نېمىشقا ھامىلدار مەزگىلى ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە چاچ چۈشۈش كۆپ بولىدۇ؟
نىمىشقا ھامىلدار مەزگىلى ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە چاچ چۈشۈش كۆپ بولىدۇ؟
ھامىلدارلىق مەزگلىدە ھورمۇنلارنىڭ ئۆزگىرىشى بىۋاستە چاچ يىلتىزىغا تەسىر قىلىپ، ھورمۇن تۈك خالتىسىدىكى ئوكسىگېننى سۈمۈرىۋېلىپ، تۈك يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ چاچنىڭ چۈشۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ ھەمدە چاچنىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، چاچنىڭ ئىنچىكىلەش، ئۇچى يېرىلىش، جانسىز بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇ جەرياندا غىدىقلىغۇچى تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ھەم چاچقا ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئانا يەڭگىگەندىن كېيىن بەدىنى ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئوزۇقلىنىشقا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. ئانا بالا ئېمىتكەن چاغدا، بەدىنى قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇقلار ئانا سۈتى ئارقىلىق بالىغا بارىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن بەدەندە ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇپ، چاچقا بارىدىغان ئوزۇقلۇق ئازىيىپ كېتىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن چاچ يىلتىزى بوشىشىپ، باش تېرىسىنىڭ چاچنى تۇتۇپ تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ چاچ چۈشىدۇ. بۇ مەزگىلدە ياخشى كۈتۈنمىگەندە چاچنىڭ چۈشۈشى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ، شۇڭا بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە چاچنى قۇۋۋەتلەشكىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.