ساغلاملىق

ۋاسكېتبول ۋە ساغلاملىق

ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، ۋاسكېتبول تەنھەرىكىتى تەنتەربىيە تۈرلىرى ئىچىدە بەدەن ساپاسى ۋە بوي ئەۋزەللىكىنى بىر قەدەر تەلەپ قىلىدىغان ۋە شەخسىي تېخنىكا بىلەن كوللېكتىپ ھەمكارلىقنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ نومۇر ئېلىش ۋە مۇداپىئەنى ئاساسى نىشان قىلغان، قويۇق رىقابەت تۈسىگە ئىگە ئالقىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا دىيارىمىزدا ۋاسكېتبول ھەرىكىتى تېخىمۇ جانلىنىپ راۋاجلاندى.

ۋاسكېتبول ھەرىكىتى چوڭلارنىڭلا ئەمەس، يەنە كۆپ قىسىم ياشلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان تەنھەرىكەت تۈرىگە ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولماقتا. ئەلۋەتتە بەدەن تىركىشىشنى ئاساس قىلىدىغان بۇ تەنھەرىكەت تۈرىدە ئۆز بەدىنىمىزنى قوغداش ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا بۈگۈنكى تېما ئارقىلىق ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ۋاسكېتبول تەنھەرىكىتىنىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان ئاكتىپ تەسىرى ۋە ۋاسكېتبول ئوينىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىمىز.

ۋاسكېتبول ۋە ساغلاملىق

ۋاسكېتبول ئويناشنىڭ ساغلاملىقىمىزدىكى ئەھمىيىتى:

1. يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

دائىم ۋاسكېتبول ئوينىغاندا، يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىپ، سىلىق مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى ۋە ئېلاستىك تالالارنى كۆپەيتىدۇ؛ ۋاسكېتبول ئويناش يەنە سۆڭەك مۇسكۇللىرىدىكى قىل قان تومۇرلارنىڭ تارقىلىش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ؛ بۇلارنىڭ يۈرەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ۋە ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋاسكېتبول ئويناش قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە قان زەردابىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقىرى قان بېسىم، تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يۇقىرى ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

2. ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ

ۋاسكېتبول ئويناش بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى تېزلىتىپ، پۈتكۈل ئورگانىزمنىڭ مېتابولىزم ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ۋە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىگەر ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

ۋاسكېتبول ۋە ساغلاملىق

3. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ

ۋاسكېتبول ئوينىغاندا، مۇسكۇلنىڭ جىددىي ھەرىكىتى، يۈرەكنىڭ خىزمەت مىقدارىنىڭ ئېشىشى تۈرتكىسىدە، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان بىلەن تەمىنلەش ۋە مېتابولىزم ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، بۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان يوشۇرۇن خەۋپكە ئايلانماقتا. كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، دائىم ۋاسكېتبول ئوينايدىغان كىشىلەر يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ شەكىللىنىش ۋە يۈز بېرىش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.

4. بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىپ، بەدەن شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق

ھەممىمىزگە ئايان، كەسپىي ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ناھايتى قاۋۇل بەدەن قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇنىڭدىن ۋاسكېتبول ھەرىكىتىنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. بەدەن قۇرۇلمىسىمۇ شۇ كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان ئىشەنچى ۋە ساغلاملىققا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ؛ بەدەن زىيادە سەمرىپ كەتسە ئادەمنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ۋە ئاسانلا يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ، ئادەمنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ياغ مىقدارى نورمال ئۆلچەمنىڭ %15~%25تىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋپى نىسبىتى %30كە يېتىدۇ. ۋاسكىتبول ئويناش ئارقىلىق بەدەندىكى ياغنى ئازايتىپ، مۇسكۇلنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بوغۇملارنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ساقلايدۇ، شۇنداقلا بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، بەدەن شەكلى ۋە سىرتقى قىياپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

ۋاسكېتبول ۋە ساغلاملىق

5. بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ

ۋاسكېتبول ئويناش ئالاھىدە شارائىت ۋە ئالاھىدە مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، ئورگانىزملار باشقىچە جانلىنىدۇ. شۇنداقلا نەپەس ھالىتىنى كونترول قىلىش، روھىي ھالەتنى تەڭشەش قاتارلىقلاردىمۇ پايدىسى بولىدۇ؛ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەدەن بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىدىكى ئالمىشىش كۈچىيىپ، بەدەن ساپاسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

6. دىيابېت كېسىلىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ

دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، بەدەندە قاندىكى قەنتىنىڭ مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر كونترول قىلىنمىسا، يەنە نۇرغۇن ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دىيابېت كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، دائىم ۋاسكېتبول ئوينىغاندا، قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئۆرلىشىنى كونترول قىلغىلى بولغاچقا، دىيابېت كېسىلى پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. شۇڭا ۋاسكېتبول ئويناش دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىدا بىز ۋاسكېتبول ئويناشنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق، ئەمدى ۋاسكېتبول ئوينىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش توغۇرلۇق ئاز تولا ساۋاتقا ئىگە بولىمىز؛

ۋاسكېتبول ئوينىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :

ۋاسكېتبول ۋە ساغلاملىق

1. تەنتەربىيە تۈرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ھەرىكەتتىن بۇرۇنقى بەدەن قىزىتىش مەشىقى بولۇپ، بەدەن قىزىتماي تۇرۇپ مۇسابىقىگە چىقىش بىر كەسپىي تەنھەرىكەتچى ئۈچۈن ئۆزىنى خەتەرگە تۇتۇپ بەرگەن بىلەن تەڭ. بولۇپمۇ مۇسابىقە سەۋىيەسى قانچە يۇقىرى بولغانچە مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى بەدەن قىزىتىش ماھىرنىڭ مۇسابىقە كەيپىياتى ۋە بەدەن ھالىتىگە شۇنچە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مۇۋاپىق بەدەن قىزىتماي تۇرۇپ بەدەن تۇيۇقسىزلا جىددىي ھەرىكەت ھالىتىگە ئۆتسە ئاسانلا ھەرىكەت جەريانىدىكى چارچاشنى ۋە پەي تارتىشىپ قېلىش، ئېغىر بولغاندا يۈرەك، مۇسكۇلغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇنداق بولۇپ قالسا بەدەننى چېنىقتۇرىمىز دەپ ئەكسىچە بەدەنگە زىيانكەشلىك قىپ قويىمىز.

2. زۆرۈر بولغان بۇيۇملار ئارقىلىق مۇھىم، ھالقىلىق ئورۇنلارنى قوغداش كېرەك. ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە قارشىلىشىش ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ، شۇڭا ئاسانلا بوغۇم تارىمۇشى تارتىشىپ قېلىش ۋە قايرىلىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرى مۇۋاپىق كېلىدىغان ۋاسكېتبول ئايىغى كىيىشتىن سىرت، يەنە ئوشۇقنى، تىزنى ھەمدە چىشنى ئاسراش بۇيۇملىرىنى ياخشى تاقاش كېرەك (گەرچە بۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەردە قوللىنىلىدىغان قوغدىنىش تەدبىرلىرى بولسىمۇ، بىخەتەرلىك ئۈچۈن ھەر بىر ۋاسكېتبول ھەۋەسكارىنىڭ شارائىتىغا مۇۋاپىق دەپ قارىغان قوغدىنىش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشىنى تەۋسيە قىلىمەن.)

ۋاسكېتبول ۋە ساغلاملىق

3. ھەرىكەت مىقدارىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئۇزۇن مەزگىللىك سىجىل ھەرىكەت مىقدارى بەدەن ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ۋە قارشىلىق كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نورمال دەم ئېلىش ۋاقتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا ھەر قېتىملىق ھەرىكەت مىقدارىنى بىر سائەت ئەتراپىدا كونترول قىلىش ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.

4. مۇۋاپىق توپ ئويناش تېخنىكىسىنى ئىگىلەش؛ ۋاسكېتبول ئوينايدىغان دوستلار ئاساسىي ماھارەت مەشىقىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئەمدىلا ئۆگىنىشكە باشلىغاندا ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلەش كېرەك، چۈنكى بەدەن ئەمدى ھەرىكەت بىلەن ئۇچراشقان بولغانچقا، دەسلەپتىلا يۇقىرى ماھارەتكە ئېسىلىۋالساق بەدەن دەرھال ماسلىشىپ بولالمايدۇ-دە، ئاسانلا زەخمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. ۋاسكېتبول ئويناپ بولغاندىن كېيىن كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك كېرەك. چۈنكى، كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە ئاسانلا بەدەندىكى كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ جىددىي ھەرىكەتتىن توختىغاندىن كېيىن بەدەندىكى كالتىسىينىڭ ئېقىپ كېتىش سۈرئىتى ئادەتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تېز بولىدۇ.

ۋاسكېتبول ۋە ساغلاملىق

6. ۋاسكېتبول ئويناپ بولغاندىن كېيىن تەرنى تېز سۈرتۈپ كىيىم ئالماشتۇرۇش كېرەك. بولمىسا ئاسانلا زۇكام ئۆتۈپ قالىدىغان گەپ. ئاندىن يەنە ئاستا مېڭىپ، بەدەن تىنچ ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن مەيداندىن ئايرىلىش كېرەك.

ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق ئىلمىي يوسۇندا بەدەن چېنىقتۇرۇشى ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە مۇۋاپىق قاتنىشىپ تۇرۇشىنى تەۋسيە قىلىمەن. تەن ساقلىق-زور بايلىق!

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى