۇيۇقسىز پېيى تارتىشىپ قالسا ياكى مۇسكۇللار تۇيۇقسىز قىسقىراپ كەتسە تېلىپ ئاغرىيدۇ، بۇ بەلكىم چېنىقىش ياكى سۇسىزلىنىشتىن كېلىپ چىققان قىسقا ۋاقىتلىق ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال دائىم يۈز بەرسە، كالىي، ماگنىي ۋە كالتسىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلارنىڭ كەملىكىدىن بولىدۇ.

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟

2. پۇت ئۇيۇشۇش
ئەگەر پۇت دائىم ئۇيۇشۇپ قالسا، بۇ كۆپىنچە نېرۋا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، بۇ بەلكىم پۇت، ئوشۇق ياكى دۈمبە نېرۋىلىرىنىڭ يىگىلەپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟

3. پۇت تېرىسى قۇرغاقلىشىش
ئەگەر پۇت تېرىسىنىڭ قۇرغاقلىشىپ ئاسان چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقى بايقالسا، قان ئايلىنىشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ.

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟

4. پۇت يارىسى ئ‍اسان ساقايماسلىق
جاھىل يارا دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى.
5. پۇت مۇزلاش
قالقانسىمان بەز ھورمۇنى مېتابولىزمنى تەڭشەيدىغان ئاساس بولۇپ، ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىش يېتەرلىك بولمىسا، مېتابولىزم ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تەڭشىلىشىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، بەدەننىڭ ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى زور تەسىرگە ئۇچراپ، پۇت-قول مۇزلاپ كېتىدۇ.

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟

6. ئۆكچە ئاغرىش كېسىلى
تاپان سېرىقئەت ياللۇغى، ئۆكچە سۆڭەك پەيدا بولغاندا سۆڭەكنىڭ يۇقىرى بېسىم كېسىلىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟

7. پۇتنىڭ چوڭ بارمىقى تۇيۇقسىز چوڭىيىش
بوغۇم تۇيۇقسىز قىزىرىپ ئىششىپ ئاغرىغاندا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، بۇ بەلكىم يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، بوغۇم ياللۇغى، يۇقۇملىنىش ۋە تاشقى يارا كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟8. پۇتىدا قارا مەڭ بولۇش
قارا پىگمېنت ئۆسمىسى بەدەننىڭ ھەر قانداق يېرىدە، جۈملىدىن پۇت بارماقلىرىدا كۆرۈلۈشى مۇمكىن، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قارا مەڭ پەيدا بولسا، تېرە راكىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
9. پۇت تىرنىقى قېلىن، سارغىيىش
زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش ئاسانلا پۇت بارماقلىرىنىڭ ساغىرىپ قېلىنلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، لىمفا سۇلۇق ئىششىقى ۋە رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغىدىمۇ پۇت بارماقلىرى سارغىيىپ كېتىدۇ.

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟

10. ئوشۇق ئىششىش
بۆرەك كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىڭ.

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟

11. تاپان ئاغرىش
تاپان سەۋەبسىز ئاغرىغان ھەمدە ئۇسساش، پات-پات سىيىش، ئاسان قورساق ئېچىش، بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسا، دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
12. پۇت بارماقلىرى ھەم يۇمىلاق ھەم ياپىلاق بولۇش
ئەگەر پۇت بارماقلىرىدا بىنورمال يۇمىلاق ھەم ياپىلاق ئەھۋال كۆرۈلسە، بۇ كىلىنىكىدا توقماقسىمان پۇت بارمىقى دەپ ئاتىلىدۇ، ىۇنداق چاغدا ئۆپكە راكى قاتارلىق ئۆپكە كېسەللىكلىرىدىن ئىھتىيات قىلىڭ.
13. پۇت تىرنىقى ئاستىدىكى قىزىل سىزىق
يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بۇ كىچىك قان نوكچىسىنىڭ پۇت تىرنىقى ئاستىدىكى قىل قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ نەتىجىسى.

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟

14. تاپان ئاغرىش
تاپان ئاغرىشنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن تاپان سېرىقئەت ياللۇغى، ئۆكچە ياغ قىستۇرمىسى ياللۇغى، ئۆكچە پېيى ياللۇغى قاتارلىقلار تاپان ئ‍اغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟

پۇت ئاسراشتىكى ئۈچ خىل ئۇسۇل
1. دائ‍ىم پۇتنى چىلاپ بېرىش
تەخمىنەن 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئىسسىق سۇغا ياكى زەنجىۋىل سۈيى ياكى پۇت چىلاش دورىسىغا پۇتنى 20 ~ 30 مىنۇت چىلىسا بولىدۇ، ئىككى پۇتنىڭ تېرىسى قىزىرىپ، يۈزى سەل-پەل تەرلىسە بولىدۇ.

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟

2. پۇتنى ئۇۋۇلاش

پۇتتىكى زۇسەنلى پەنلىسى (足三里)، يۇڭچۇەن پەللىسى(涌泉穴) قاتارلىق پەللىلەرنى دائىم مۇۋاپىق ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، قان ئايلىنىشنى كۈچەيتىپ، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟

3. پۇت ھەرىكىتى ئ‍ىشلەش
ھەر كۈنى ئىككى پۇتنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئىككى پۇتنى ئ‍ۆز ئ‍ارا ئ‍الماشتۇرۇشنى 3-2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 10-5 مىنۇتقىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟

4. ئىككى پۇتنىڭ تاپان تەرىپىنى جۈپلەپ، پۇتنىڭ ئ‍ۇچىدا دەسسەپ تاپاننى كۆتۈرۈشنى ھەر كۈنى 2~3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 5~10 مىنۇت داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ: پۇتىڭىزدا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟

5. ھەركۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن پۇت بېغىشىنى ئ‍ايلاندۇرۇش، ھەر قېتىمدا ئوڭ-سولغا 100 قېتىمدىن ئىشلەش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى