ساغلاملىق

جىنسىي كېسەل ۋە ئەيدىزنىڭ مۇناسىۋىتى

جىنسىي كېسەل دېگەن نېمە؟ كۆپ ئۇچرايدىغان جىنسىي كېسەللىكلەر قايسىلار؟ جىنسىي كېسەل بىلەن ئەيدىزنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ بۇ مەزمۇن ئارقىلىق يۇقىرىقى سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەيمىز.

جىنسىي كېسەل ۋە ئەيدىزنىڭ مۇناسىۋىتى

1. جىنسىي كېسەل دېگەن نېمە؟ كۆپ ئۇچرايدىغان جىنسىي كېسەللىكلەر قايسىلار؟

جىنسىي كېسەللىك ئاساسلىقى جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىشتىن تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى سىفلىس (梅毒)، سۆزنەك (淋病)، غەيرى سۆزنەك خاراكتېرلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغى، جىنسىي يول ۋىرۇسى ياللۇغى، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى، يۇمشاق شانكىر (软下疳)، جىنسىي خاراكتېرلىك لىمفا گۆش ئۆسمىسى ئىششىقى (性病性淋巴肉芽肿) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2. جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ زىيىنى نېمە؟

شەخسكە بولغان زىيىنى: جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ شەخسكە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئۇ سالامەتلىككە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا، ئۈزۈل-كېسىل داۋالىمىغاندا، ئاسانلا ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەر ۋە كېيىنكى كېسەللىك ئاسارەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن سىفلىس ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا نېرۋا، يۈرەك قان تومۇرى ۋە سۆڭەككە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۆزنەك ۋە غەيرىي سۆزنەك خاراكتېرلىك سۈيدۈك يولى (بالىياتقۇ بوينى) ياللۇغىنى ئۈزۈل-كېسىل ساقايتقىلى بولمايدۇ، ئۇ يەنە ئەرلەرگە نىسبەتەن قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۇرۇق بېغىشى ياللۇغى، مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاياللارغا نىسبەتەن بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، تۇخۇم نەيچىسى ياللۇغى، تۇخۇم نەيچىسى توسۇلۇشنى پەيدا قىلىپ، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش، بويىدىن ئاجراش، ھەتتا تۇغماسلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جىنسىي كېسەللىكنىڭ بىمارلارنىڭ پىسخىكىسىغا بولغان تەسىرىمۇ بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.

ئائىلىگە بولغان زىيىنى: جىنسىي كېسەل ئاسانلا يۇقۇملانغۇچىدىن جورىسىگە يۇقۇپ قالىدۇ. بۇلغانغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى يەنە باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىمۇ يۇقۇملاندۇرۇپ، جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئائىلە ئىچىدە تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كېيىنكى ئەۋلادلارغا بولغان زىيىنى: جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئانا جىنسىي كېسەللىك پاتوگېنى(性病病原体نى ھامىلىگە ياكى بوۋاقلارغا يۇقتۇرىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار سىفلىسقا گىرىپتار بولسا، سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسى بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە تارقىلىپ، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇش، ئۆلۈك تۇغۇش، تۇغما سىفلىس پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار كۆپىيىش ئەزاسى قاپارتمىسى، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولسىمۇ ئوخشاش يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.

جەمئىيەتكە بولغان زىيىنى: جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ جەمئىيەتكە بولغان زىيىنىمۇ ئىنتايىن ئېغىر. جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ئىجتىمائىي كەيپىيات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ يامرىشى بىمارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي چىقىمىنى كۆپەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

جىنسىي كېسەل ۋە ئەيدىزنىڭ مۇناسىۋىتى

3. جىنسىي كېسەللىك بىلەن ئەيدىز كېسىلى ئوخشاش ئۇقۇممۇ؟

جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ جىنسىيەتكە ئائىت 20 نەچچە خىل كېسەللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەيدىزمۇ بۇلارنىڭ بىر تۈرى. شۇنداقتىمۇ ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ خەۋپى چوڭ، ئاممىۋى كەيپىياتقا بولغان تەسىرى بىر قەدەر ئېغىر بولغاچقا، بىز دائىم ئەيدىز كېسەللىكىنى ئايرىم تىلغا ئېلىپ ئۇنىڭغا ئايرىم مۇئامىلە قىلىمىز.

جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن ئەيدىز كېسىلى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەممىسى ئوخشاشلا جىنسىي ئالاقىنى ئاساسلىق تارقىلىش يولى قىلىدۇ. جىنسىي كېسەل بىلەن يۇقۇملانسا، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا جىنسىي كېسەللىكلەرنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. جىنسىي كېسەللىك بىلەن ئەيدىز كېسەللىكى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، لېكىن ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى بىمارلار ئادەتتىكى جىنسىي كېسەللىك ئەيدىز كېسەللىكىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇمۇ توغرا ئەمەس.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى