ساغلاملىق

بەدىنىڭىزنىڭ «چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى»نى تاپشۇرۋېلىڭ

بەدىنىڭىزنىڭ «چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى»نى تاپشۇرۋېلىڭ

ئادەم بەدىنىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى

مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلۈشى: بۇ مەھسۇلات باش، ئۈستۈنكى بەدەن، بەل، قول ۋە پۇتتىن ئىبارەت بەش قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە سۆڭەك تىرەك رولىنى ئوينايدۇ، بەدەندە جەمئىي 206 پارچە سۆڭەك، 639 پارچە مۇسكۇل ھەمدە ئالماشتۇرۇشقا بولمايدىغان ئەزالاردىن بىر قانچىسى بار.

ماتېرىيال: سۇ، ئاقسىل، ماي ۋە قەنت تۈرى، مېنېرال ماددا قاتارلىقلار.

1. باش قىسمى: چاچ، چوڭ مېڭە ۋە چىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مېڭىنىڭ ئىشلىتىلىشى زىيادە كۆپ بولسا، ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە ياكى ئاتىلىق ھورمۇن كۆپىيىپ كەتسە چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئاقسىل مىقدارى مول تۇخۇم ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى كۆپ يەپ، ھايۋاناتنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئاز يېيىش كېرەك.

چوڭ مېڭە ئۇزاق مەزگىللىك ھاراق ئىچىش ۋە تەنھالىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۈنۈمى ۋە ئىشلىتىلىش ئۆمرىگە تەسىر يېتىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوڭ مېڭىدىكى «ئەخلەت»لەرنى تازىلاپ، كۈندە يەتتە-سەككىز سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇپۇرماق كىسلاتاسى قاتارلىق كۆپ خىل ۋىتامىن، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول يېمەكلىكلەردىن پۇرچاق، ياڭاق قاتارلىقلارنى يېيىش، تېپىشماق تېپىش، كىتاب ئوقۇشتەك مېڭە مەشىقى ئىشلەش؛ كۈندە يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئوكسېگىنلىق ھەرىكەت ئىشلەش كېرەك.

ھەركۈنى ئەتىگەن-كەچتە چىش چوتكىلاپ، تاماقتىن كېيىن چىش تازىلاپ، يىلدا بىر قېتىم چىش يۇيدۇرۇش كېرەك.

2. ئۈستۈنكى بەدەن بويۇن-مۆرە قىسمى، كۆكرەك قەپىسى، يۈرەك ئالدىنقى رايونى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

باشنى تۆۋەن سېلىش بويۇن ئومۇرتقا قىسمىغا ئارتۇقچە بېسىم ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا خىزمەت ياكى ئۆگىنىشتە ھەر بىر سائەتتە بويۇننى ئوڭ-سولغا ئايلاندۇرۇپ، كۆكرەك كېرىپ، مۆرىنى قىسىش ھەرىكىتى ئىشلەش؛ ئۇخلىغاندا ياستۇق بىلەن بويۇننىڭ ئارىلىقى بىر مۇشت ئەتراپىدا بولۇش، ئىسسىق لۆڭگىنى يېقىپ، ھارغىنلىقنى يوقىتىش، ھاۋا سوغۇق كۈنلىرى شارپا چىگىش كېرەك.

مەيلى ئەر ياكى ئاياللاردا بولسۇن، كۆكرەك قەپىسىنىڭ چىگىرىسى نائېنىق بولىدۇ، قاتتىق مونەك ياكى مەزكۇر ئورۇندا يېرىلىش، يارىلىنىش، قىزىرىش، كۆكسى مونىكى ئولتۇرۇشۇش، سولىشىش، ھۆل تەمرەتكە كۆرۈلۈشتە ئەھۋاللار كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرخانىغا كۆرسىتىش كېرەك.

3. بەل-ئومۇرتقا قىسمى بەل، ساغرا، يانپاش بوغۇمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

مەيلى ئۆرە تۇرغاندا ياكى ئولتۇرغاندا بولسۇن، بەلنى تىك تۇتقاندا ئومۇرتقىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. پاقىچىلاپ سۇ ئۈزۈش، يوگا ۋە پىيادە مېڭىشتەك ھەرىكەتلەر بەلنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق، ئېغىر نەرسىلەرنى ئاز كۆتۈرۈش كېرەك.

4. قول قىسمى جەينەك، بېغىش ۋە بارماقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

مائۇسنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئېغىر نەرسە يۆتكىگەندە، بالا كۆتۈرگەندە بېغىش زەخمىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. شۇڭا ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىسسىق لۆڭگىدە سۈرتۈش، جەينەك ئاسراش لېنتىسى تاقىۋېلىش كېرەك.

5. پۇت قىسمى تىز، كىچىك پاقالچاق، ئوشۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تىز بەدەندىكى ئەڭ ئاسان ئۇپرايدىغان قىسىم بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئاشقانسېرى ئەھۋال شۇنچە ئېغىرلايدۇ. شۇڭا ئورۇقلاش، بەدەن ئېغىرلىقىنى نورمال دائىرىدە ساقلاشقا دىققەت قىلىش، كالتىسي تولۇقلاش، زوڭزىيىش ياكى تىزلىنىشتەك تىزنى زەخمىلەندۈرىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش كېرەك.

كىچىك پاقالچاق ۋېنا تومۇرلىرىدىكى قاننى يۈرەككە يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئۆرە تۇرغاندا تاپاننى ئاستا-ئاستا يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ بىردەمدىن كېيىن يەنە ئاستا قويۇپ بەرگەندە بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ. ئاياقنىڭ ئىگىزلىكىنى ئىككى-ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدا تىزگىنلەش كېرەك. ھەپتىدە بەش كۈن ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرغاندا، كىچىك پاقالچاقتىكى مۇسكۇلنى %13 يىگىلىتىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئەگەر يۇقىرىقى ئەزالارنى قالايمىقان ئىشلىتىش، زىيادە چارچىتىش، ئوزۇقلاندۇرۇش نامۇۋاپىق بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىپلا قالماي، خورىشىنى تېزلىتىدۇ. شۇڭا ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بۇ «مەھسۇلات» قايتا سېتىلمايدۇ ۋە قايتۇرۇلمايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى