ئەيدىز بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر يۇقۇملىنىشى ئۈچۈن ھازىرلاشقا تىگىشلىك تۆت شەرت

ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. يۇقۇملانغاندىن كېيىن بەدەندە بەلگىلىك ئىممۇنىتېت كۈچى ھاسىل بولىدۇ، لېكىن بۇ خىل ئىممۇنىتېت كۈچى ئەيدىز ۋىرۇسىنى يوقىتالمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئەگەر ۋىرۇسقا قارشى ئۈنۈملۈك داۋالانمىسا مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەردە يوشۇرۇن مەزگىلدىن كېيىن كېسەللىك قوزغىلىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ. گەرچە تەتقىقاتلار بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئون نەچچە يىل ئىلگىرى يۇقۇملانغان بولسىمۇ، يەنىلا كېسەللىك قوزغالمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆمۈرۋايەت كېسەللىكنىڭ قوزغىلىدىغان ياكى قوزغالمايدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
گەرچە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشچانلىقى بولسىمۇ، لېكىن تارقىلىشى بىر قەدەر قىيىن بولىدۇ. پەقەت مەلۇم مىقداردىكى ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگەن قان ياكى بەدەن سۇيۇقلۇقى مەلۇم شەكىل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ تېنىدىن ياكى تاشقى مۇھىتتىن يەنە بىر ئادەمنىڭ تېنىگە كىرگەندىلا ئاندىن ۋىرۇس تارقىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى تۆۋەندىكى تۆت شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك: 1. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بولۇشى ھەمدە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشى كېرەك.
2. چىقىرىۋېتىلگەن ئەيدىز ۋىرۇسى بەدەن سىرتىدا ساقلىنىپ قېلىشى كېرەك. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بەدەن سىرتىدا ياشاش ئىقتىدارى ناھايىتى ناچار بولىدۇ.
3. بەدەن سۇيۇقلۇقىدىكى ۋىرۇس مەلۇم مىقدارغا يېتىشى كېرەك. ئەيدىز ۋىرۇسى پەقەت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قېنى، ئىسپېرمىسى، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى، سۈتى قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ تەكشۈرگىلى بولمىغاندا، يۇقۇشچانلىقى ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولۇپ قالىدۇ.
4. بەدەننىڭ سىرتقى يۈزىدە يارا ئېغىزى بولۇشى ياكى شىللىق پەردە بۇزۇلغان بولۇشى كېرەك. پەقەت بىر ئادەمنىڭ بەدىنىنىڭ سىرتقى يۈزىدە ياكى شىللىق پەردىدە يارا ئېغىزى پەيدا بولغاندا كۆپ مىقداردىكى ۋىرۇس ئاندىن يارا ئېغىزى ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ، ۋىرۇس يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.