ساغلاملىق

سىزگە ئەيدىز يۇقتۇرغان ئوغۇل دوستىڭىزنى كەچۈرەلەمسىز؟

ئەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئالىي مەكتەپتىكى چاغلىرىنى ئەسلىگىنىدە، خۇددى بىر چۈش كۆرگەندەك ھېس قىلىدۇ. 2018-يىلى ئەندى ۋە ئۇنىڭ ياتاقدىشنىڭ بېشى ئاغرىغان، دەسلەپتە ئۇلار تاماق يېمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقا شۇنداق بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ تاماقخانىغا بېرىپ تاماق يېگەن. تاماق يەۋاتقاندا ئەندى تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتىدە ئەندى يەنىلا بىئارام بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتكەن، ھەتتا ئەتراپىدا ئەندى زەھەر چېكىپتۇ دېگەن پىتنە-ئىغۋا تارقالغان.
تەخمىنەن ئىككى ئاي ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەندى خېلى ياخشى بولۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىرلىق ئالامەتلەرمۇ ئۈن-تىنسىز يوقاپ كەتكەن. 2020-يىلى ئەندى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك تۇغۇت تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۇ دوختۇرخانىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۋالىدۇ، ھەمدە دوختۇر ئۇنىڭغا ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.

سىزگە ئەيدىز يۇقتۇرغان ئوغۇل دوستىڭىزنى كەچۈرەلەمسىز؟

شۇنىڭدىن كېيىن ئ‍ەندى دوختۇرخانىدا يېتىپ ئانا-بالا ئايرىپ داۋالىشىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئاخىرى بىر قىز بوۋاق تۇغدى. ئەندى ئالىي مەكتەپتىكى ئاشۇ ئاغرىپ قالغان، ھوشىدىن كەتكەن، ئورۇقلاپ كەتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىدى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ ھەقىقەتەن بىر كېچىلىك مۇھەببەتكە غەرق بولغان، قارشى تەرەپ بىر قاۋۇل ئەر ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ھېچقانداق قوغداش تەدبىرى قوللانمىغان ئىدى.

ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، ئەندى مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ياردىمىدە بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆزى ۋە ئۇنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندۇرغان ھەمراھىنى ئەپۇ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە مەھەللىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالدى، ئ‍ۇ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى ئارقىلىق ئوخشاش ھېكايىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ غېرىبلىق ھېس قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى. ئ‍ۇ يەنە: «ھېكايەمنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئويغىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن، بەدەن ئۆزىمىزنىڭ، مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك» دېدى.

سىزگە ئەيدىز يۇقتۇرغان ئوغۇل دوستىڭىزنى كەچۈرەلەمسىز؟

بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت سىزنى چوڭقۇر ھاڭغا سۆرەپ كىرىدۇ.
ئەندىنىڭ ھېكايىسى ئايرىم مىسال ئەمەس. ياشلارنىڭ جىنسىيەت قارىشى كۈنسېرى ئېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن جىنسىيەت تەربىيەسى كەمچىل بولغاچقا، ياشلار توپىنىڭ جىنسىيەت بىخەتەرلىكى زور خىرىسقا دۇچ كەلدى.
بىخەتەر بولمىغان جىنسىي ھەرىكەت ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، بىرى جەريان بىخەتەر ئەمەس، يەنە بىرى تاللىغان جىنسىي ھەمراھى بىخەتەر ئەمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

سىزگە ئەيدىز يۇقتۇرغان ئوغۇل دوستىڭىزنى كەچۈرەلەمسىز؟

ياشلار ھەم جاسارەتلىك، ھەم ناھايىتى ئ‍اسان ھاياجانلىنىدىغان بولۇپ، كەيپىيات، ھېسسىيات يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە، ئاسانلا ھېچنېمىگە قارىمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىدۇ، لېكىن قوغدىمىسا، ھەمىشە تۈگىمەس بالا-قازاغا دۇچار بولىدۇ. بىر قېتىملىق ئالدىراپ-تېنەپ ئېلىپ بېرىلغان جىنسىي مۇناسىۋەت ھاياتنى بىر قېتىملىق «تۇنجۇقتۇرۇش»، نۇرغۇن ئاياللار بىر قېتىملىق تاسادىپىيلىق تۈپەيلىدىن سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۈشنى تاللايدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۈش مىقدارى ھەر يىلى 9 مىليوندىن ئاشىدىكەن، كۆپ قېتىم بالا چۈشۈرۈش ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا قايتماس زىيان ئېلىپ كېلىپ، ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

سىزگە ئەيدىز يۇقتۇرغان ئوغۇل دوستىڭىزنى كەچۈرەلەمسىز؟

كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەر بىرەيلەن ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۆزىگە ئۆزى مەسئۇل بولۇش لازىم، شۇندىلا كېسەللىكتىن يىراق تۇرغىلى، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى