تەبىئەت

ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتىمۇ؟

ئاۋسترالىيەدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئاۋسترالىيەدىكى ئۆزگىچە تۈر ئۆردەكتۇمشۇق نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان.

ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتىمۇ؟

ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتىمۇ؟

ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتىمۇ؟

ئۆردەكتۇمشۇق ئەڭ قەدىمكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. نەچچە ئون مىليون يىللاردىن بۇيان ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتقان ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى بىر قەدىمىي تۈردىن بىر قانچە تارماققا بۆلۈنگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەڭ قەدىمىي بولغان ئاشۇ بىرقانچە ئەۋلادنىڭ ئارقا-ئارقىدىن نەسلى قۇرۇپ كەتكەن.

ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتىمۇ؟

ئۆردەكتۇمشۇق بولسا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ مۇشۇ ھالەتكە كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، نەچچە يۈز مىليون يىللاردىن بۇيان ئانچە تەرەققىي قىلمىدى، ئۇ پۈتۈنلەي تەرەققىي قىلىپ بولالمىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، لېكىن شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۇ يەنىلا ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى.

سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىر مۇھىم بەلگىسى تۆرەلمىلىك تۇغۇش، ئەمما ئۆردەكتۇمشۇق تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ. ئۇلار تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن تۇخۇم بېسىش ئارقىلىق چۈجە چىقىرىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ تۇخۇمىنىڭ سېرىقى كىچىك بولۇپ، ئۇزۇقلۇق يېتەرلىك ئەمەس، شۇڭا چۈجىنىڭ تۇخۇمدىن چىقىش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ. تۇخۇمدىن چىققان كىچىك ئۆردەكتۇمشۇقلار ياخشى يېتىلەلمەيدۇ.

.ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتىمۇ؟

ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يېرىم مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئاغزى يوغان ھەم ياپىلاق، خۇددى ئۆردەكنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئالدى ئۇچىدا ئىككى ھاۋا تۆشۈكچىسى بار. بىز ئادەتتە كۆرۈپ تۇرىدىغان قۇرۇقلۇقتىكى ھايۋانلاردەك يۇمشاق قۇلىقى يوق. بەدىنىدە قېنىق قوڭۇر رەڭلىك تۈكلەر بار.

ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتىمۇ؟

ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ تىرنىقىمۇ ئۆردەكنىڭ ئۈزگۈچىسىگە ئوخشايدۇ، لېكىن ئوخشىمايدىغىنى ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ تىرنىقى ئىلمەك بولىدۇ، تۆت پۇتى قىسقا ھەم كىچىك، ياپىلاق چوڭ قۇيرۇقى بار.

ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ زەھىرى بار بولۇپ، بۇ ئەھۋال سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتىمۇ؟

ئۇلارنىڭ تاپىنىدا بىر تال زەھەرلىك تىكىنى بار بولۇپ، ئەگەر تىكىنى ئادەم بەدىنىگە سانجىلىپ كەتسە، سانجىلغان ئورۇن قىزىرىپ ئىششىپ ئاغرىيدۇ، بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ساقىيىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ بۇ خىل زەھەرلىك تىكىنى ئوزۇقلۇق تۇتۇش ياكى كۈشەندىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى جورا تالىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. كۆپىيىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، ئۆردەكتۇمشۇق تاپىنىدىكى زەھەرلىك تىكەن بىلەن ئارقىلىق رەقىبلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ جۈپلىشىشتىكى ئورنىنى قوغدايدۇ.

ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ زەھەر سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىمۇ غەلىتە بولۇپ، ئۇنىڭ زەھەر سۇيۇقلۇقىدا 83 خىل ئوخشىمىغان زەھەر سۇيۇقلۇقى گېنى بار، پەقەت ئۈچ خىل تەركىبلا ئۆزىگە تەۋە، قالغانلىرى ئۆمۈچۈك، زەھەرلىك يىلان، كەسلەنچۈك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ زەھەر سۇيۇقلۇقىنى ئارىلاشتۇرۇلغانغا ئوخشايدۇ.

ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتىمۇ؟

ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ ئۇزۇن ئېغىزىدا يەنە سېزىمچان ئېلېكتىرىك ئورگانلىرى بار. سۇ ئاستىدىكى

ھايۋانلارنىڭ كىچىككىنە ھەرىكىتى پەيدا قىلغان ئاجىز ئېلېكتىر مەيدانى ئارقىلىق ئولجىنىڭ ئورنىنى بېكېتىدۇ.

ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتىمۇ؟

ئۆردەكتۇمشۇق پەقەت ئاۋسترالىيەدىلا بار، لېكىن ھازىر ئاۋسترالىيە قىتئەسىدە ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە قۇرغاقچىلىق بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەريا ئېقىنىدىن بۇلغىنىش سەۋەبىدىن ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ ياشاش ماكانى تېز سۈرئەتتە تارىيىپ كەتتى. ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2070-يىلىغا بارغاندا ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ سانى%73 ئازىيىدىكەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى