ئالەم

رۇسىيە ئالەم قاتنىشى گۇرۇھى مارسنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ھالقىسىمان تاغلارنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى

 

رۇسىيە ئالەم قاتنىشى گۇرۇھى مارسنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ھالقىسىمان تاغلارنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى

رۇسىيە ئالەم قاتنىشى گۇرۇھى (Roscosmoss) مارسنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ھالقىسىمان تاغلارنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى. بۇ سۈرەت 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى رۇسىيە-ياۋروپا ھەمكارلىق تۈرى «2016-يىللىق مارستىكى ھاياتلىقنى تەكشۈرۈش پىلانى» (ExoMars-2016)دىكى گاز ئوربىتىسىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى (TGO) غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان رەڭلىك ۋە ئىستېرېئولۇق تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىستېمىسىدا تارتىلغان بولۇپ، مارستىكى بىر كىچىك ھالقىسىمان تاغنىڭ شەرقىي جەنۇب دىۋارى خاتىرىلەنگەن. تاغ ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 12 كىلومېتىر بولۇپ، سۈرەتتە كۆرسىتىلگەن رايوننىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 500 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. تەسۋىر ھاسىل قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېنىك تىپتىكى چۆكۈندى ماددىلار چوڭ قورام-تاشلارنىڭ چوققا قىسىمىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، تەركىبىدە سۇنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن قەدىمكى سېغىز توپا مىنېراللىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، قۇم-شېغىل چۆكمىلىرىنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. تاغ ئېغىزىنىڭ ئاستى قىسىمىدا «مەيىن دولقۇن» شەكىللىنىدۇ. ئالاھىدە بولغان قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ بولسا تۆمۈر ئوكسىدىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى