ئالەم

ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ ئالدىدا سامانيولى سىستېمىسى قانچىلىك كىچىك؟

ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ ئالدىدا سامانيولى سىستېمىسى قانچىلىك كىچىك؟

بىز تۇرۇۋاتقان يەر شارى قۇياش سىستېمىسىغا جايلاشقان، قۇياش سىستېمىسى بولسا پەقەت بىر سەييارە سىستېمىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تۇرغۇن يۇلتۇز، سەككىز سەييارە ھەمدە نەچچە يۈز پەتەك سەييارە ۋە ھەمراھ قاتارلىقلار بار. قۇياش سىستېمىسى يەنە سامانيولى سىستېمىسىغا جايلاشقان بولۇپ، سامانيولى سىستېمىسى نەچچە يۈز مىليارد تۇرغۇن يۇلتۇز بار، ئۇ غايەت زور يۇلتۇزلار توپى ھېسابلىنىدۇ. ئالىملار دەسلەپكى مۆلچەردە: «سامانيولى سىستېمىسى ئىچىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ سانى تۆت يۈز مىلياردقىچە بولۇپ، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ دىيامېتىرى تەخمىنەن بىر يۈز ئەللىك مىڭ نۇر يىلى كېلىدۇ، ئومۇمىي ماسسىسى تەخمىنەن قۇياشنىڭ بىر تىرىليون بەش يۈز مىليارد ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ مەركىزىدىكى قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماسسىسى تەخمىنەن قۇياشنىڭ تۆت مىليون ئۈچ يۈز مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ» دەپ قارايدۇ.

ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ ئالدىدا سامانيولى سىستېمىسى قانچىلىك كىچىك؟

گەرچە سامانيولى سىستېمىسى شۇنچە چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئەمەس، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ قوشنىسى بولغان ئاندرومېدا يۇلتۇزلار سىستېمىسى (仙女座星系) نىڭ كۆلىمى سامانيولى سىستېمىسىدىن بىر ھەسسە چوڭ، دەرىجىدىن تاشقىرى يۇلتۇزلار تۈركۈمىگە جايلاشقان M87 يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى سامان يولى سىستېمىسى بىلەن ئاندرومېدا يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنى قوشقاندىنمۇ كۆپ چوڭ.

ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ ئالدىدا سامانيولى سىستېمىسى قانچىلىك كىچىك؟

ئەمما M87 يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ يۇلتۇزلار سىستېمىسىمۇ ئەمەس، نۆۋەتتە ئەڭ چوڭ يۇلتۇزلار سىستېمىسى IC 1101 يۇلتۇزلار سىسىتېمىسىغا تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭدا نەچچە يۈز تىرىليون تۇرغۇن يۇلتۇز بار. ئۇ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن بىر مىليارد قىرىق بەش مىليون نۇر يىلى كېلىدىغان ئابېل 2029 يۇلتۇز سىستېمىسى توپىغا جايلاشقان، بۇ غايەت زور تۇرغۇن يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ دىيامېتىرى تەخمىنەن تۆت مىليون نۇر يىلى (يەنە بىر قاراشتا ئالتە مىليون نۇر يىلى) كىلىدۇ، بۇ سامان يولى سىستېمىسى دىيامېتىرىنىڭ يىگىرمە ئالتە ھەسسىسىدىن كۆپرەككە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھەجىمىنىڭ چوڭلۇقىدىن، ئون يەتتە مىڭدىن كۆپرەك سامانيولى سىستېمىسىنى سىغدۇرالايدۇ.

ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ ئالدىدا سامانيولى سىستېمىسى قانچىلىك كىچىك؟

ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ ئالدىدا سامانيولى سىستېمىسى قانچىلىك كىچىك؟

مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى كۆرۈپ بەك ھەيران قالدىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا ئەڭ كىچىك يۇلتۇزلار سىستېمىسى قانچىلىك كىچىك؟ نۆۋەتتە مەلۇم بولغان ئەڭ كىچىك يۇلتۇزلار سىستېمىسى بىر يۈز ئون تۆت مىڭ يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى Segue2 گە جايلاشقان بولۇپ، بۇ يۇلتۇزلار سىستېمىسى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان. سامانيولى سىستېمىسىغا تەۋە ھەمراھ يۇلتۇزلار سىستېمىسى بولۇپ، كىچىك بىر توپ تۇتۇق ماددىلار ئارىسىدا شەكىللەنگەن، ئاسترونوملار ئۆلچەش ئارقىلىق ئۇنىڭ چوڭلۇقىنىڭ قۇياش سىستېمىسىنىڭ توققۇز يۈز ھەسسىسىگە، ماسسىسىنىڭ پەقەت قۇياشنىڭ 550 مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. يورۇقلۇق دەرىجىسىمۇ قۇياشنىڭ 200 ھەسسىسى ئەتراپىدا بولۇپ، تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلار ئۆلچەش ئارقىلىق سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىدىكى قارا ئۆڭكۈردەك چوڭ ئەمەسلىكى ئېنىقلاندى.

ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ ئالدىدا سامانيولى سىستېمىسى قانچىلىك كىچىك؟

ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ ئالدىدا سامانيولى سىستېمىسى قانچىلىك كىچىك؟

گەرچە بۇ يۇلتۇزلار سىستېمىسى بىزنىڭ قۇياش سىستېمىمىزدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بولسىمۇ، لېكىن سامانيولى سىستېمىسى قاتارلىق بىر قەدەر چوڭ يۇلتۇزلار سىستېمىسىغا سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن بەك كىچىك بولۇپ، بىر قاتارغا قويغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇ يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ IC 1101 يۇلتۇزلار سىستېمىسى بىلەن سېلىشتۇرساق، ئۇ چاغدىكى پەرق تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. مەيلى ھەجىمى، ماسسىسى ياكى يورۇقلۇق دەرىجىسى بولسۇن، ئالدىنقىسنىڭ يۈز مىليوندىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى