ساغلاملىق

ياشانغان كىشى ئەيدىز كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغاندا ئوغلىنىڭ قىلغانلىرى

ياشانغان كىشى ئەيدىز كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغاندا ئوغلىنىڭ قىلغانلىرى

23-كارىۋاتتىكى كېسەلخانىدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋاز ئاڭلىنىۋاتاتتى. ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر ئاق چاچلىق بىر بوۋاينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «سەن 65 ياشقا كىرىپ قالدىڭ، نومۇس قىلساڭ بولمامدۇ؟ بۇ گەپ تارقىلىپ كەتسە، مەن قانداق ياشايمەن، ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنىلار بىزنى قانچىلىك كۈلكىگە قويىدۇ؟ سەن بەك نومۇسسىز ئىكەنسەن» دەۋاتاتتى. تىللانغان بوۋاي كېسەلخانىدا بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. دوختۇر ۋە سېسترالارنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ياشلىق ئەر ئاستا-ئاستا غەزىپىنى بېسىۋېلىپ، بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى. ئۇ ھاقارەتلىگەن بوۋاينىڭ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش كەلدى. كىم تىللىسا مەيلى، لېكىن ئۆز ئوغلى تىللىسا، بۇنىڭدىكى ئازابنى باشقىلار چۈشەنمەيدۇ.

ئاتا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا يەنە قانداق ئۆچمەنلىك بار؟
بىر ھەپتە ئىلگىرى لاۋپېڭ سەۋەبسىز ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئىچى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە كىرىپ قالغان، دوختۇر دەسلەپتە بۇنى پەقەت ئادەتتىكى جىددىي خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى دەپ قارىغان، لېكىن تەكشۈرگەندىن كېيىن ھەممە ئىشنىڭ ئۇنداق ئاددىي ئەمەسلېكىنى بايقىغان.
لاۋپېڭ بالنىستتا يېتىپ ئۈچىنچى كۈنى تەكشۈرۈش بۆلۈمى تېلېفون قىلىپ لاۋپېڭنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققانلىقىنى ئېيتىپ، يەنە بىر قېتىم قان ئېلىپ، شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىگە ئاپىرىپ ئېنىق دىياگنوز قويدۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن. شۇ كۈنى سېسترا لاۋپېڭدىن يەنە بىر قېتىم قان ئېلىپ، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىگە ئاپىرىپ، يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ ئاخىرىدا لاۋپېڭنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېنىقلىغان.
دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىگەندە، ئۈچەيدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئارقىدىنلا ئىچ سۈرۈش، قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

لاۋپېڭغا ئەيدىز كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ لاۋپېڭغا بولغان پوزىتسىيەسىمۇ جىددىي ئۆزگىرىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۆزلىرىگە يۇقۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپلا قالماستىن، بەلكى لاۋپېڭنى دۇرۇس ئەمەس، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزدى دەپ قارىغان.

ياشانغان كىشى ئەيدىز كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغاندا ئوغلىنىڭ قىلغانلىرى

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش شەكلى جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق تارقىلىش، قان ئارقىلىق تارقىلىش ۋە ئانىدىن بالىغا تارقىلىش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق تارقىلىش ئەڭ ئاساسلىق ئۇسۇل ئىكەن.
بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇئامىلىسى، لاۋپېڭنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى، ئۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتتى، ھەتتا ئۆلۈشنى خالايدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ دوختۇرغا يىغلاپ تۇرۇپ: «بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش راستتىنلا سەتچىلىك ئىكەن، دوختۇر، مەن بۇ كېسەلنىڭ بۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن، ھازىر ياشاش ئۆلۈمدىنمۇ بەكرەك ئازابلىق بىلىنىۋاتىدۇ، ماڭا ئازابسىز ئۆلۈم ئوكۇلى ئۇرۇپ قويۇڭ» دېدى.
لاۋپېڭنىڭ ئېيتقانلىرى ئارقىلىق دوختۇر ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە بەش يىل بولاي دەپ قالغانلىقىنى، لاۋپېڭنىڭ ئىزچىل يالغۇز تۇرۇۋاتقانلىقىنى، باشقا ئەر-خوتۇنلارنىڭ قېرىغىچە بىللە ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تىكەندەك يالغۇز تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا بەك ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى بىلدى. تەۋەلىك تۇيغۇسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزاق مۇددەتلىك بېسىم ئ‍استىدا تۇرۇۋاتقان لاۋپېڭ بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە خۇشاللىق ئىزدەپ، كەيپ-ساپالىق دۇنياغا غەرق بولۇپ، ئۆزىنى تارتالماي قالغان.

ياشانغان كىشى ئەيدىز كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغاندا ئوغلىنىڭ قىلغانلىرى

دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ياشانغانلارمۇ ئوخشاشلا نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجىغا موھتاج ئىكەن، نۇرغۇن كىشىلەر ئادەم قېرىغاندا جىنسىي ئېھتىياج بولمايدۇ دەپ قارايدىكەن، ئەمەلىيەتتە بۇ توغرا ئەمەس، ياشانغانلارمۇ ئوخشاشلا جىنسىي تۇرمۇشقا موھتاج، پەقەت بىخەتەر جىنسىي تۇرمۇشنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم. لاۋپېڭمۇ ئوخشاشلا دائىم بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمايدىغان، ئۆزىنى قوغداش ئېڭى يوق، ھەتتا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش شەكلىنىمۇ بىلمەيدىغان بولغاچقا، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان.
ئەيدىز بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ جەمئىيەتتە يېتەرلىك كەڭ قورساق بولۇشى تېخى كەمچىل.
دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياشانغانلاردا ئەيدىز كېسەللېكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بىردىنلا يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە، ياشانغانلاردىمۇ ئوخشاشلا جىنسىي ئېھتىياج بار بولۇپ، ياشانغانلاردا ئۆزىنى قوغداش ئېڭى كەمچىل بولغان. قانداق قىلغاندا ياشانغانلارنى بەختلىك، گۈزەل، بىخەتەر تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا قېرىغاندا يۆلەنچۈكسىز قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە موھتاج مەسىلە.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى