قۇلاق قىچىشىشتىكى سەككىز سەۋەب
ئەمەلىيەتتە قۇلاقنىڭ قىچىشىشى بەزى ۋاقىتلاردا بەدەننىڭ «قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش سىگنالى»دۇر. ئۇنداقتا زادى قايسى سەۋەبلەر قۇلاق قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
قۇلاق قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەككىز چوڭ ئامىل:
1. قۇلاق كىرى زىيادە كۆپ بولۇش
تاشقى قۇلاق يولىدىكى ئاجرالمىلار (قۇلاق كىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بەك كۆپ بولمىسا ئادەتتە ئالاھىدە تازىلاش ھاجەتسىز. ئەمما زىيادە كۆپ يىغىلىپ قالسا تاشقى قۇلاق يولى نېرۋىلىرىنى غىدىقلاپ، قۇلاق قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇيۇنغاندىن كېيىن ياكى سۇ كىرگەندىن كېيىن ئېغىرلىشىدۇ.
2. تاشقى قۇلاق يولى ياللۇغى
تاشقى قۇلاق يولىغا سۇ كىرگەندىن كېيىن، تېرە نەملىشىپ، قۇلاق يولىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئەگەر دائىم قۇلاقنى كوچىلىغاندا، تاشقى قۇلاق يولى تېرىسىنى زەخىملەندۈرۈپ تاشقى قۇلاق يولىدا ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ. قۇلاق ئىچى بىئارام بولۇش، چىڭقىلىش ۋە يېنىك ئاغرىش قاتارلىق سېزىم پەيدا بولىدۇ ۋە بىرەر نەرسىنى چاينىغاندا ئېغىرلىشىدۇ.
3. تاشقى قۇلاق يولى ھۆل تەمرەتكىسى
زىيادە سېزىمچانلىق ياكى قۇلىقىدىن يىرىڭ ئاققان بىمارلاردا ئاسانلا تاشقى قۇلاق يولى ھۆل تەمرەتكىسى پەيدا بولىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە قۇلاق تۆشۈكى قىزىرىپ، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، تاتىلىغاندىن كېيىن سېرىق سۇ ئاقىدۇ، يارا ئېغىزى قىچىشىدۇ ھەم تەكرار قوزغىلىدۇ.
4. تاشقى قۇلاق يولى زەمبۇرۇغ كېسەللىكى
زەمبۇرۇغلار سىرتقى قۇلاق يولىغا بېسىپ كىرىپ، مۇۋاپىق شارائىتتا كۆپىيىپ، سىرتقى قۇلاق يولىدا ياللۇغلىنىپ زەمبۇرۇغلارنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ خۇددى يېمەكلىك كۆكىرىپ قالغانغا ئوخشايدۇ. تاشقى قۇلاق يولى زەمبۇرۇغ كېسىلى قوزغالغاندا قۇلاق ئىچى قىچىشىدۇ ۋە چىڭقىلىدۇ، كېچىدە ئىپادىسى ئەڭ روشەن بولىدۇ، ئەگەر قاقاچ ياكى ئاجرالمىلار تاشقى قۇلاق يولىنى توسۇۋالسا ياكى ناغرا پەردىنى قاپلاپ قويسا، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ ۋە قۇلاق غوڭۇلدايدۇ.
5. ئادەم بەدىنىدىكى سازاڭسىمان كانا
ئادەم بەدىنى ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىكى تۈك خالتىسى ياكى تېرە ياغ بېزىدە پارازىتلىنىدىغان بىر خىل جانلىق بولۇپ قۇلاق قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دائىم قۇلاقنى قاشلاش ۋە بېشىنى چايقاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا تاشقى قۇلاق يولىدىن غەيرىي پۇراق (چۈچۈك سېسىق پۇراق) پۇرايدۇ.
6. ناچار ئادەت
بوش ۋاقتى بولسىلا پەلكۈچ، قۇلاق كولىغۇچ، بارماق قاتارلىق قاتتىق نەرسىلەر بىلەن قۇلاق كوچىلاشتەك ئادەتلەر تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى زەخىملەندۈرىدۇ، قۇلاق كىرىنى كولاپ چىقىرىۋەتكەندە سىرتقى قۇلاق يولىنىڭ تېرىسى قۇرغاقلىشىپ قۇلاق قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. ياشانغانلاردىكى دىيابېت كېسىلى
دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلارنىڭ ئاسانلا پۈتۈن بەدىنى قىچىشىدۇ، جۈملىدىن قۇلىقى قىچىشىدۇ.
8. ئىسسىقى ئارتىش
يېمەك-ئىچمەك قانۇنىيەتسىز بولۇش، ئاچچىق، غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، دەم ئېلىش ۋە ئىشلەش قانۇنىيەتسىز بولۇش، دائىم تۈنەشنىڭ ھەممىسى قۇلاق قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
قۇلاق قىچىشىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
1-قۇلاقنى كولايدىغان ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىش.
2-پاسكىنا سۇنىڭ قۇلاققا كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
3-قۇلاق ئىچىنىڭ قۇرغاق، پاكىز بولۇشىغا دىققەت قىلىش.
4-يۇيۇنۇش، چاچ ياسىتىشتىن كېيىن چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن قۇلاقنى قۇرۇتسا بولىدۇ.
4-يەل كېلىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.