نېمە ئۈچۈن نەچچە مىليارد يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى يۇلتۇزلارنى كۆرەلەيمىز؟
ئاسترونومىيە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى پېنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەتقىقات ئوبيېكتى دەسلەپكى قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلاردىن كېڭىيىپ، رادىئۇسى 46 مىليارد 500 مىليون نۇر يىلى كېلىدىغان كۆزەتكىلى بولىدىغان كائىناتقا يەتكەن، قۇياش سىستېمىسى ئاسترونومىيە تەتقىقاتى ئادەتتە «ئاسترونومىيەلىك بىرلىك» ئارقىلىق ئارىلىقنى ئىپادىلەيدۇ، بىر ئاسترونومىيەلىك بىرلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەمما قۇياش سىستېمىسىدىن ئايرىلىپ يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇققا كىرگەن ھامان يورۇقلۇق يىلى ئاسترونومىيەلىك بىرلىكنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، يېڭى ئارىلىق بىرلىكىگە ئايلىنىدۇ، بىر يورۇقلۇق يىلى تەخمىنەن توققۇز تىرىليون 460 مىليارد كىلومېتىر بولىدۇ.
مۇساپە، سۈرئەت ۋە ۋاقىت ئۈچىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەممىمىزگە ناھايىتى ئېنىق، كائىناتقا تەقلىد قىلىپ ئىشلەتكەندە، يەر شارى بىلەن ئاي ئارىسىدىكى 380 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىقنىڭ سېكۈنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ئۇچۇۋاتقان نۇرنىڭ بىر سېكۈنتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئاندىن يۈرۈپ بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز، ئەمما يورۇقلۇق تېزلىكى كائىناتتىكى ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتىنىڭ يۇقىرى چېكى بولۇپ قالدى.
يۇقىرىقى پاكىتلار شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئەگەر ئاي شارى تۇيۇقسىز پارتلاپ كەتسە، يەر شارىدىكى كىشىلەر بىر سېكۈنتتىن كېيىن ئاندىن بايقىيالايدۇ، ئەگەر قۇياش تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قالسا، يەر شارىدىكى كىشىلەرمۇ تەخمىنەن سەككىز يېرىم مىنۇت ساقلىسا، ئاندىن ئاسماننىڭ تۇيۇقسىز قاراڭغۇلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ.
پىروكىسما يۇلتۇزى قۇياشقا ئەڭ يېقىن تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.22 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، پىروكىسما يۇلتۇزىدىن پەيدا بولغان فوتونلار 4.22 يىلدا ئاندىن يەر شارىغا ئۇچۇپ كېلىپ يەر شارى ئادەملىرى تەرىپىدىن كۆزىتىلىدۇ، شۇڭا ئىنسانلارنىڭ كۆزىنى ئاچسىلا بۇ فوتونلارنى كۆرەلىشى ھەرگىزمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 4.22 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى پىروكىسما يۇلتۇزىنى كۆرەلىگەنلىكىدىن ئەمەس، پەقەت فوتوننىڭ ئادەمنىڭ كۆرۈش دائىرىسىگە كەلگەنلىكىدىنلا ئىبارەت.
كۆز بىلەن فوتوننىڭ مۇناسىۋىتى رادىيو قوبۇللىغۇچ بىلەن رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ، رادىيونى ئېتىۋەتكەن ۋاقىتتا رادىيو ئىستانسىسى يەنىلا داۋاملىق سىرتقا يېڭى نومۇر قويۇپ بېرىدۇ، پەقەت رادىيو قوبۇللىغۇچ ئېچىلغاندىن كېيىن، رادىيو ئىستانسىسىنىڭ سىگنالىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ كۆزى پەقەت ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنى قوبۇل قىلىش قۇرۇلمىسى بولۇپ، پەقەت كۆرۈنىدىغان نۇر دولقۇن بۆلىكى ئىچىدىكى ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىلا قوبۇل قىلالايدۇ، كۆزنىڭ ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىمەيدۇ، پەقەت پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا «كۆز ئالمىسى تېزلىكى» ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس، «كۆز ئالمىسى تېزلىكى»نىڭ يورۇقلۇقتىن تېز بولۇشى تېخىمۇ بىمەنە گەپ.