ساغلاملىق

پەقەت ئۇخلىسلا ياخشى تېرىگە ئىگە بولامدۇ؟ يەنە بۇلارغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك!

پەقەت ئۇخلىسلا ياخشى تېرىگە ئىگە بولامدۇ؟ يەنە بۇلارغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك!

ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قايسى مۇھىم نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

1. يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش

تۈنەش تېرىنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ، شۇڭا تېرەم ياخشى بولسۇن دەيدىكەن تۈنىمەسلىك كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر پەقەت سەككىز سائەت ئۇخلىسىلا ھۆسن گۈزەللەشتۈرگەنلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. سەككىز سائەت ئۇخلاش ئەلۋەتتە مۇھىم، بىراق ئۇخلاش ۋاقتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، چوقۇم بالدۇر ئۇخلاش كېرەك. ئەگەر سەھەر سائەت ئىككى ئۈچ بولغاندا ئاندىن ئۇخلاپ، ئىككىنچى كۈنى چۈشتە ئاندىن ئورنىدىن تۇرسا، گەرچە ھەقىقەتەن يېتەرلىك ئۇخلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تېرە ھالىتى چوقۇم ئىنتايىن ناچار بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى كەچ سائەت 10دىن بۇرۇن ئۇخلاش كېرەك، بۇنداق بولغاندا تېرىنىڭ زەھەر تازىلىشىغا تەسىر يەتمەي، تېرىنى ئاسراش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

پەقەت ئۇخلىسلا ياخشى تېرىگە ئىگە بولامدۇ؟ يەنە بۇلارغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك!

2. ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش

گەرچە بالدۇر ئۇخلىسىمۇ، ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولسا، ئىككىنچى كۈنى يەنىلا تېرىسى خۇنۈك بولىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يەنىلا تېرىدە مەسىلە كۆرۈلىدۇ. كۆپچىلىك ئامال قىلىپ ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك كۆپ سۇ ئىچمەسلىكى. چىراغنى ياندۇرۇپ ئۇخلىماسلىق كېرەك، بولمىسا بەدەن ياخشى ئارام ئالالمايدۇ. كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى يانفون ۋە كومپيوتېردىن يىراق تۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

3. ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېرە ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش

ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېرە ئاسراشنىڭ ناھايىتى ياخشى ۋاقتى بولۇپ، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى سۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگەندە، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرلۈشىگە پايدىسى بولىدۇ.

پەقەت ئۇخلىسلا ياخشى تېرىگە ئىگە بولامدۇ؟ يەنە بۇلارغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك!

4. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇش

پەقەت بەدەن ئەركىن ھالەتتە بولغاندا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز ئۇخلىغىلى بولىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى ئىلمان سۇغا چىلاپ ئۇخلىسا، بەدەننى ئىسسىتىپلا قالماي، يەنە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، راھەت ئۇخلىغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى