تەرمىلەر

چاچ بويىغاندا بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ

چاچ بويىغاندا بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ

چاچ بويىغاندا ياخشى بولغان بوياق تاللاشتىن باشقا، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ:

1. چاچ بوياشنىڭ قېتىم سانىنى تىزگىنلەڭ

بىر يىلدا ئەڭ ياخشىسى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق چاچ بويىماڭ، ھەر قېتىمقى چاچ بويىشىڭىز ئۈچ ئايدىن يۇقىرى بولسۇن. نۆۋەتتە پۈتۈنلەي زىيانسىز دەپ قارىلىدىغان چاچ بويىقى يوق، شۇڭا بىخەتەرلىك نۇقتىسىدا تۇرۇپ، چاچ بوياش قېتىم سانى ۋە ۋاقتىنى تىزگىنلەڭ.

2. چاچ بوياقلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتمەڭ

بىرلا ۋاقىتتا ئوخشىمىغان ماركىدىكى ۋە تۈردىكى چاچ بويىقىنى ئىشلەتمەڭ. بولمىسا ئۆزئارا رېئاكسىيەلىشىپ زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىپ، سەزگۈرچانلىقنى ئاشۇرىدۇ.

3. چاچ بويىغاندىن كېيىن كۆپرەك يۇيۇڭ

چېچىڭىزنى بوياپ بولغاندىن كېيىن بىر قانچە قېتىم يۇيۇۋەتسىڭىز چاچ بوياقنىڭ قالدۇق ماددىلىرىنى ئازايتىپ، بەدەنگە بولغان پايدىسىز تەسىرىنى تۆۋەنلىتەلەيسىز.

4. چاچ بوياشتىن بۇرۇن سەزگۈرلۈك سىنىقى ئىشلەڭ

چاچنى بوياشتىن بۇرۇن بوياقنى بىلىكىڭىزنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يۇمران تېرىگە سۈرۈپ، 48 سائەت كۆزىتىڭ. ئەگەر قىچىشىش، قىزىل داغ، يەل تاشمىسى قاتارلىق سەزگۈرلۈك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە، ئاندىن چېچىڭىزنى بوياڭ.

باش قىسمى تېرىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ياكى باش تېرىسىدە ياللۇغ بار كىشىلەر، چاچ بويىقىغا سەزگۈر، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز، ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغۇچىلار، ھامىلىدارلىق ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللارغا چاچ بويىماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى