ساغلاملىق

قىزىل چىيقان قورقۇنچلۇق كېسەلمۇ؟

قىزىل چىيقان(红斑狼疮)نى ئاڭلىغان ھامان نۇرغۇن كىشىلەردە قورقۇنچ پەيدا بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ كېسەلنى ئادەمنى ئۆلتۈرىدىغان بىر خىل كېسەللىك دەپ قارايدۇ. قىزىل چىيقان بىر خىل تىپىك بولغان بەدەن ئىممۇنىتېتلىق بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما كېسەللىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئالامىتى بەدەندە كېپىنەكسىمان قىزىل داغ پەيدا بولۇشتىن ئىبارەت. ئۇ بىر خىل ئاددىي تېرە كېسەللىكى ئەمەس، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن سىستېمىلار زەخىملىنىدۇ، ھەتتا ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. قىزىل چىيقان چىققاندا ھەرگىز قورقۇپ كەتمەي، بايقالغان ھامان ئاكتىپلىق بىلەن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق كېرەك.

قىزىل چىيقان قورقۇنچلۇق كېسەلمۇ؟

قىزىل چىيقانغا مۇناسىۋەتلىك قانداق مەسىلىلەرنى كۆپچىلىك چۈشىنىشىگە موھتاج؟
1. نېمە ئۈچۈن قىزىل چىيقانغا گىرىپتار بولىمىز؟
قىزىل چىيقان بىر خىل ئىممۇنىتېت كېسەللىكى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەردە بۇنىڭدىن قورقۇش تۇيغۇسى بولىدۇ، شۇڭا قىزىل چىيقاننىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى چۈشىنىش ناھايىتى زۆرۈر. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، قىزىل چىيقاننىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، كېسەللىك قوزغىلىش مېخانىزىمىمۇ ئانچە ئېنىق ئەمەس، لېكىن ئۇ بىر خىل ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىك بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن ئامىللاردىن سەۋەب ئ‍ىزدىگىلى بولىدۇ.

قىزىل چىيقان قورقۇنچلۇق كېسەلمۇ؟

2. قانداق كىشىلەر قىزىل چىيقانغا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟
قىزىل چىيقان بىر قەدەر تىپىك جىنسىي پەرق خاھىشىغا ئىگە، لېكىن دۆلىتىمىزدە ئاياللار ئاسانلا قىزىل چىيقانغا گىرىپتار بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، ئەر-ئاياللارنىڭ نىسبىتى 1:9، جەمەتىدىكى قىزىل چىيقانغا گىرىپتار بولغان كىشىلەر ۋە رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى بىمارلىرىمۇ ئاسانلا قىزىل چىيقانغا گىرىپتار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرىراق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزاق مۇددەت ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارمۇ ئاسانلا قىزىل چىيقانغا گىرىپتار بولىدۇ، بۇنداق كىشىلەر كۆپرەك ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

قىزىل چىيقان قورقۇنچلۇق كېسەلمۇ؟

3. قىزىل چىيقاننى قانداق داۋالاش كېرەك؟
قىزىل چىيقاننى داۋالاشتا ئاساسلىقى دورا بىلەن داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ. دورا بىلەن داۋالاش سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورا ۋە ئىچىدىن ئىشلىتىلىدىغان دورا دەپ ئايرىلىدۇ. يەنە دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە بىر قەدەر ياخشى داۋالاش ئۈنۈمى بولىدۇ.

قىزىل چىيقان قورقۇنچلۇق كېسەلمۇ؟

4. قىزىل چىيقانغا گىرىپتار بولغاندا قانداق پەرۋىش قىلىش كېرەك؟
قىزىل چىيقان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا ئادەم بەدىنىنىڭ باشقا سىستېمىلىرىنى زەخىملەندۈرىدۇ، شۇڭا ئاكتىپ داۋالاشتىن باشقا، تۇرمۇشتا پەرۋىش قىلىشمۇ چوقۇم جايىدا بولۇشى كېرەك، بۇنداق قىلىش كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىپ، داۋالاپ ساقايتىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈندۇر. ئالدى بىلەن تېرىنى ياخشى ئاسراش، ئۇلترا بىنەپشە نۇر قاتارلىق تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىق، ئاندىن زىيادە چارچاپ كەتمەسلىك، ئامال قىلىپ بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى