ساغلاملىق

راك كېسىلىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىدا سەمرىپ، روھلۇق بولۇپ قېلىش ياخشى ئىشمۇ؟

راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ گېپى چىققاندا، ئادەتتە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئاجىزلاپ كەتكەن كىشىلەر كېلىدۇ، بولۇپمۇ راك كېسىلى تەرەققىي قىلىپ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغاندا، ئۇزۇن ۋاقىت داۋالاش ئارقىلىق، بىماردا ئاسانلا كۆپ خىل ناچار تەسىرلەر پەيدا بولىدۇ، نۇرغۇن راك كېسىلى بىمارلىرى زىيادە ئورۇقلاپ كېتىدۇ، تاماق يېگىسىمۇ كەلمەيدۇ. بىراق راك كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغاندا، ئورۇقلىمايلا قالماستىن، يەنە سەمرىپ كەتكەن، ئىشتىھاسىمۇ ياخشى، روھىي ھالىتىمۇ يامان ئەمەس ھالەتتە بولىشى قانداق ئىش؟ بۇ بىر ياخشىلىقنىڭ بېشارىتىمۇ؟

ئالدى بىلەن بىز چوقۇم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا بولغان قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك، ھەرگىزمۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھەممىسى زىيادە ئورۇقلايدۇ، ئەھۋالى ناچارلىشىپ كېتىدۇ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.

راك كېسىلىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىدا سەمرىپ، روھلۇق بولۇپ قېلىش ياخشى ئىشمۇ؟

راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ سەمرىپ، روھىي ھالىتىنىڭ ياخشىلىنىپ كېتىشى تۆۋەندىكى نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك:

راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بەدەن ساپاسى: روھىي ھالىتى بىر قەدەر ياخشى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمۇ بىر قەدەر ياخشى، ھەر كۈنلۈك يېمەك-ئىچمىكى ناھايىتى نورمال، كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تولۇقلىغان بولسا، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ، روھىي ھالىتى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.

راك كېسىلىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىدا سەمرىپ، روھلۇق بولۇپ قېلىش ياخشى ئىشمۇ؟

ئۆسمىنىڭ تۈرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك: ئاشقازان راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى قاتارلىقلار بىمارنىڭ ئىشتىھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يېمەك-ئىچمەككە بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، ۋاقتىدا كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تولۇقلاش قىيىن بولغاچقا، بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ، بارا-بارا ئورۇقلاپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن قالقانسىمان بەز راكى، مەزى بېزى راكى دېگەندەك بىمارنىڭ ئىشتىھاسىغا تەسىر كۆرسىتىشى كىچىكرەك، ياكى تەسىرى چوڭ بولمايدىغان راك كېسەللىكى بولۇپ قالسا، ئىشتىھاسى ياخشى بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئاشىدۇ.

راك كېسىلىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىدا سەمرىپ، روھلۇق بولۇپ قېلىش ياخشى ئىشمۇ؟

راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بىمارنىڭ سەمرىپ كېتىشى بەلكىم بىر يامان خەۋەر بولۇشىمۇ مۇمكىن بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلېكىنى ئەسكەرتىدۇ، بۇ خىل بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ھەقىقىي سەمرىپ كېتىش ئەمەس، بەلكى داۋالىغان دورىلا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەكس تەسىر بولۇشى مۇمكىن.

راك كېسىلىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىدا سەمرىپ، روھلۇق بولۇپ قېلىش ياخشى ئىشمۇ؟

بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ داۋاملىق يامانلىشىپ كېتىشىدىن، راك كېسىلىنىڭ ساقىيىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ، بىمارنىڭ ياشاش ۋاقتىنى قىسقارتىۋېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى