ئالەم

ئىنسانلار ئوخشاش بولمىغان سەييارىلەردە ياشاپ قالسا…

ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئەزەلدىن توختاپ قالغان ئەمەس، شۇنداقلا يېقىندىن بۇيان تاشقى پىلانېتا جانلىقلىرىنى ئىزدەش، ھەتتا تاشقى پىلانېتالارنى مۇستەملىكە قىلىشقا ئالاقىدار خەۋەرلەرمۇ خېلى كۆپىيىپ قالدى. ناۋادا بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرەر؟ بۈگۈنكى كۈندە بىز بىلىدىغان سەييارىلەردىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ مۇھىتى بىلەن بىز ياشاۋاتقان يەر شارىنىڭ مۇھىتىدا زور پەرق بار. بىراق، ئوكسىگېن ۋە تېمپېراتۇرا قاتارلىق شارائىتلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئويلاشماي خىيال قىلىپ باقساق، ئىنسانلار ئوخشاش بولمىغان پىلانېتلاردا ياشاپ قالسا، ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولار؟ شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن بىز مانا مۇشۇنداق بىر خىيالى تەسەۋۋۇرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى، مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولسۇن.

ئىنسانلار ئوخشاش بولمىغان سەييارىلەردە ياشاپ قالسا...

1. ساتۇرن

ساتۇرن بولسا بىر خىل گاز ھالەتتىكى سەييارە، يەنى بۇ يەردە قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان قۇرۇقلۇق يوق، ئەمما ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىغا قاراپ ماڭغانسېرى ئۇنىڭ قاتلىمى تېخىمۇ زىچلىشىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىچكى قىسمى زور مىقداردا قويۇق تۇمان بىلەن قاپلانغان بولىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا ياشاش ئۈچۈن، ئىنسانلار چوقۇم تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ سۆڭىكى يوق ھالەتكە كېلىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە مېدۇزىغا ئوخشاش بەدەن ھالىتىگە ئىگە بولۇشى، شۇ ئارقىلىق لەيلەشكە قۇلايلىق ھالەتنى يارىتىشى كېرەك.

ئىنسانلار ئوخشاش بولمىغان سەييارىلەردە ياشاپ قالسا...

2. ۋېنېرا

ۋېنېرانىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، ئاتموسفېرادا يەنە ھىدروگېن فوسفىد بار. بۇنىڭدىن سىرت ئۇنىڭ يۈزىمۇ ئىنتايىن قۇرغاق، دائىم دېگۈدەك قارا بوران ۋە يانار تاغلارنىڭ ئېتىلىپ چىقىشىدەك تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋېنېرانىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە تېمپېراتۇرىسى 471 سېلتسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۈچلۈك بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشمۇ بىر مەسىلە، شۇڭا ۋېنېرادا ياشاش ئۈچۈن، ئىنسانلار چوقۇم تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ مىكرو ئورگانىزملارنىڭ شەكلىگە ئايلىنىشى كېرەك.

ئىنسانلار ئوخشاش بولمىغان سەييارىلەردە ياشاپ قالسا...

3. پلۇتون

پىلۇتون قۇياشتىن ناھايىتى يىراق سەييارە بولغاچقا، ئادەتتە ناھايىتى سوغۇق بولىدۇ، بۇ يەردە يەنە نۇرغۇن مۇزلۇقلار بار. بۇ سەييارىدە قۇياشنى تازا ئېنىق كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە قۇياشنى كۆرۈش خۇددى يەر شارىدا تۇرۇپ يۇلتۇزلارنى كۆرگەنگە ئوخشايدۇ. بۇ يەردە ئېغىرلىق كۈچى تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئىنسانلارنىڭ مۇسكۇل ۋە سۆڭەكلىرى يىگىلەپ، ئومۇرتقا بىلەن سۆڭەك ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق كېڭىيىپ، بويى ئىگىزلەپ، تېخىمۇ ئورۇقلاپ كېتىدۇ. شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرىدا بەدەن شەكلى ھاشاراتلارغا ئوخشاش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق بەزى ئالىملار: «پلۇتوننىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ ئاستى تەرىپىدە دېڭىز-ئوكيان بار، ئۇ يەرنىڭ مۇھىتى سىرتقى يۈزىنىڭ مۇھىتىدەك ناچار ئەمەس» دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر ئىنسانلار بۇ يەردە ياشىماقچى بولىدىكەن، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بېلىققا ئوخشاش سۇ ئاستىدا ياشاشقا ماس كېلىدىغان بەدەن شارائىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

ئىنسانلار ئوخشاش بولمىغان سەييارىلەردە ياشاپ قالسا...

4. ئۇران

ئۇران يەنە «گىگانت مۇز يۇلتۇزى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ سەييارە ئاساسلىقى مېتان، سۇ ۋە ئاممىياكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يەر ئىنتايىن سوغۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىرلىق كۈچىمۇ يەر شارىدىكىدىن خېلىلا كۈچلۈك. شۇنىڭدەك ئېغىرلىق كۈچى چوڭايسا، ئادەم بەدىنى تېخىمۇ پاكارلاپ كېتىدۇ. سوغۇق مۇھىتتا ياشاش ئۈچۈن، ئادەمنىڭ تېرىسى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ تېخىمۇ قېلىنلاپ كېتىدۇ. بۇ يەردىكى لەيلىمە مۇھىتتا ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن، يەنە يەر شارىدىكى سۇ ئاستى جانلىقلىرىغا ئوخشاش تەن قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇش كېرەك.

ئىنسانلار ئوخشاش بولمىغان سەييارىلەردە ياشاپ قالسا...

5. مارس

مارس بەلكىم كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ بولغان سەييارە بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. قانداقلا بولمىسۇن يەر شارىغا سېلىشتۇرغاندا، مارسنىڭ تارتىش كۈچى خېلىلا ئاجىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر شارىغا قارىغاندا قۇياشتىن تېخىمۇ يىراق، ئاتموسفېرا قاتلىمى تېخىمۇ شالاڭ. بۇ ھەم ئۇ يەردە قۇياش نۇرىنىڭ تېخىمۇ ئاجىز بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مارستا يەنە داۋاملىق دېگۈدەك كۈچلۈك قۇم-بوران چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ دەل ئىنسانلار ئۇ يەرگە ئەۋەتكەن مارس ماشىنىسى يولۇققان ئاساسلىق ئەھۋال. ئەگەر ئىنسانلار مارستا ياشايمىز دەيدىكەن، ئۇنداقتا چوقۇم تارتىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىدىن پەيدا بولغان تەسىرگە ماسلىشىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ سۆڭەكلىرى تېخىمۇ مۇستەھكەم ۋە قاۋۇل بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تارتىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئادەملەرنىڭ بوي ئىگىزلىكىنى ئۆستۈرۈپ ئۇلارنى تېخىمۇ ئىگىز قىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىنسانلار يەنە تېخىمۇ چوڭ كۆز ئارقىلىق قۇياش نۇرىنى ھېس قىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ يەردىكى قۇياش نۇرى يەر شارىدىكىگە قارىغاندا كۆپ ئاجىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتموسفېرا قاتلىمى ھەددىدىن زىيادە شالاڭ بولغانلىقتىن، ئادەم بەدىنى پىگمېنتلارنى قارا پىگمېنتلاردىن كاروتېنوئىدلارغا ئايلاندۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەملەرنىڭ تېرىسى سەۋزە رەڭلىك بولۇپ قالىدۇ.

ئىنسانلار ئوخشاش بولمىغان سەييارىلەردە ياشاپ قالسا...

6. مېركۇرىي

مېركۇرىي يەر شارىغا ناھايىتى يېقىن، بۇ سەييارە قوبۇل قىلىدىغان قۇياش نۇرى يەر شارىدىكىدىن خېلىلا كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ قوبۇل قىلىدىغان قۇياش نۇرى ئاز دېگەندىمۇ يەر شارىدىكىدىن يەتتە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ يەردە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىمۇ ناھايىتى زور بولۇپ، كۈندۈزلۈك تېمپېراتۇرىسى 430 سېلسىيە گرادۇسقا يەتسە، كېچىسى نۆلدىن تۆۋەن 180 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مېركۇرىيدا يەنە ئۈزلۈكسىز يەر تەۋرەش ۋە ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ. شۇڭا بۇ خىل مۇھىتتا ياشاش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ بەدىنى چوقۇم تەستە ئېرىيدىغان مېتالغا ئايلىنىشى كېرەك. كۆزنىڭ سىرتقى قىسمىدا ئاپتاپتىن ساقلىنىش كۆزەينىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئەزا بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۇ ئەزا يەر شارىدىكىنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان قۇياش نۇرىدىن ساقلىنىش رولىنى ئۆتەيدۇ.

ئىنسانلار ئوخشاش بولمىغان سەييارىلەردە ياشاپ قالسا...

7. يۇپىتېر

يۇپىتېرمۇ ساتۇرنغا ئوخشاش گاز ھالەتتىكى خەتەرلىك سەييارە بولۇپ، ئۇ ھىدروگېن بىلەن گېلىيدىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچكى قىسمىغا قانچە چوڭقۇر چۆككەنسېرى شۇنچە زىچلىشىدۇ ھەمدە ئاخىرىدا سۇيۇق ھىدروگېن بىلەن ئۇچرىشىدۇ ياكى ئۇنى سۇيۇق ھالەتتىكى «ھىدروگېن دېڭىزى» دېيىشكە بولىدۇ. بۇنداق ناچار مۇھىتتا، بېسىم زور بولىدۇ. تېمپراتۇرىمۇ نۆلدىن تۆۋەن 100 سېلسىيە گرادوسقا يېتىدۇ. بۇنداق ناچار مۇھىتتا ياشاش ئۈچۈن، ئادەملەر چوقۇم يەر شارىنىڭ چوڭقۇر دېڭىزىدىكى جانلىقلارغا ئوخشاش تەن تۈزۈلۈشىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، غايەت زور قاسراققا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە سۇ ئۈزۈشكە قولايلىق ئۈزۈش پەردىسگىمۇ ئىگە بولۇشى كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىنسانلار بۇ يەردە ياشاش ئۈچۈن قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى