ئادەم قانچە ئۇزۇن ئولتۇرسا شۇنچە ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدۇ
ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى 15 سائەت ئەتىراپىدا ئولتۇرغان ئادەمنىڭ مېڭىسىنىڭ ئىچكى تەرىپىدىكى چېكە ياپراقچىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش سائەتتىن تۆۋەن ئولتۇرغان ئادەمنىڭكىدىن %10 كىچىك بولىدىكەن، 15 سائەتتىن كېيىن ھەر بىر سائەت ئۇزۇن ئولتۇرسا، ئىچكى تەرىپىدىكى چېكە ياپراقچىسى يەنە %2 كىچىكلەيدىكەن.
ئىچكى تەرەپ چېكە ياپراقچىسى ئەستە تۇتۇش ۋە بىلىش ئىقتىدارىغا مەسئۇل مۇھىم چوڭ مېڭە رايونى بولۇپ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي كىچىكلەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ تارىيىش سۈرىتى بەك تېز بولۇپ كەتسە، ئوتتۇرا ياشتىن كېيىن نېرۋا ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ياكى دېۋەڭلىكنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئۇزاق ئولتۇرماي تېز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ مېڭىڭ