ساغلاملىق

قان ئالغاندىكى ئېشىپ قالغان قانلار قەيەرگە كەتتى؟ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلەمدۇ؟

قان ئالغاندىكى ئېشىپ قالغان قانلار قەيەرگە كەتتى؟ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلەمدۇ؟

ئادەتتە قان تەكشۈرۈشتە بىر قېتىمدا ئىككى-ئۈچ نەيچە قان ئېلىش نورمال ئىش ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئوخشاش بولمىغان تەكشۈرۈش تۈرىگە ئوخشاش بولمىغان تەركىبتىكى قاننى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئوخشاش بىر نەيچە ئارقىلىق بارلىق خىمىيەلىك تەكشۈرۈشنى تاماملىغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەگەر ئوخشاش بىر نەيچە قاننى ئوخشىمىغان لابوراتورىيەلەر ئارىسىدا ئۇيان-بۇيان ئېلىپ يۈرگەندە ئاسانلا بۇلغىنىش يۈز بېرىدۇ ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر قېتىمدا بىر نەيچە قان ئالغاندىن كۆرە داۋالاش خادىملىرى ئوكۇل يىڭنىسى بىلەن قاننى ئوخشاش بولمىغان رېئاكتىپنىڭ پروبىركىسىغا سېلىپ، ۋاقىت ۋە ئادەم كۈچىنى تېجەيدۇ، ھەم قاننىڭ يىڭنە نەيچىسى بىلەن بۇلغىنىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق بىر قانچە نەيچە ئايرىپ قان ئېلىش ئۇسۇلىدا ئېلىنغان قان بىر قېتىمدىلا بىر چوڭ نەيچە قان ئېلىش بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كۆپ قان ئېلىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ.

قان ئالغاندىكى ئېشىپ قالغان قانلار قەيەرگە كەتتى؟ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلەمدۇ؟

شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىدە مۇنداق گۇمان پەيدا بولىدۇ: قانداق كېسەل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىدىغان بىرىنچى ئىش قان ئېلىشمۇ؟ قاننى قائىدىلىك تەكشۈرۈش ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئاساسلىق تەكشۈرۈشلەرنىڭ بىرى، ئۇ نۇرغۇن ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى بايقىيالايدۇ. شۇ ئارقىلىق دوختۇرلارنىڭ داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئالدى بىلەن قان تەكشۈرۈش دوختۇرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە دوختۇر پەقەت قان تەركىبىدىكى تەركىب مىقدارىنىڭ نورمال سەۋىيەدە ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپلا، بىمارنىڭ قايسى كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىغا دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلالايدۇ.

قان ئالغاندىكى ئېشىپ قالغان قانلار قەيەرگە كەتتى؟ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلەمدۇ؟

ئۇنداقتا قان ئېلىش ئارقىلىق قايسى كېسەللىكلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ؟

1. قان تۈرىدىكى كېسەللىكلەر

ئالدى بىلەن قان ئازلىقنى مىسال ئالساق، قان ئازلىققا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچ قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسى. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئازىيىشى قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆمۈر ئېلېمېنتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئازىيىپ، قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، بۇ ئارقىلىق قان ئازلىقنى كېلىپ چىقىدۇ.

2. مېتابولىزم تۈرىدىكى كېسەللىكلەر

قاندىكى ماي مىقدارى ۋە قان شېكىرى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش ۋە دىيابېت كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. قاندىكى ماي ماددىسى سۇدا ئاسان ئېرىمەيدۇ، شۇڭا دائىم يۇقىرى خولېستېرىن، يۇقىرى ترىگلىتسېرىدلىق قان كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر

يۇقىرىقى كېسەللىكلەردىن باشقا يەنە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، جۈملىدىن B ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى، ئەيدىز، سىفلىس قاتارلىق جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىدە قاننىڭ تەركىبىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. ئالدى بىلەن قان تەكشۈرتكەندە، بىمارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك ئالاھىدىلېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، داۋالاش خادىملىرىنىڭ خىزمەت جەريانىدا يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

قان ئالغاندىكى ئېشىپ قالغان قانلار قەيەرگە كەتتى؟ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلەمدۇ؟

تەكشۈرۈش خادىملىرى قاننى تەكشۈرگەندە، بىر نەيچە قاننى تولۇق ئىشلەتمەسلىكى مۇمكىن، ئادەتتە ئازراقلا تېمىتىپ تەھلىل قىلىدۇ. بەزىلەر بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ: «ئېشىپ قالغان قانلار قەيەرگە كەتتى؟ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلەمدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ. ئالدى بىلەن دوختۇر قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان قاننى دەرھال تاشلىۋەتمەيدۇ، چۈنكى بۇ قان زاپاس ساقلىنىدۇ. ئەگەر كېيىن بىمار ياكى دوختۇردا قان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا نىسبەتەن گۇمان پەيدا بولسا، يەنە ئېشىپ قالغان قان بىلەن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرتسە بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، لازىم بولمايدىغان قان ئەۋرىشكىسى داۋالاش ئەخلەتلىرى قاتارىدا تاشلىۋېتىلىدۇ. داۋالاش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئادەتتىكى ئەخلەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. جەريان ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، يۇقىرى بېسىملىق مىكروبسىزلاندۇرۇش ياكى خىمىيەلىك بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن بىر تۇتاش بىر تەرەپ قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى