چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
ئەرلەر كومپيوتېر ئالدىدا ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرسا ياكى تور ئويۇنى ئوينىسا، ئاسانلا چارچاپ، تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ قۇۋۋەت يېتىشمەسلىكى كېلىپ چىقىدۇ، بۇ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنى غىدىقلاپ، نېرۋا جىددىيلىكىنى ئاشۇرۇپ، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ئەرلەرنىڭ جىددىيلىشىشى ھاجەتسىز، ياخشىسى ۋاقتىنچە كومپيوتېر ئالدىدىن ئايرىلىشى ھەم يېمەكلىك بىلەن چاچقا قۇۋۋەت تولۇقلىشى كېرەك. يەنى كۈنجۈت، ياڭاق قاتارلىق ۋىتامىن A، ۋىتامىن B6 مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك. ۋىتامىن A باش تېرە توقۇلمىسىنىڭ نورمال فۇنكسىيەسىنى ساقلاپ، تۈك تۆشۈكچىلىرىگە ياغ يىغىلىۋېلىشنى ئازايتىپ، چاچنىڭ نورمال يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ۋىتامىن B6 ياغ كىسلاتاسى بىرىكمىسىنى تەڭشەپ، تېرە يېغى ئاجرىتىشنى چەكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، چېچى چۈشىدىغان كىشلەرنىڭ بەدىنىدە تۆمۈر ماددىسى كەم بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداقلار سېرىق پۇرچاق، پالەك قاتارلىق تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ گۈللۈك قامچىئوتنى ئىستېمال قىلسىمۇ جىگەر، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەن ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان چاچ چۈشۈشكە، بولۇپمۇ بەدىنى ئاجىزلارغا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. چاچ چۈشۈش ئۇيقۇ بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان، ئاسان ئۇيقۇسىزلىنىدىغان كىشلەرنىڭ چېچىمۇ ئاسان چۈشىدۇ، شۇڭا بۇنداقلار ئامال بار چۈشتە ۋاقىت چىقىرىپ ئۇخلىۋېلىشى، تەرتىپسىز بىيولوگىيەلىك سائەتنى تەڭشەپ، جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلىشى كېرەك.
ئابلىمىت داۋۇت تەييارلىغان
مەنبە: نۇر تورى