ساغلاملىق

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان 24 يىلدا ئۇنىڭ تۇرمۇشى قانداق ئۆتتى؟

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان 24 يىلدا ئۇنىڭ تۇرمۇشى قانداق ئۆتتى؟

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئا خۇا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) باياشات ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاپتوموبىل تېخنىك ئىشچىسى بولدى. كېيىن جۇڭگو-چەتئەل ھەمكارلىقىدىكى مېھمانسارايدا بىر يىلدەك ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئىشلىدى. ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرىدە كىر يۇيۇش دۇكىنى ئاچقان تاغىسى ئۇنى ياردەمگە چاقىردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئا خۇانىڭ ئاپىسىمۇ ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ كېلىشى توغرىسىدا نەسىھەت قىلغانىدى. شۇنداق قىلىپ ئاپىسىنىڭ ياردىمىدە ئۇ تايلاندتىن ئالاھىدە يول بىلەن ئامېرىكىغا يول ئالماقچى بولدى. بىراق ھاياتتا نۇرغۇنلىغان كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

1992-يىلى ئا خۇا لوس ئانژېلېسقا سەپەرگە ئاتلانغاندا، مەزكۇر جايدا چوڭ توپىلاڭ يۈز بېرىپ، ئايروپىلان ئەسلىدىكى يولغا چىققان جايىغا قايتۇرۇۋېتىلدى. ئا خۇانىڭ ئېيتىشىچە، بىر قېتىملىق ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلى سەپەرداشلىرى ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىپ، ئۇلار باش-كۆزى قانغا مىلەنگىچە قاتتىق ئۇرۇشقان. ئا خۇا يارا ئېغىزىنى تېڭىپ، گۇاڭجۇغا قايتىپ كەلگەن. 1993-يىلى 7- ئايدا ئايرودورمدىكى قان تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. ئۇ مەزگىللەردە ئەيدىز كېسىلىنى بىلىدىغانلار يەنىلا يوق دېيەرلىك ئىدى. ئا خۇا ئەيدىزنى جىنسىي كېسەللىكنىڭ بىر تۈرىمىدۇ دەپ گاڭگىراپ تۇرغىنىدا، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ناھايىتى تېزلا گۇاڭجۇ سەھىيە سىستېمىسى ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىگە مەلۇم قىلىندى. ئىككىنچى كۈنى گۇاڭجۇ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى بىلەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىنىڭ ئەمەلدارى ئا خۇانىڭ ئۆيگە كەلدى. ئۇلار ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق نەتىجىنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۈردى. چەكلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىق-تەربىيەسىدىن كېيىن، ئا خۇا بىلەن دادىسى ئەيدىزنىڭ ساقايماس كېسەل ئىكەنلىكىنى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى داۋالايدىغان دورىنىڭ يوقلىقىنى بىلدى.

ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇ ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ زادى قەيەردىن مەسىلە چىققانلىقىنى قايتا-قايتا كاللىسىدىن ئۆتكۈزدى. ئويلا-ئويلا ئاخىرى ئۆزىنىڭ چەتئەلدە ئۇرۇشۇپ دوختۇرخانىغا بارغىنىدا قان بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى يادىغا ئالدى. شۇ پەيتتە ئۇنىڭ قەلبىنى قورقۇنچ ۋە چارىسىزلىك قاپلىغانىدى. 10 كۈندىن كېيىن ئا خۇا بېيجىڭدا تەكشۈرۈلۈپ، گۇاڭجۇ تەۋەلىكىدىكى تۇنجى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى دەپ بېكىتىلدى.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئاممىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان تونۇشى يوق دېيەرلىك بولغاچقا، بۇ كۆپچىلىكتە قورقۇنچ پەيدا قىلغان. 1993-يىلىدىن كېيىنكى بەش-ئالتە يىل ئىچىدىكى كۆزنەك مەزگىلىدە، ۋىرۇس خۇددى ئا خۇادىن يىراقلاشقاندەك، ئۇمۇ ئۆزىنى بەختكە يارىشا مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلدى. بىراق 90-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئۇنىڭدا كېسەللىك ئالامەتلىرى روشەنلەشتى. ئۇنىڭ نەپەسلىنىشى قىيىنلاشتى، ئىككى ئايدىن كېيىن ئۆپكە خالتىلىق ئىششىقى سەۋەبلىك بالنىستتا ياتتى. 2000-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۇنىڭ cd4 ھۈجەيرىسى بىر خانىلىق سانغا چۈشۈپ، پۈتكۈل ئورگانىزمى ھەرقانداق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالمايدىغان بولۇپ قالدى، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىدى. ئۇلار ئۈمىدىنى ئۈزەي دېگەندە دۆلەت ئىچىدە ۋىرۇسقا قارشى ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئۇسۇلى پەيدا بولۇپ، ئۇ ھاياتلىقنىڭ چىرىغىنى قايتا ياندۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇزاق مۇددەت كارىۋاتتا يېتىش تۈپەيلى مۇسكۇللىرى يىگىلەشكە باشلىغانلىقتىن، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن مەخسۇس ئۇۋۇلاشنى ئۆگەندى. شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە يىل ئىچىدە ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى خەتەرلىك ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ، ئايلىقىغا 500 يۈەن ئالىدىغان خىزمەت تاپتى.

2004-يىلى ئا خۇا بالنىستتا ياتتى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا 26 ياشلىق يۈ ۋېن ئىسىملىك قىز ئورۇنلاشتى. ئۇ دوختۇرخانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق قىز ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىدى. ئۇ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ھېچقانداق تەكشۈرۈشكە ماسلاشماي، توختىمايلا يىغلايتتى. بىراق دورا بېرىشكە مەسئۇل دوختۇر بىر كۈنى ئۇنىڭمۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېيتتى. يۈ ۋېنمۇ ئويلا-ئويلا كېسىلىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى بىر قېتىملىق ئوپېراتسىيە جەريانىدىكى قان سېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدى.

2008-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى ئا خۇا بىلەن يۈ ۋېن ئىككىلىسى دوختۇرخانىدا بولۇپ، ياندىكى كىچىك ئاشپۇزۇلدا بىرگە تاماق يېدى. ئولىمپىك يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئا خۇا يۈ ۋىنغا توي تەكلىپى قويدى. شۇنداق قىلىپ، ئېزىلگەن يۈرەكلەر جۈپلەشتى. توي قىلغان دەسلەپكى يىللىرى ئۇلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، دورا ۋە داۋالاش پۇللىرىنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە بەدەن ئەھۋالىنىڭ توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرۇشى تۈپەيلى تۇرمۇشىنى ئىزىغا سالالمىدى. بىراق 2010-يىلىدا ئۇلارنىڭ سودىدا ئامىتى كېلىپ، تىجارىتى يولىغا چۈشتى، تۇرمۇشىمۇ ياخشىلىنىشقا باشلىدى.

تۇرمۇش داۋام ئەتمەكتە. ئا خۇانىڭ مەسئۇل دوختۇرى ئا خۇانىڭ بۈگۈنكىدەك نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ قوللىشى، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۈمىدۋارلىقى، شۇنداقلا كۆپ يىللاردىن بۇيانقى داۋالاشقا ئىزچىل ماسلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىغا خۇلاسىلىدى.

ئا خۇامۇ ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېسابلايدۇ. 2003-يىلى يولغا قويۇلغان «تۆتنى كەچۈرۈم قىلىش، بىردە غەمخورلۇق قىلىش» سىياسىتىدە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانا-بالىنى توسۇش دورىسى ۋە بوۋاقلارنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىسىنى ھەقسىز قوبۇل قىلىدۇ دېگەن بەلگىلىمىسى بويىچە، ئا خۇانىڭ ئايالى ئاخىرى ساغلام بوۋاق يەڭگىپ، ئۆزىنىڭ ئانا بولۇش ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ھازىر ئا خۇا بىلەن يۈۋېن كۈندە ئىككى قېتىم دورا يەيدۇ. ئا خۇا: «ئۆزۈمنى ئۇزاق مۇددەتلىك زۇكامغا گىرىپتار بولدۇم دېگەن ئويدا ھەركۈنى خۇددى ۋىتامىن يەۋاتقاندەك ھېسسىياتتا دورا ئىچىمەن» دېدى. ئايدا بىر قېتىم دوختۇرخانىدىن دورا ئېلىش ۋە ئۈچ ئايدا بىر سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن باشقا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقلەنمەيتتى.

20 يىلدىن بۇيان، ئا خۇا ھەربىر كۈنىنى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنى دەپ قاراپ، تۇرمۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ ياشاپ كەلدى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى