تەبىئەت

قۇشقاچ ئۆلمەس جانلىقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ؟

قۇشقاچ دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان قۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھەممىلا يەردە دېگۈدەك ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇشقاچلار ھەر قېتىم توپ-توپ بولۇپ پەيدا بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، قۇشقاچ دېگەن بۇ سۆز بىر خىل چوڭ تۈر بولۇپ، ھەرگىزمۇ بىر خىل قۇش ئەمەس، بەلكى 27 خىل كىچىك تىپتىكى قۇشقاچنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. ئېلىمىزدە كۆپ ئۇچرايدىغان قۇشقاچلار ئاساسلىقى بەش خىلغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس، شۇڭا كىشىلەر قۇشقاچ تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ئاسانلىقچە پەرقلەندۈرۈپ بولالمايدۇ.

كۆپ ساندىكى قۇشقاچنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن ئەمەس، يەنى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە ياشىيالايدۇ. ئەمەلىيەتتە قۇشقاچلار تۈر توپىنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ، ناھايىتى غەلىتە يېرى شۇكى، بىز ئۆلۈپ كەتكەن قۇشقاچلارنى ئاساسەن كۆرەلمەيمىز، ھەتتا پۈتۈن ئۆمرىمىزدىمۇ كۆرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.

قۇشقاچ ئۆلمەس جانلىقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ؟

ئۇنداقتا قۇشقاچلار زادى نەگە كېتىدۇ؟

ئالدى بىلەن ھەرقانداق بىر قۇشقاچنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ مەلۇم بىر جەريانى بولىدۇ، ساغلام ھالەتتىكى بىر قۇشقاچنىڭ ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدىغان قۇشقاچلار چوقۇم ئاغرىپ قالغان ياكى ئېغىر يارىلانغان بولىدۇ.

ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، يارىلانغان، ياكى كېسەل بولغان قۇشقاچلار ئادەتتە كىشىلەر توپلاشقان جايلارغا كەلمەيدىكەن، قېرىپ كەتكەن ياكى يارىلىنىپ ئاغرىپ قالغان قۇشقاچلار جىمجىت، چەت، يىراق ئورمانلىقنى تاللاپ، يارىسىنىڭ ساقىيىشى ياكى ھاياتىنىڭ تىنچ ئاخىرلىشىشىنى كۈتىدىكەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، قۇشقاچلار گەرچە كىشىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرسىمۇ، لېكىن يارىلانغان ۋە قېرىپ كەتكەن قۇشقاچلار بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار كۆپ ھاللاردا كىشىلەر توپى ۋە شەھەر-بازارلاردىن يىراق يەرگە كېتىدىكەن، شۇڭا بۇ خىلدىكى قۇشقاچلارنى تەبىئىيلا كىشىلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرىتىدۇ.

قۇشقاچ ئۆلمەس جانلىقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ؟

قۇشقاچلا ئەمەس، مۇتلەق كۆپ ساندىكى قۇشلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق بىر نەچچە خىلغا بۆلۈنىدۇ: بىر قىسىملىرى ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، چۈنكى ئاغرىپ قېلىپ ئوزۇقلۇق تېپىپ يېيەلمەي ئاخىرىدا كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ ياكى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ، بىر قىسىملىرى يارىلىنىپ ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن، تىنچ بىر جاينى تېپىپ ئارام ئالىدۇ، نەتىجىدە بىرەر كۈشەندىسىنىڭ بىر ۋاقلىق تامىقىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، قۇشقاچ ئىنتايىن كەڭ تارقالغان قۇش تۈرى، شۇنداقلا بەك ئاجىز بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۈشەندىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. دالىدىكى قۇشقاچلار ئىچىدە كۈشەندىلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كۈشەندىلىرىنىڭ ئوزۇقىغا ئايلىنىپ كەتكەن قۇشقاچلارنىڭ تېنى، ھەتتا سۆڭىكىمۇ قالمايدۇ، مانا بۇ كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلگەن قۇشچاقنىڭ جەسىتىنى كۆرەلمەسلېكىنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر.

قۇشقاچ ئۆلمەس جانلىقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ؟

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، دالىدا ئۆلۈپ كەتكەن قۇشقاچلارمۇ ناھايىتى تېزلا باشقا گۆشخور ھايۋانلار تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ياكى چۈمۈلە تۈرىدىكى ھاشاراتلار تەرىپىدىن پاكىز تازىلىنىدۇ، بۇ جەريان ناھايىتى قىسقا ھەم تېز بولۇپ، ھېچكىم بايقىيالمايدۇ. شۇڭا قۇشقاچنىڭ ئۆلۈكىنى ئاسانلىقچە ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.

خۇلاسە شۇكى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن ھايۋانلار ئىنتايىن زېرەك بولۇپ، ئۇلار ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئالدىن بىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، قۇشقاچ ئۆزىنىڭ ۋاقتى كۆپ قالمىغاندەك ھېس قىلغاندا يوشۇرۇن بىر جاينى تېپىپ ، كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن غايىب بولىدۇ، شۇڭا ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا قۇشقاچنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرەلەيدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى