«ئىرادە» ناملىق ئۇچقۇ مارسقا مۇۋەپىقىيەتلىك قوندى، تۆھپىكارى بۇ ئايال
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NASA نىڭ «ئىرادە» ناملىق ئۇچقۇسى مارس يۈزىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قوندى، سۋاتى موھان (Swati Mohan) بولسا بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تۆھپىكارلارنىڭ بىرى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ NASA (ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارسى)نىڭ «Mars 2020» ۋەزىپىسىنىڭ يېتەكچى ۋە كونترول قىلىش مەشغۇلاتىغا مەسئۇل كىشى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ «ئىرادە» ناملىق ئۇچقۇنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
سۋاتى موھان NASA نىڭ «پىشقەدەم ئەسكىرى» بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى «كاسىنى» ۋەزىپە ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى، 2013-يىلىدىن باشلاپ ئۇ «Mars 2020» كوللېكتىپىغا قوشۇلغان.
سۋاتى موھان ئالەم ئۇچقۇسىنىڭ سۈرئىتىنى سائىتىگە 12 مىڭ ئىنگلىز مىلىدىن ئاستىلاتتى، قەدىمىي مېتېئورىت ئازگىلىغا سىلىق قونۇش باسقۇچىدا، ئۇنىڭ چولپانلىقى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا چاقناشقا باشلىدى. موھان بىر ياش ۋاقتىدا ھىندىستاندىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن، ۋەزىپە كونترول قىلىش مەركىزىدە تەمكىنلىك بىلەن «ئىرادە» ناملىق ئۇچقۇنىڭ سەپىرىنىڭ ھەربىر قەدىمىنى جاكارلاپ تۇردى.