ئالەم

ماسكنىڭ رەقىبى؟ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ راكېتاسى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدۇ

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ يېڭى قۇرۇلغان ئالەم قاتنىشى شىركىتى Aevumنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىركەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان Ravn Xنى ئىشلىتىپ، ئايروپىلانغا ئورنىتىلغان راكېتادىن پايدىلىنىپ سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدىكەن، لېكىن ئۇنىڭغا كېتىدىغان تەننەرخ ئېلون ماسك (Elon Musk) قارمىقىدىكى ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى SpaceXكە كېرەكلىك مەبلەغدىن خېلىلا ئاز ئىكەن.

ماسكنىڭ رەقىبى؟ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ راكېتاسى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدۇ-1

بۇ شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Ravn X ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىسى (UAS) بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 80 فۇت (24 مېتىردىن كۆپرەك)، ئىگىزلىكى 18 فۇت (تەخمىنەن 5.5 مېتىر) كېلىدىكەن، Aevumنىڭ مەخسۇس يۇمشاق دېتالىنى قوللايدىكەن. ئۇنداقتا، بۇنداق غايەت زور ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تۆۋەن يەر ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھنى قانداق قىلىپ ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىدۇ؟ Ravn X ئاۋۋال بەلگىلەنگەن ئىگىزلىككە ئۇچۇپ بېرىپ، ئاندىن راكېتا قويۇپ بېرىدىكەن، راكېتا مىكرو تىپتىكى سۈنئىي ھەمراھنى يەر شارىغا يېقىن ئوربىتىغا يەتكۈزىدىكەن.

Aevum «ئاپتوماتىك قويۇپ بېرىش» (Autonomouus Launch) ناملىق ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش سېستىمىسىنى كەشىپ قىلغانلىقى بىلەن ماختاشقا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ سېستىما پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا ئاپتوماتىك ئۇچۇش، ئۆز ئالدىغا مەشغۇلات قىلىش، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، سۈنئىي ھەمراھ قۇرۇقلۇقتىكى راكېتا ئارقىلىق قويۇپ بېرىلىدىكەن، SpaceXنىڭ «قارچىغا 9-نومۇر»لۇق راكېتاسى تەكرار ئىشلىتىلىش ئارقىلىق ئوخشىمىغان SpaceX ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان، ئەمما، ئاساسلىقى سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ھالبۇكى، SpaceX راكېتانى يىغىۋېلىپ كۆپ قېتىم تەكرار ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىكەن ھەم تەننەرخى يۇقرى ئىكەن، Aevumنىڭ قارىشىچە، چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئىشلەتكەندە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە قۇرۇقلۇق راكېتاسىنى سېتىۋالغانغا ئوخشاش ئۇنچە كۆپ چىقىم كەتمەيدىكەن.

Aevumنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېي سكىلۇس (Jay Skylus)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، Ravn X سىستېمىسىنىڭ تەكرار ئىشلەتكىلى بولۇش نىسبىتى %70 بولغان، لېكىن ئۇلار %100كە يېقىنلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. سكىلۇس: «بىرىنچى دەرىجىلىكلىرى ئۆزى ئۇچۇپ قونالايدۇ، يەنە بىر كىچىك راكېتا ماتورىنى قوشسىلا، خۇددى يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوخشاش ئىككىنچى قېتىم ئۇچالايدۇ» دېگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، Ravn X ۋەزىپىنى تېخىمۇ تېز تاماملىيالايدىكەن، ھەر 180 مىنۇتتا بىر قېتىم ئۇچالايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سۈنئىي ھەمراھنى ھاۋا چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي داۋاملىق ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقالايدىكەن، يەنە ھېچكىمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدىكەن. سكىلۇس يەنە سىناپ ئۇچۇشنىڭ بۇ يىل مەلۇم ۋاقىتتا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە بۇ غايەت زور ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش كەسپىدە يەنىلا يېڭى بولسىمۇ، ئەمما Aevum قىممىتى نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قويۇپ بېرىش توختامىغا ئېرىشكەن، تېخى ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلاشقان، كېيىن Aevum ئۇلار بىلەن 360 دانە سۈنئىي ھەمراھنى يەرشارىغا يېقىن ئوربىتىغا كىرگۈزۈش توختامى ئىمزالىغان.

يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بۇ غايەت زور ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى تاماملانغان، ئەينى چاغدا بۇ شىركەتنىڭ خېرىدارى ۋە ۋەزىپە ھەمراھى بولغان ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەسى بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىشكە قاتناشقان.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى