ئۇيقۇسى قاچىدىغانلار دىققەت
ھازىر قىش پەسلى يەنىلا قىش پەسلى، بىراق قىش ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، باھارنى كۈتۈۋالىمىز. بۇ خىل پەسىل ئالمىشىدىغان پەيتتە، كۆپچىلىك چوقۇم كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاشقا دىققەت قىلىشى، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشى، كېسەلگە پۇرسەت قالدۇرماسلىقى كېرەك. بۇنداق ۋاقىتتا سىرتنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، نەملىكى تۆۋەنلەيدۇ، ھاۋا يەنىلا بىر قەدەر قۇرغاق بولىدۇ. تېرىنى ئاسراش جەھەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر نەملىك ساقلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر خىل گىرىم بۇيۇملىرىغا تېخىمۇ تايىنىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تېرە ۋە تەن ساغلاملىقىنى ھەقىقىي تۈردە قوغلىشىش ئۈچۈن، كۆپچىلىك يېشىل، ئورگانىك كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ تېرىڭىز كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ، تېنىڭىز ساغلام بولىدۇ.
تۇرمۇشتا ئۇيقۇسىزلىق بىمارلارغا ناھايىتى زور ئازاب ۋە روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، يەنە ئۇيقۇسىزلىق دورىسىنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكتىن بەدەننىڭ باشقا تەرەپلىرىگە زىيان يېتىدۇ. لېكىن يەنە نۇرغۇن ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيقۇسىزلىقنى پەسەيتكىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ.
لۇڭيەن قېقى بولسا لۇڭيەننى قۇرۇتۇپ تەييارلايدىغان يېمەكلىك. لۇڭيەن تەركىبىدە مول بولغان گلۇكوزا، قومۇش شېكىرى، ئاقسىل ۋە تۆمۈر مىقدارى ناھايىتى مول بولۇپ، قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان تولۇقلايدۇ. جەنۇبتىكى تۇغۇتلۇق ئاياللار قىرقى ئىچىدە كۆپرەك لۇڭيەن قېقىنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىش ئارقىلىق بەدىنىگە تۆمۈر ۋە قان تولۇقلايدۇ.
لۇڭيەن قېقى مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە ئالاھىدە پايدىلىق بولۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ. تۇخۇم سېرىقىغا ئوخشاش مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە ئىگە. لۇڭيەن قېقىغا ياڭاق، قارا شېكەر قوشۇپ لۇڭيەن ياڭاق كەمپۈتى ياسىسا بولىدۇ، بۇ ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلىپ يۈرۈشىگە قولايلىق.
لۇڭيەن تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تۆمۈر، كالىي قاتارلىق ئېلېمېنتلار بولۇپ، قان ئازلىقتىن كېلىپ چىققان يۈرەك سىقىلىش، يۈرەك سېلىش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئۇنتۇغاقلىقنى داۋالايدۇ. لۇڭيەن قېقى ۋە قىزىل شېكەرنى قاينىتىپ سۇيىنى ئىچىشكە بولىدۇ. ئۇ يەنە تەبىئىي ئۇيقۇ دورىسى دېيىلىدۇ، شۇڭا ئۇيقۇسى ناچار كىشىلەر كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.