ساغلاملىق

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان يەتتە يىل: ئۇ قانداق ياشىدى؟

2013-يىلى بېن(Ben)غا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان. ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇھەببىتى ۋە بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغانلىقى ئۇنى قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتىدىغان جاسارەتكە ئىگە قىلغان، ئۇ ئەسلىدىكى مۇقىم خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، شاڭخەي چىڭئەي ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يۇقۇملانغۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىش قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، ئىلگىرى ئۆزىگە ئوخشاش گاڭگىراپ قالغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئاددىي تۇرمۇشقا قايتىشىغا ياردەم بەردى.

بۇ يىل بېننىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ سەككىزىنچى يىلى، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ تۇرمۇشى زادى قانداق ئۆتتى؟

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان يەتتە يىل: ئۇ قانداق ياشىدى؟

«ھەمراھى»نىڭ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇردى.

11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى بىر كۈنى شاڭخەي شەھەرلىك ئاممىۋى سەھىيە كىلىنىكا مەركىزىنىڭ شەھەر رايونى شۆبىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئاممىۋى سەھىيە مەركىزى» دېيىلىدۇ) دە، مۇخبىر بېننى ئۇچراتتى، ئۇ يەنىلا بېشىغا شەپكىسىنى كىيىۋالغان بولۇپ، قارىماققا بىر يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ھېچقانچە ئۆزگەرمىگەندەك كۆرۈنەتتى. بۇ كۈنى ئۇ دوختۇرخانىغا ھەر كۈنى ئىچىدىغان ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئالغىلى كەلدى. شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۇ بەدىنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارىنى ئىزچىل ياخشى كونترول قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ھەر قېتىم ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۇنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلىنەتتى.

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان يەتتە يىل: ئۇ قانداق ياشىدى؟

2020-يىلى ھەقىقەتەن ئالاھىدە بىر يىل بولدى، يىل بېشىدىكى يۇقۇم سەۋەبلىك بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىلارغا دورا يېتىشمەي قالدى. يۇقۇملانغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دورا يېيىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندىلا ئاندىن ۋىرۇسنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، دورىنى ھەرگىز ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بېن «تېز يوللانمىچىلىق»نى باشلىدى، ئۇ ئاممىۋى سەھىيە مەركىزىگە بېرىپ باشقا يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن دورا ئېلىش مۇلازىمىتى بېجىرىپ، ئاندىن قارشى تەرەپكە تېز يوللانما قىلىش ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بەردى.

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان يەتتە يىل: ئۇ قانداق ياشىدى؟

ئەسلىدە ئۆزى ئۈچ ئايدا بىر قېتىم كېلىپ دورا ئالاتتى، ئەمما يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىرلاشقاندا، ئۇ ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك كەلدى. ئاممىۋى سەھىيە مەركىزى ئۇنىڭ كۆڭلىدە بەزى «قارشىلىق» پەيدا قىلىدىغان جاي ئىدى، چۈنكى بۇ يەر ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ «باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى» ئەسكەرتەتتى. بىراق كۆپچىلىكنىڭ يەيدىغان دورىسى بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ يەنىلا ھەر ھەپتىدە بۇ يەرگە كەلدى.

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان يەتتە يىل: ئۇ قانداق ياشىدى؟

زىيارەت كۈنى بېن يەنە بىر يۇقۇملانغۇچىغا ھەمراھ بولۇپ كېسەل كۆرسىتىۋاتقانىكەن. ئ‍ۇ بىمار گەرچە دوختۇر بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ قويغان بولسىمۇ، بېن قارشى تەرەپنىڭ جىددىيلىشىپ كەتكەنلېكىنى ھېس قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەمراھ بولۇپ داۋالىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوختۇر ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك دېگەندىن كېيىن، بۇ يۇقۇملانغۇچى تېخىمۇ تەشۋىشلىنىپ، تاققا-تۇققا گەپ قىلىپ بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى قانداق قىلىپ شىركەتتىن رۇخسەت سوراش ئىدى.

-ئەنسىرىمەڭ، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مەسىلە ئەمەس، بىز بىر قەدەم بىر قەدەمدىن كېلىمىز،- بېن قارشى تەرەپنىڭ مۈرىسىگە شاپىلاقلاپ قويۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭ سوئاللىرىغا بىر-بىرلەپ جاۋاب بەردى.

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان يەتتە يىل: ئۇ قانداق ياشىدى؟

يۇقۇم ئەھۋالى مۇناسىۋىتى بىلەن بېن مەسئۇل بولغان يۇقۇملانغۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىش پائالىيىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاساسىي جەھەتتىن توردا داۋاملاشتۇرۇشقا ئۆزگەرتىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم خىزمەتلەر بېسېلىپ قالدى، بېن كېيىنكى يېرىم يىلدا تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق نىشانى بار، ئۇ بولسىمۇ يېڭىچە سىناقلارنى قىلىش، باشقىلار قىلىپ باقمىغان مېھرىبانلىق پائالىيەتلىرىنى قىلىش.

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان يەتتە يىل: ئۇ قانداق ياشىدى؟

ئۆزگىرىش ۋە تەسىرلىنىش بېننىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ قارىشىچە ئوپچە تاماق يېگەندە ياردەم پۇلى تارقىتىشتىن ئىبارەت بۇ خىل ياردەم بېرىش ئەندىزىسى ئاللىقاچان سەپتىن چۈشۈپ قالغان بولۇپ، نۇرغۇن يۇقۇملانغۇچىلاردا پۇل كەم ئەمەس، ھەمراھ ۋە تونۇش كەم ئىدى. ئۇلار ھەر ئايدا بىر ئىككى مەيدان مۇقىم كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى، گۈل تىزىش پائالىيىتى تەشكىللەيدۇ، ھەر بىر مەيدانغا كەسپىي پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى قاتنىشىدۇ.

يۇقۇملانغۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىش كېرەك، خىرىس بىلەن ھوسۇل ھەمىشە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بېن ئۆزىنىڭ يەتكۈزمەكچى بولغان ئىدىيەسىنى ئىزچىل ئۆزگەرتىپ باقمىدى، ئ‍ۇ مۇخبىرغا: « ئەيدىز كېسىلى بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل، سىز باشقىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز ھېچكىم سىزنى كەمسىتمەيدۇ، لېكىن ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالغانلىقىمىزنى ئېيتساق، قارشى تەرەپنىڭ مەدەت بېرىدىغان پوزىتسىيەدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ نېمىدېگەن گۈزەل كۆرۈنۈش» دېدى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى