ئالەم

2-ئاينىڭ 18-كۈنى مارسقا قونىدىغان ئالەم كېمىسى ۋە ​ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت

2-ئاينىڭ 18-كۈنى مارسقا قونىدىغان ئالەم كېمىسى ۋە ​ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت

يېقىندا ئۈچ دۆلەت يېرىم يىل ئىلگىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قويۇپ بەرگەن ئۈچ دانە مارسنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئاللىقاچان 460 مىليون كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ بولۇپ، مارسنىڭ ئاسمان تەۋەلىكىگە يېتىپ بارغان ياكى يېتىپ بارايلا دەپ قالغان بولۇپ، يېقىندا مارس ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاۋات مەزگىلنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.

ئەمما غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت ھەمىشە غايەت زور خەۋپ-خەتەر ئۈستىگە قۇرۇلغان. مارسقا قونۇش جەريانىدا، ئامېرىكا ۋە ئېلىمىزنىڭ تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى «ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت»نى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلىشتەك كىشىنى ساراسىمىگە سالىدىغان قونۇش جەريانىغا دۇچ كېلىدۇ.

ئۇنداقتا ئۇلار «ھايات» قالالامدۇ-يوق؟ بىز بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ «ئىرادە» ناملىق ئالەم كېمىسىدە زادى قانداق يوشۇرۇن مەغلۇپ بولۇش نۇقتىلىرى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

2-ئاينىڭ 18-كۈنى مارسقا قونىدىغان ئالەم كېمىسى ۋە ​ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت

سۈرەت: «ئۈمىد» ناملىق ئالەم كېمىسى تارتقان مارسنىڭ سۈرىتى

نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ «تيەنۋېن 1-نومۇر» (天问一号) ناملىق ئالەم كېمىسىمۇ مارس ئوربىتىسىغا يېتىپ بارغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى قويۇپ بېرىپ مارس ئوربىتىسىغا كىرگەن 6-دۆلەتكە ئايلاندى. بىراق «تيەنۋېن 1-نومۇر» ئەڭ ئاۋۋال مارسنىڭ سۈرىتى ۋە سىنئالغۇسىنى تارتىپ يەرشارىغا قايتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مارس بىلەن بىللە چۈشكەن ئۆزتارتىم سۈرىتىمۇ بار ئىدى. «تيەنۋېن 1-نومۇر» ئۆز ئوربىتىسىدا مارسنى ئايلىنىپ نەچچە ئاي ئۇچقاندىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قويۇپ بېرىپ مارسقا قوندۇرىدۇ. چۈنكى بۇ ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم مارسقا يېتىپ بېرىشى بولغاچقا، تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ مارسنىڭ مۇھىتىنى تەكشۈرۈپ، قونۇشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقنى ياخشى قىلىشى زۆرۈر بولۇپ قالغان.

2-ئاينىڭ 18-كۈنى مارسقا قونىدىغان ئالەم كېمىسى ۋە ​ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت

سۈرەت: «تيەنۋېن 1-نومۇر»نىڭ مارس بىلەن بىللە چۈشكەن ئۆزتارتىم سۈرىتى

ئامېرىكىنىڭ« ئىرادە» (毅力号)ناملىق ئالەم كېمىسى بۇ ئۈچ ئالەم كېمىسىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاخىرىدا قويۇپ بېرىلگەن بولغاچقا، مارس ئوربىتىسىغىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا يېتىپ بارغان. ئالدىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى مارسقا يېتىپ بارالىغان ھەمدە مارسقا قونغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىسى مول، تەييارلىقى يېتەرلىك بولغاچقا، «ئىرادە» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى مارسقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يەتتە مىنۇت ئىچىدە مارس ئوربىتىسىدىن مارس يۈزىگە قونۇشتەك ۋەھىمىلىك قونۇش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ.

2-ئاينىڭ 18-كۈنى مارسقا قونىدىغان ئالەم كېمىسى ۋە ​ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت

ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت

دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر مارسقا ھازىرغا قەدەر قويۇپ بەرگەن تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنىڭ ئىچىدە، مارس يۈزىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قونالىغىنى ئاران %40لا بولۇپ، بۇ «ئىرادە» ناملىق مارسنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى يەتتە مىنۇتلۇق سەپىرىنىڭ ۋەھىمىلىك خىيىم-خەتەرگە ۋە غايەت زور ئېنىقسىزلىققا تولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەنلەش ۋە قونۇش باسقۇچىدىكى يوشۇرۇن مەغلۇبىيەت نۇقتىلىرىنى رەتلەپ ۋە تىزىپ چىقىپ، يەتتە مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە نەچچە يۈز تۈرلۈك خىزمەتنى پۈتۈنلەي توغرا بىر تەرەپ قىلغاندىلا، ئاندىن ئىرادە ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ مارس يۈزىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يېرىم يىل ئىلگىرى باشلانغان بۇ ۋەزىپىنىڭ پۈتكۈل جەريانلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ۋەھىمىلىك ۋە ھالقىلىق بولغان يەتتە مىنۇت ۋاقىت بولۇپ، غەلبىلىك بولسا يەنە نەچچە يىل، ھەتتا ئون نەچچە يىللىق ۋەزىپىلەر ئۇنى ساقلاپ تۇرىدۇ، ئەگەر بەختكە قارشى مەغلۇپ بولسا 2 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە بارلىق تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى مارسنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى ئوت ئۇچقۇنلىرىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ ياكى مارس يۈزىگە ئەخلەت بولۇپ چېچىلىپ كېتىدۇ.

2-ئاينىڭ 18-كۈنى مارسقا قونىدىغان ئالەم كېمىسى ۋە ​ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت

گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلغاندا، NASA نىڭ قونۇش جەريانىدا قىلىدىغان بىردىنبىر ئىشى شۇكى، ئاۋاز تېزلىكىنىڭ 20 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان سۈرئەتتە ئۇچىۋاتقان «ئىرادە» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ 20 مىڭ كىلومېتىرلىق سائەتلىك سۈرئىتىنى يەتتە مىنۇت ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ پىيادە ماڭغاندىكى تېزلىكىگە تەڭ چۈشۈرۈپ، ئاندىن مارسنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى مارسنىڭ يەر يۈزىگە ئەركىن ـ ئازادە قوندۇرۇشتۇر. بۇ جەرياندا NASA يەنە ئەزەلدىن ئىشلىتىپ باقمىغان ئىككى تۈرلۈك يېڭى تېخنىكىنى قوللانغان بولۇپ، بۇ «ئىرادە» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ يەر يۈزىگە قونۇشىنى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى پېشقەدەملەر ھېسابلىنىدىغان «پۇرسەت» ۋە «قىزىقىش» ناملىق ئالەم كېمىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقسىزلىقلارنى قوشقان.

2-ئاينىڭ 18-كۈنى مارسقا قونىدىغان ئالەم كېمىسى ۋە ​ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت

مارسنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 مىليون كىلومېتىر كېلىدىغان بولغاچقا، سىمسىز رادىيو سىگنالى 11 مىنۇتقا يېقىن ۋاقىتتا ئاندىن مارسقا يېتىپ بارالايدۇ، يەنى بىز دەۋاتقان «كېچىكىش» (延迟)بەك چوڭ بولۇپ، ئادەم كۈچى بىلەن دەل ۋاقتىدا كونترول قىلىش مۇمكىن ئەمەس. «ئىرادە» ناملىق ئالەم كېمىسىدىكى مارسنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى چوقۇم ئالدىنئالا لايىھەلەپ تەييار قىلىپ قويغان پروگراممىغا تايىنىپ ئۆز ئالدىغا ئاپتوماتىك قونمىسا بولمايدۇ،دېمەك ئۆز جېنىنى ئۆزى جان ئەتمىسە بولمايدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن نەچچە يۈز تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ھەرقاندىقىدا بىرەر خاتالىق يۈز بېرىپلا قالسا، بۇ ئالەم كېمىسى مارسنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئېتىلغان 2 مىليارد 700 مىليون دوللىرىلىق ساليورتقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

2-ئاينىڭ 18-كۈنى مارسقا قونىدىغان ئالەم كېمىسى ۋە ​ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت

ۋەھىمىلىك 7 مىنۇت

بۇ قېتىملىق قونۇش جەريانى ئاساسلىقى مارس ئاتموسفېراسىنىڭ قارشىلىق كۈچىگە تايىنىپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، ئاۋازدىن تېز سۈرئەتتە ئۇچىۋېتىپ تۇرۇپ پاراشۇت بىلەن چۈشۈش ۋە «ھاۋا كىرانى» تېخنىكىسى ئارقىلىق يەر يۈزىگە قونۇشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.

2-ئاينىڭ 18-كۈنى مارسقا قونىدىغان ئالەم كېمىسى ۋە ​ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت

ئاتموسفېرانىڭ قارشىلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىش

مارسنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرىش باسقۇچىدا، تۆۋەنلەش بۆلىكىگە جايلاشقان «ئىرادە» ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئالدى بىلەن ئالەم كېمىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يۆنىلىشنى تەڭشەپ، ئىسسىقلىق توسۇش قاپقىقىنى ئالدى تەرەپكە يۈزلەندۈرۈپ، يەر يۈزى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە بۇلۇڭ ھاسل قىلغان ھالدا مارسنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىسىغا كىرىدۇ، بۇ مەشغۇلات كېيىنكى قېپىدىكى كىچىك تىپتىكى ئىتتىرگۈچ ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. ئاتموسفېرا قەۋىتىگە كىرگەندىن كېيىنكى يەرگە تۆۋەنلەش بۆلىكى 1300 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى ھەرقانداق كىچىك خاتالىقمۇ جانغا زامىن بولىدۇ ھەم ئۇنىڭغا ھېچقانداق قۇتقۇزۇش پۇرسىتى بولمايدۇ. مەسىلەن ئاتموسفېرا قەۋىتىگە كىرىش بۇلۇڭىدا ئازراق پەرق بولۇپ قالسىمۇ، «ئىرادە» ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى شۇنىڭ بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا قاڭقىپ چىقىپ كېتىپ، ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتىگە ئايلىنىدۇ ياكى مارس ئاتموسفېراسىدا كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ.

2-ئاينىڭ 18-كۈنى مارسقا قونىدىغان ئالەم كېمىسى ۋە ​ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت

ئاۋازدىن تېز سۈرئەتتە ئۇچۇش ھالىتىگە ماس كەلتۈرۈلگەن پاراشۇت بىلەن چۈشۈش

تۆۋەنلەش بۆلىكى مارسنىڭ ئاتموسفېرا قەۋىتىگە كىرىپ تەخمىنەن 240 سېكۈنتتىن كېيىن، مارسنىڭ يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 11 كىلومېتىر ئىگىزلىكىگە كەلگەندە، ئاۋازدىن تېز سۈرئەتتە ئۇچۇش ھالىتىگە ماس كەلتۈرۈلۈپ ئالاھىدە ياسالغان پاراشۇت ئېچىلىپ، «ئىرادە» ناملىق مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى تۆۋەنلەش بۆلىكىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 1512 كىلومېتىردىن 320 كىلومېتىرغا تۆۋەنلىتىدۇ. پاراشوت ئېچىلغاندىن كېيىنكى 20 سېكۈنتتا، تۆۋەنلەش بۆلىكى يەنە ئىسسىقلىق توسۇش قاپقىقىنى تاشلىۋېتىپ، «ئىرادە» ناملىق مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئاشكارا قىلىدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا NASAنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىسى-دائىرىلىك قوزغىتىش (范围触发) تېخنىكىسى ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تېخنىكا پاراشۇتنى توپتوغرا كونترول قىلىش ئارقىلىق پۇرسەت يارىتىپ، «ئىرادە» ناملىق مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئەڭ چوڭ ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە رايونغا چۈشۈرىدۇ.

2-ئاينىڭ 18-كۈنى مارسقا قونىدىغان ئالەم كېمىسى ۋە ​ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت

مانا مۇشۇ باسقۇچ ئەڭ ئاسان خاتالىق كۆرۈلىدىغان باسقۇچ بولۇپ، ياۋروپا ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىنىڭ 2016-يىلىدىكى «سىكىئاپارىللى EDM» ناملىق قونۇش ئۈسكۈنىسى دەل مۇشۇ باسقۇچتا پاراشوت ۋە ئىسسىقلىق توسۇش قاپقىقىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېچىۋېتىپ، 3.7 كىلومېتىر ئىگىزلىكتە تۇرۇپلا «مارس يۈزىگە كېلەي دەپ قالدى» دەپ خاتا ھۆكۈم قىلغان. شۇنداق قىلىپ شۇ ئىگىزلىكتىن قاڭقىپ چۈشۈشكە باشلاپ، نەتىجىدە سائىتىگە 300 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن مارس يۈزىگە جاڭڭىدە قىلىپ سوقۇلۇپ ۋەيران بولغان.

2-ئاينىڭ 18-كۈنى مارسقا قونىدىغان ئالەم كېمىسى ۋە ​ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر تۈرلۈك يېڭى تېخنىكا بۇ باسقۇچتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ يەر شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن جانلىق ۋە ئۆزگىرىشچان يول باشلاش سىستېمىسىدىن ئىبارەت. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق يېقىنلىشىپ قالغان يەر يۈزىنىڭ سۈرەتلىرىنى تېز سۈرئەتتە تارتىپ، قونۇش ئۈسكۈنىسىگە ئورنىتىلغان خەرىتە بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، خەتەرلىك رايونلارغىمۇ بىخەتەر قونۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

2-ئاينىڭ 18-كۈنى مارسقا قونىدىغان ئالەم كېمىسى ۋە ​ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت

«ھاۋا كىرانى» ئارقىلىق بىخەتەر قونۇش

يەر يۈزىدىن 2100 مېتىر ئىگىزلىكتىكى نوقتىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئاتموسفېرا شالاڭ بولغاچقا، پاراشوت ئەڭ ئاخىرىدا «ئىرادە» ناملىق مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ قونۇش سۈرئىتىنى سائىتىگە 320 كىلومېتىرلىق سۈرئەتكىچىلا ئاستىلىتالايدۇ. بۇ ۋاقىتتا پاراشوت تاشلىۋېتىلىدۇ-دە، «ھاۋا كىرانى»نىڭ سەككىز دانە كىچىك تىپتىكى راكېتاسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇلۇپ، يەر يۈزىگە قارىتا تەتۈر ئىتتىرىش سۈرئىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، قونۇش ئۈسكۈنىسىنىڭ سۈرئىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، سائەتلىك سۈرئىتىنى 2.7 كىلومېتىرغا تۆۋەنلىتەلەيدۇ. بۇ سۈرئەت تەخمىنەن ئىنسانلارنىڭ پىيادە مېڭىش سۈرئىتىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ.

2-ئاينىڭ 18-كۈنى مارسقا قونىدىغان ئالەم كېمىسى ۋە ​ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت

قونۇشتىن بۇرۇنقى 12 سېكۈنتتا، مەزكۇر «ھاۋا كىرانى» مارسنىڭ يەر يۈزىگە 20 مېتىر كېلىدىغان جايدا كەلگەندە، 6.4 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۈچ تال ئارقان ئارقىلىق «ئىرادە» ناملىق مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ساڭگىلىتىپ قويۇپ بېرىدۇ، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىمۇ تېزلىكتە پۇت-قوللىرىنى ئېچىپ قونۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ چاقلىرىنىڭ يەرگە تەگكەنلىكىنى بايقىغان ھامانلا دەرھال ئارغامچىنى ئۈزۈۋېتىدۇ. ئۈستىدىكى ئاسما كىرانمۇ يانغا قايرىلىپ ئۇچۇپ كېتىدۇ ھەمدە بىخەتەر ئارىلىقنىڭ سىرتىدا يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ.

2-ئاينىڭ 18-كۈنى مارسقا قونىدىغان ئالەم كېمىسى ۋە ​ۋەھىمىلىك يەتتە مىنۇت

مارسقا قونۇش بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، تەكشۈرۈش ئەسۋابى، ئىسسىقلىق توسۇغۇچى قاپقاق، پاراشوت، ھاۋا كىرانى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرسىدىن ھەرقانداق بىر كىچىككىنە خاتالىق كۆرۈلسىمۇ، پۈتكۈل ۋەزىپىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىز NASAنىڭ «ئىرادە» ناملىق مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ۋە ئېلىمىزنىڭ «تيەنۋېن 1-نومۇر» ناملىق مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىگە بەخت تىلەيمىز. پەقەت %40لىك ئېھتىماللىقنى %100لىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئايلاندۇرغاندىلا، ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشى ھەقىقىي مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغان ھېسابلىنىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى