ئالەم

ExoMars مارستا تۇنجى قېتىم ھىدروگېن خىلورىدنى ئۆلچەپ چىقتى

مارسنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ قۇرغاق ھەم ئۈنۈمسىز ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. گەرچە بۇ سەييارىنىڭ ئىككى قۇتۇپى ئەتراپىدا بىر قىسىم سۇ مولېكۇلالىرى بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق يىپ ئۇچى بۇ سەييارىدە ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىنى تەمىنلىيەلمەيدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (ESA) ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالەم ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى (Roscosmos) ئالەم بوشلۇقى گۇرۇپپىسى مارسقا قۇيۇپ بەرگەن ExoMars ئىز قوغلاش ئوربىتىسى (Trace Gas Orbiter) قاتارلىق تۈرلەر مارستا يەنىلا مەۋجۇت بولغان بەزى سىرلارنى ئېچىپ بېرىشكە ياردەم قىلماقتا.

ExoMars مارستا تۇنجى قېتىم ھىدروگېن خىلورىدنى ئۆلچەپ چىقتى

يېقىندا، «Science Advances»دا ئېلان قىلىنغان ئىككى تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار ئىز قوغلاش ئوربىتىسىدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ مارسنىڭ ئەتراپىدا ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر خىل گازنى بايقىغانلىقىنى ئېچىپ بەرگەن. ئىگىلىنىشىچە، يېڭىدىن بايقالغان گاز ـــ ھىدروگېن خىلورىد مارس ئاتموسفېراسىدا بايقالغان تۇنجى گالوگېنلىق گاز بولۇپ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى پەسىل ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، لېكىن بۇ بايقاشنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا پەيدا بولغان مەسىلىسى يېشىلگەن مەسىلىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىكەن.

بىر سەييارىنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمى تەتقىق قىلىشتا دەرىجىدىن تاشقىرى مۇھىم نەرسە ئەمەس، بولۇپمۇ مارسقا ئوخشاش شالاڭ ئاتموسفېرا قاتلىمى ئەھۋالىدا. گەرچە مارسنىڭ ئاتموسفېراسى ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ھاياتلىقنى قوللاشقا يەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا مارس يۈزىدە قانداق جەريانلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان كۆرسەتكۈچ بولالايدۇ. مارس ئاتموسفېراسىدا ھىدروگېن خىلورىدنى بايقاشتىكى ھاياجانلىنىش شۇ يەردىكى، ئۇ سۇنىڭ ئىلگىرى (ياكى ھازىر) مارس گازىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

تەتقىقات دوكلاتىدىكى ئىلمىي ماقالىنى يازغۇچى كەيۋىن ئولسېن (Kevin Olsen) بىر باياناتىدا مۇنداق دېگەن: بىز يەنە چاڭ-توزاننىڭ باغلىنىشچانلىقىنى كۆزەتتۇق: چاڭ-توزان ھەرىكىتى كۈچەيگەندە، بىز تېخىمۇ كۆپ ھىدروگېن خىلورىدنى كۆردۇق، بۇ جەريان جەنۇبىي يېرىم شارنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

لېكىن بۇ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بىر نېمە دېمەك تەس. بۇ خىل گازنىڭ قانداق ھاسىل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى جەنۇبىي يېرىم شارنىڭ ياز پەسلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، لېكىن بۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل گازنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر قاتار ھادىسلەرنى بېكىتىش ناھايىتى قىيىن.

ئىككىنچى پارچە ئىلمىي ماقالىدە، تەتقىقاتچىلار يەنە بۇ سەييارىنىڭ ئاتموسفېراسىدىكى دېيتېرىي بىلەن ھىدروگېننىڭ سېلىشتۇرما قىممىتىنى ئۆلچەپ، بۇ سەييارىنىڭ تارىخىدا كۆپ مىقداردىكى سۇنىڭ ئېقىپ كەتكەنلېكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ مارستا ئىلگىرى مول سۇ بار ئىدى، ھەتتا ئۇنىڭ يۈزىدە زور مىقداردا كۆل، دەريا ۋە دېڭىز-ئوكيان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قاراشنى قوللايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى