ئاجايىباتلار

45 يىلدىن بۇيان دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان كىچىك ياغاچ ئۆي

سېربىيە تولىمۇ گۈزەل دۆلەت، بۇ دۆلەت تەۋەلىكىدىن ناھايىتى كۆپ دەريا ئېقىپ ئۆتىدۇ. سېربىيەنىڭ باجىنا باستا بازىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى دىرىنا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قورام تاش ئۈستىدە بىر كىچىك ياغاچ ئۆي قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

1968-يىلى سېلىنغان بۇ ياغاچ ئۆي نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

ئەينى يىللىرى بىر قىسىم ياش سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارلىرى سايىداش ھەمدە ئارام ئېلىش ئۈچۈن دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاش ئۈستىگە كىچىك ياغاچ ئۆي سېلىش نىيىتىگە كەلگەن، ئارىدىن بىرى بۇ ئىشقا كېيىنكى يىلىلا تۇتۇش قىلغانىدى.

بۇ ئۆينى سېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان لازىمەتلىكلەر قولۋاق ۋە چاپما قېيىقلار بىلەن توشۇپ كېلىندى، چوڭراقلىرى يۇقىرى ئېقىندا قۇراشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئېقىتىپ ئېلىپ بېرىلدى.

شۇ جايدىكىلەر بۇ ياغاچ ئۆينىڭ دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋاتقىغا 45 يىل بولغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ كىچىك ياغاچ ئۆينىڭ شۇنچە يىللاردىن بۇيان ھېچنىمە بولماي مۇكەممەل ساقلانغانلىقى ئادەمنى بەكلا ھەيران قالدۇرىدۇ.

بۇ ياغاچ ئۆينى ھەتتا كەلكۈنمۇ ئېقىتىپ كېتەلمىگەنىدى. 

مۇشۇ ياغاچ ئۆي سەۋەبىدىن دىرىنا دەرياسىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.

ھازىر بۇ ئۆي شۇ جايدىكى داڭلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى ھەم «دۇنيا بويىچە ئەڭ قالتىس ئۆي» دەپ ئاتالدى.

نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى