ساغلاملىق

قارا تەنلىك ئوغۇل دوستىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۋالغان قىزنىڭ بۈگۈنى

قارا تەنلىك ئوغۇل دوستىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۋالغان قىزنىڭ بۈگۈنى

جۇ لىيا 1982-يىلىدىكى شىئەن شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ تىلغا ئالغۇدەك ھېچقانداق ئالاھىدە يېرى يوق، لېكىن ئۇنىڭدا بۇرۇنلا ئەركىن مۇھەببەتلىشىش قىممەت قارىشى پەيدا بولغان، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى ئەركىن مۇھەببەتلەشكەندە بوۋىسىنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، لېكىن ئۇ ئىككىيلەن قارشى تۇرۇشقا قارىماي بىرگە بولۇپ ئاندىن بىر بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ چىققان، ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇھەببىتى جۇلىياغا ئىزچىل تەسىر قىلىپ كەلگەن.

قارا تەنلىك ئوغۇل دوستىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۋالغان قىزنىڭ بۈگۈنى

جۇ لىيا ئادەتتىن تاشقىرى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدىغان بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپ نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەن، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن ئۇ ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۇنى قوغلىشىدىغان نۇرغۇن ئوغۇللار بار بولغان، ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغان پۇرسەتتە، ئۇ باھامالىق كېلىشكەن ئوقۇغۇچى مالاڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدى، ھەمدە ئىككىيلەن تېزلا مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كەتتى.

قارا تەنلىك ئوغۇل دوستىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۋالغان قىزنىڭ بۈگۈنى

مالاڭ تىپىك قارا تەنلىك، ئىگىز ھەم ئورۇق، ھەم خېلىلا كېلىشكەن يىگىت. ئەمما ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى جۇلىياغا نىسبەتەن يات ئەلدىكى مۇھەببەت ئىدى، شۇڭا بۇ ئىشنى ئۆيدىكىلەر بىلگەندىن كېيىن نەسىھەت قىلىپ توستى، لېكىن جۇ لىيانىڭ كارى بولمىدى، ھەتتا ئاخىرىدا يەنىلا مالاڭ بىلەن بىللە تۇرۇپ ئۆزى خالىغانچە تۇرمۇش كەچۈردى، ئۇ بۇ ئىشنى تاكى مالاڭ ئوقۇش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ باھاماغا قايتىپ كەتكۈچە داۋاملاشتۇردى.
ئەمەلىيەتتە جۇ لىيا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پۈتۈنلەي بىر قارارغا كەلمەي تۇرۇپلا، بىر شۇم خەۋەر ئۇنى قايمۇقتۇرۇپ قويغان، ئۇ چاغدا مالاڭ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، مەكتەپ ئۇنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلدى. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ئەيدىز كېسىلى دۇنيادىكى خەۋپى ئىنتايىن چوڭ بىر خىل كېسەللىك، چۈنكى ئۇنى ئەيدىز ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، يوشۇرۇن مەزگىلىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.

قارا تەنلىك ئوغۇل دوستىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۋالغان قىزنىڭ بۈگۈنى

ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئەيدىز كېسىلى جىنسىي يول ئارقىلىق ئەڭ ئاسان تارقىلىدۇ. ئ‍ەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، مەكتەپ جۇ لىياغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، جۇ لىيانىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان، ئەينى چاغدا جۇ لىيا ئاسمان-زېمىن چۆرگىلەۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، نائىلاج ياتاقتىن كۆچۈپ چىقىپ، ئۆزى بىر كىچىك ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ، خېلى بىر مەزگىلگىچە ھېچ ئىش قىلغۇسى كەلمەي، پۈتۈن دۇنيا ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك ھېس قىلغان.

قارا تەنلىك ئوغۇل دوستىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۋالغان قىزنىڭ بۈگۈنى

جۇ لىيانىڭ گۈلدەك ياشلىقى بىردىنلا توختاپ قالغاندەك بولۇپ قالغان، بىراق جۇ لىيا يەنىلا ئۆزىدە بار بولغان چىدام-باتۇرلۇقنى يوقىتىپ قويماي، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، ئۇ ئاستا-ئاستا مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ، بۇرۇنقى تۇرمۇشىدىن ئاستا-ئاستا چىقتى ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئاشكارا ئەيدىز كېسىلى بار قىز بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىش مىساللىرى ئارقىلىق قىزلارنى چوڭقۇر ئويغىتىش، چوقۇم ئۆزىنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭ كونا يولىدا ماڭماسلىقى ئۈچۈن 2005-يىلى بىر پارچە «ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان قىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» ناملىق كىتابنى يېزىپ شۇ يىلى نەشر قىلدى.

قارا تەنلىك ئوغۇل دوستىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۋالغان قىزنىڭ بۈگۈنى

بۇ مەزگىلدە شياۋبەي ئىسىملىك بىر ئەيدىز پىدائىيسى ئۇنى ئىزچىل قوللىدى، جۇ لىيا ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىپ بەردى، ئۇ كۈنلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن توغرا يولغا سالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇ لىيامۇ بىر پىدائىيغا ئايلاندى، ئۇ بۇ توپنىڭ ئىچىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ بەختكە قارشى يۇقۇملانغان توپلارغا ئاز-تولا يورۇقلۇق ۋە رەڭدارلىق ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى دۇنيادا يەنىلا ئىللىقلىق بارلىقىغا ئىشەندۈردى.
ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا «ھاياتلىق ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەۋجۇتلۇقى»، مەيلى مۇھەببەت ياكى تاللاش بولسۇن، ھەممىسى ھاياتنى ئاساس قىلىدۇ، ھاياتلىق يوق بولسا مۇھەببەت پەقەت ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاللاشتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، بىزدە «جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان» دەيدىغان گەپ بار، ھەرگىزمۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماڭ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى