تەبىئەت

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

رۇسىيەلىك بىر قىزنىڭ يىرتقۇچ ھايۋانلارنى بېقىشتا تەجرىبىسى بولغاچقا، ھايۋانات باغچىسىدا ئانىسى تاشلىۋەتكەن قارا قاپلان بالىسىنى بېقىۋالغان.

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

بۇ قارا قاپلان بالىسى ھايۋانات باغچىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، تۇغۇلغاندا تېنى بەكلا ئاجىز ھەم ئۆز ئانىسىنىڭمۇ كارى بولمىغاچقا، ھايۋاناتلار باغچىسىمۇ بۇنى تاشلىۋېتىشنى ئويلاشقان.

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

قىزچاق ياخشى كۆڭلى بىلەن بۇنى سېتىۋېلىپ يېنىدا ئېلىپ قېلىپ باققان. قىزچاق ئۆزىگە تەئەللۇق يىرتقۇچ ھايۋانغا ئىگە بولالىغانلىقىدىن قەۋەتلا خۇشال بولغان ھەم ھاياجانلانغان.

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

يىرتقۇچ ھايۋانلارنى بېقىپ باققان بولغاچقا، قىزچاقنىڭ بۇ قارا قاپلان بالىسىنى بېقىشى ئۇنچە تەسكە توختىمىغان. نېمىلا دېگەن بىلەن قارا قاپلان بالىسى تېخى كىچىك ئەمەسمۇ؟!

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

بىراق ئانىسى يوق ئەھۋالدا، قارا قاپلاننىڭ ياۋايى تەبىئىتىنى ساقلاش بىلەن بىرگە ئالاقە ئىقتىدارىنى نورمال يېتىلدۈرۈش بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلانغان.

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

بەختكە يارىشا بۇ قىزنىڭ يەنە بىر ئىتى بولۇپ، بۇ ئىت تېخى «يىرتقۇچ ئىت» روتۋايلېر (ئىتنىڭ بىر تۈرى) ئىكەن. يەنە كېلىپ ئىتنىڭ قاپلان بالىلىرىنى باققانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا قىزچاق ئىتىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى توغرا تاپقان.

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

شۇنىڭ بىلەن تەبىئىيلا بۇ روتۋايلېر ئىتىنىڭ بالا بېقىش تۇرمۇشى باشلىنىپ كەتكەن.

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

مەسىلەن ئىت قاپلان بالىسىغا ھەمراھ بولۇپ دالا تۇرمۇشىغا ماسلىشىشنى مەشىق قىلغان.

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

ئىت قارا قاپلان بىلەن ئېلىشىپ ئويناش ئارقىلىق قاپلان بالىسىنىڭ ئوۋ ئوۋلاش، ئۇرۇشۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرغان.

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

ئىت يەنە بۇ قارا قاپلانغا سىردىشىش، ئالاقە قىلشنى ئۆگىتىپ، ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە جۆرە تېپىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان.

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

شۇنداق قىلىپ روتۋايلېر جان كۆيدۈرۈپ بېقىپ يېتەكلىگەن قارا قاپلان بالىسىمۇ ساغلام چوڭ بولغان. ھالبۇكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئوماققىنە يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ روھىي ھالىتى، قىياپەتلىرىنىڭ ئويلىغاندىكىدىن خېلىلا چەتنەپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان….

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

ئولجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلاۋاتقان قاپلان دەپ تەسەۋۋۇر قىلغانىدۇق…

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

ئەمەلىيەتتە بولسا….

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

قاپلان: بۇ قانداق بايقۇش ئەمدى….

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

قاپلاننىڭ ھەيرانلىقتا قاراشلىرىدىن ئۆرگىلەي.

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

قىزچاق: بىزنىڭ ئۆيدىكى مۈشۈك. ياق، راست بۇ دېگەن بىزنىڭ ئۆيدىكى قاپلان…

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

قارا قاپلان بارغانسېرى ئىتقا ئوخشاپ قالسا قانداق قىلارمىز؟

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

قىزچاق ئەسلىدە بۇ قارا قاپلان چوڭ بولۇپ سالامەتلىكى، ياۋا تەبىئىيتى ئەسلىگە كەلسە تەبىئەتكە قويۇپ بېرىشنى ئويلىغانىدى.

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا يەنە بىر مەزگىل ساقلاشقا توغرا كېلىدىغاندەك قىلاتتى. بىر مەزگىلدە كېيىن بۇنىڭ دالاغا قايتسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن ئاندىن بىر قارارغا كېلىش كېرەك.

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

ئاخىرىدا كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، بۇ قىز بىلەن ئىتنىڭ بېقىشى، تەربىيەلىشى بىلەن يىرتقۇچ ھايۋان قارا قاپلان ئاخىرىدا يەنىلا مۈشۈكتەك يېقىشلىق چوڭ بولدى.

ئەسكەرتىش: بۇ ئىش رۇسىيەدە يۈز بەرگەن. ياۋايى ھايۋانلار راستىنلا ئۆيدە بېقىشقا ماس كەلمەيدۇ.

ئىتنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان قارا قاپلان

ئاخىرىدا بۇ جانىۋارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى شوخلۇق قىلىشلىرىدىن جەڭگىۋارلىقىنى ھېس قىلىپ بېقىڭ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى