يۇمرال

C دېسكىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش

ئۆزۈم سىناق قىلىپ ئاندىن يوللىدىم شۇڭا خاتىرجەم بولۇڭ لېكىن شۇندىمۇ ئېھتىيات بىلەن دەرىسلىكنى ياخشى كۆرۈپ ئاندىن قىلىڭ بۇ سەۋەب ماتىرياللىڭىز يوقاپ كەتسە مەن مەسئۇل بولالمايمەن جۇمۇ ! چىراي شۇڭا ياخشى ئۆگىنىپ ئاندىن بىر ئىش قىلىڭ « كۆپچىلىك دىگىنىم توغرىمۇ يا ؟ چىراي ھى ھى ھى  »
ئەمىسە دەرس باشلاندى ھە …… قۇلاقنى دىڭ ئۆزۈڭلارنى چىڭ تۇتۇڭ دىققەت بىلەن ھە ……..چىراي
 
windows7 دىن windows8 گە كۆچكەندىن كېيىن ، windows7 نى ئىشلەتكەن چاغدىكى C دېسكىنىڭ 20GB سىغىمى يېتىشمەي ، ھەر كۈنى دەككە-دۇككىدە دېسكا تازىلاش قوراللىرى ئارقىلىق C دېسكىنى تازلايدىغان بولۇپ قالغاننىڭ ئۈستىگە ، قاچىلاپ ئىشلىتىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن يۇمتاللارنى C دېسكىنىڭ سىغىمىنىڭ توشۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، قاچىلاپ ئىشلىتەلمىدىم .
C دېسكىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتاي دېسەم ، باشقا دېسكىلاردا نۇرغۇن يىللار يىغىپ ساقلىغان مۇھىم زاپاس ھۆججەتلەر ۋە دېتاللار بولۇپ ، يوقىلىپ كېتىشتىن قورقتۇم . ئەگەر سىغىمى چوڭراق يان دېسكا بولسىغۇ ، قاتتىق دېسكىدىكى ماتىرىياللارنى يان دېسىكىغا كۆچۈرۋىلىپ ، قاتتىق دېسكىنى قايتا رايونلارغا بۆلۈپلا ، سېستىما قاچىلىۋەتسەملا ئىش پۈتەتتى . بۇ يەردىكى مەسىلە – دەل ئاشۇ يان دېسكىنىڭ بولمىغانلىقى .
خەنچە ئىزدەش تور بىكىتىگە مەقسىدىمنى ئېنىق قىلىپ يېزىپ ، بىر ئىزدىتىپ باقمايمۇ ؟
شۇ خىيالنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئىزدەپ قارىۋىدىم ، بۇنىڭمۇ ئامالى بار ئىكەن . يەنى سېستىما شارائىتىدا تۇرۇپ ، ھىچقانداق ماتىرىيالنى يۆتكىمەي ، باشقا دېسكىدىكى ماتىرىياللارنى زىيانغا ئۇچراتماي ، C دېسكىغا باشقا دېسكىدىن سىغىم قوشۇپ بەرگىلى بولىدىكەن .
بۇنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە :
1. ئالدى بىلەن «قاتتىق دېسكىنى رايونلارغا بۆلۈش ياردەمچىسى «分区助手» » كومپىيۇتىرىڭىزغا چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ .
2. قاچىلغاندىن كېيىن كومپىيۇتىرنىڭ ئۈستەل يۈزىدە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تىز قوزغىتىش سېنبەلگىسىدىن بىرسى قۇرۇلىدۇ .
3. «قاتتىق دېسكىنى رايونلارغا بۆلۈش ياردەمچىسى »نىڭ ئۈستەل يۈزىدىكى سېنبەلگىسىنى قوش چىكىپ ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ .
4 . بۇ كۆنەكتىن سىز ئالدى بىلەن C دېسكىغا سىغىمىنى قوشۇپ بەرمەكچى بولغان دېسكىنى مائۇس ئارقىلىق چىكىپ تاللاپ بولغاندىن كېيىن ، سول تەرەپ رامكىدىن «دېسكا سىغىمىنى چوڭايتىش باشلامچىسى»نى چىكىش ئارقىلىق مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرىسىز . يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تاللاڭ .
5 . بۇ چاغدا تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ .
مەقسىدىمىز C دېسكا سىغىمىنى چوڭايتىش بولغاچقا ، بىۋاستە «كېيىنكى قەدەم»نى باسىمىز .
6 . ئۇنىڭدىن كېيىن تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ . بۇ يەردىمۇ رەسىمدىكى تاللانغان جايلارغا ئوبدان قاراپ ، شۇ بويىچە مەشغۇلات قىلىمىز .
يەنى ، بىزنىڭ C دېسكىمىزنىڭ ئەسلىدىكى سىغىمى 20GB ئىدى . يەنى رەسىمدىكىدەك :
بىز قىزىل بويالغان دائىرىدىكى سىرىلما رامكىنى ئوڭغا سۈرۈش ئارقىلىق ، C دېسكىمىزنىڭ سىغىمىنى ئۆزىمىز مەقسەت قىلغان سىغىمغا ئەكېلىپ توختاپ ، «كېيىنكى قەدەم»نى باسىمىز .
7 . بۇ چاغدا بىر رامكا ئېچىلىدۇ ، بۇ چاغدا بىز بىۋاستە «كېيىنكى قەدەم»نى باسىمىز . يەنى رەسىمدىكىدەك ؛
8 . بۇ ئاساسلىق دېسكا رايونىنى تەڭشەش باسقۇچى بولۇپ ، بۇ باسقۇچقا بىر قەدەر ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدىكەن . ئەمما ، سىز بۇ چاغدا تورغا چىقىپ ، ماتىرىيال كۆرۈشتەك ياكى كوت-كوت ئالاقىسى ئارقىلىق پاراڭلىشىشتەك كومپىيۇتىرغا تەسىرى بولمىغان پائالىيەتلىرىڭىز ئارقىلىق ، دېسكا رايونىنى تەڭشەشكە كېتىدىغان كۈتۈشتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتەلەيسىز . دېتال دېسكىڭىزنى بۆلىۋىرىدۇ ، سىز بولسىڭىز زىرىكىشلىك ساقلاشنى تۈگىتەلەيسىز . مانا بۇ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك .
9. دېسكا رايونىنى تەڭشەش (چوڭايتىش) ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ .
بۇ چاغدا سىز دوپپىڭىزنى ئاسمانغا ئېتىپ ، «مۇقىملاش»نى بېسىپ ، بۇ دىتالنى تاقاپ ، «كومپىيۇتىرىم»كوزنىكىدە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىدىكى«يىڭلاش»تىزىملېكىنى بېسىپ بىقىڭ .
قانداق ، C دېسكىڭىزنىڭ سىغىمىدا ئۆزگىرىش بولۇپتىمۇ ؟ باشقا دېسكىدىكى ماتىرىياللىرىڭىز يەنىلا ئۆز پىتىمىكەن ؟
مەشغۇلات جەريانى مانا مۇشۇنداق . بۇ مەشغۇلات ئارقىلىق ، بىز سېستىما شارائىتىدا ، ھىچقانداق بىر زاپاسلاش مەشغۇلاتى قىلماستىن ، C دېسكىمىزنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز .
مۇقىم چۈشۈرۈش مەنزىلىنى قالدۇراي دېسەم ئۇ ھامان ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن شۇڭا دىتالنىڭ تولۇق ئىسمىنى قالدۇردۇم شۇ بويىچە ھەرقايسى ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئىزدىسىڭىز بولىدۇ ياكى تۆۋەندىكى چۈشۈرۈش مەنزىلى دېگەنگە ئۇلانسىڭىزمۇ بولىدۇ بەيدۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ مەزكۇر دېتالنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزدەش مەنزىلىنى قالدۇردۇم
ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەدىكى چۈشۈرۈش مەنزىلى يوقاپ كېتىپتۇ شۇڭا مۇشۇنداق قىلىپ تەھرىرلەپ قويدۇم ماقالىنىڭ ئەسلى ئىگىسى توغرا چۈشىنەرسىز…..چىراي
دىتال تولۇق نامى : 分区助手

 

ئىزدەپ چۈشۈرۈش : مەنزىلى

 

ئەسلى مەنبە : مۇئەللىم بىلوگى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى